ئالىم ھەم ھېكىملەر يەنە سۆزلىدى ،
ئۆزىن تۇتمىغان ئەر بىشىنى يەر دىدى .
تىرىش ، ئەقلىڭ بىلەن يىڭىلسۇن ھاۋا ،
ھەۋەستىن يىڭىلسە ، بولۇر ئەر ياۋا .
كۆزى ئاچقا يەتمەس پۈتۇن بۇ جاھان ،
قانائەت قىلغانلار بەخىتلىك ھامان .
ئۇيات كىمدە بولسا ، سىلىق خۇيلۇق ئول،
ناچار ئىشقا ھەرگىز ئۇ سۇنمايدۇ قول .
ئۇيات_بارچە يامان ئىشتىن توسقۇچى ،
پۇتۇن ياخشى ئىشقا ئۇلاشتۇر غۇچى .
بۇدۇنيا ئىچى بىر تىرىلغۇ ئېرۇر ،
نىمە ئەكسەتاڭغا شۇ نەرسە ئۈنۇر .
كىشى ياخشى ئات بىرلە ئالقىش ئالۇر .
يامان ئاتلىق بولسا ، ئۇ قارغىش ئالۇر .
ئاپتۇرى : يۈسۈپ خاس ھاجىپ