ياشلىقىدا ئازمىغان كىم بار،
ياشلىق دېگەن نادانلىق تۇرسا؟
تىنىچ قويماي ھېجران غوۋغاسى،
قىلغانلىرى قاراملىق تۇرسا؟
ياشلىقىدا ئازمىغان كىم بار،
ياشلىق دىگەن تامام تەنتەنلىك،
نەسىھەتكە كۆنمەيدۇ ،چۇنكى،
ياش كۆڭۇلنىڭ سەۋرىسى چەكلىك.
ئېيتقانلىرى تۇگىمەس ناخشا،
قىلمىشلىرى كۇندە بەڭۋاشلىق.
تەنھالىقنىڭ ئازاپلىرىغا
بېرەلمەيدۇ ئەسلا بەرداشلىق.
نادانلىقتىن، ياشلىقتىن باشلىق،
قاردا قالدى ئورۇلماي ئاشلىق،
بىزدىن رەنجىپ يۇرمەڭ ئاتىلار،
سىلەردىمۇ بولغانغۇ ياشلىق؟!
مەنبە:مۇھەممەتجان راشىدىن...