تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل جۇڭگو زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەركىزى شەھىرى ئۈرۈمچىگە يېتىپ باردى.
ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا قاراتقان زىيارىتى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
گۈل، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا بارغان تۇنجى تۈرك جۇمھۇر رەئىسى سۈپىتىدە تارىخ بېتىگە يېزىلدى.
بىرىنچى بولۇپ قىزىلتاغ باغچىسىنى زىيارەت قىلغان گۈل، ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا باردى. گۈلگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخرى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى، تون ۋە دوپپا كېيگۈزۈلدى.
گۈل، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە قىلغان سۆزىدە تارىخىي يىپەك يولىنىڭ پويىز بىلەن تەكرار جانلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەييارلىقلارنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
گۈل ئۈرۈمچىدە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتىكوم سېكېرتارى ۋاڭ لىچۇەن ۋە ئاپتونۇم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلارنى قۇبۇل قىلدى.
[ بۇ يازما ئوباما تەرپىدىن 2009-06-29 16:20 دە قايتا ]