بىرلا ئەر، بىرلا خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھنى قوغداشنىڭ كاپالىتلىك تۈزۈمى. لىكىن ئاز بولمىغان شياڭگاڭ ئەرلىرىنىڭ ئۆز ئاياللىرىدىن يۇشۇرۇن" ئولجىسى"بارئىكەن.28 -ئىيون ئاياللار توپلىشىپ "ئاشنا" تۇتقانلارغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا كۆلەملىك نامايىش قىلدى.شۇنداقلا تىگىشلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن"ئاشناجان"(ئەرلەر)لار،"ئاشنا"(ئاياللار)لارنى رەت قىلىشتى،شۇنداقلا ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىدىن "ئاشنا"تۇتقان" ئەسكى"ئەرلەرنى ئېغىر جازالاشنى تەلەپ قىلغان.
نامايىش مەسئۇلى لىڭ يىلى خانىم28-ئىيون مۇنداق كۆرسەتتى،شياڭگاڭلىق ئەرلەرنىڭ"ئاشنا" بېقىش ئەھۋالى بەكلا ئېغىر، شۇڭا ئېغىر بېىسىمغا دۇچ كەلگەن ئاياللارنىڭ ئەرز قىلىدىغان ئورۇن يوق بولۇش سەۋەبىدىن، دەردىنى ئىچىدە بىلىپ كۆز يېشى قىلىپ يۈرگەنلىكى شۇ سەۋەبدىن ئائىلە ماجراسىنىڭ كۆپلەپ كەتكەنلىگىنى،شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە تەيۋەننىڭ "ئاشنا "تۇتۇشنىڭ قوش نىكاھلىنىش جىنايەت ھىساپلايدىغان قانۇنىنىڭ بارلىقىنى،شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭمۇ "ئاشنا"تۇتقان ھەم باققانلارغا قارىتا قانۇن تۇرغۇزۇپ ئېغىرلىرىنى تۇرمىغا قاماپ،ئەسلى ئايللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا توختىلىپ تەكىتلەش قىلدى.ئۇ يەنە 4000دىن ئارتۇق ئايللارنىڭ ئىمزاسىنى توپلىغانلىغىنى، قانۇن تۇرغۇزۇتۇش ئۈچۈن نامايىش قىلىدىغانلىغىنى ئېيتتى.
نامايىشقا قاتناشقان لىن خانىم توي قىلغىنىغا كۆپ يىللار بولۇپ 3پەرزەنتىنىڭ بارلىغىنى ،بۇرۇن يولدىشىنىڭ نىكاھدىن سىرت ئاشنىسىنىڭ بولغانلىغنى، ئۆزى سىزىپ قالغاندا ئىنتايىن بىئارام بولغانلىغى،پەرزەنتىنىڭ قاتتىق نارازىلىغى،شۇنداقلا ئۆزىنى باشقا پائالىيەتلەرگە
قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق دىققىتىنى تارتالمىغانلىغى، مەسلەن كىتاب كۆرۈش،ئۆزىنى نابۇت قىلىشنىڭ ئالدىن ئېلىش كۇرسىغا،ئاۋام نىكاھ تەربىيىسى سىنىپلىرىغا قاتناشقانلىغى توغرىسىكىدىكى يىغا نالىسىدەك دىل بايانلىرىنى ئىيتتى.
تېخىمۇ كۆپلىگەن نالە-پەريات قىلغان مىساللارنى بىلگىڭىز كەلسە مەنبەسىگە كىرىڭ:
http://news.sina.com.cn/c/2009-06-29/144618116220.shtml