تىمىڭىزنىڭ بازىرىنى چىقىرىش ئۇچۇن تىمىسىنى<<قالتىس>>قويۇۋىتىپسىزغۇ؟ھەرقانچە بولسىمۇ باشقىلارنى خاتا يىتەكلىمىسەك،ئىراننىڭ ئىسلام تۇزۇمىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئىىسلامنى ئۆزگەرتىش تامامەن ئىككى ئۇقۇم،ئىراننىڭ ئىسلام تۇزۇمى ھەقىقى ئىسلام روھىغا ۋەكىللىك قىلالامدۇ يوق بۇ تىخى بىر مەسىلە،ئىراندىكى ئىراننىڭ دۆلەت دىنى بولغان شىئە مەزھىپى ماھىيتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا بىر بىدئەت مەزھەپ،شۇڭىمۇ ئىرانلىقلار ئۆزلىرى ئىتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلامنى<<ئىرانچە ئىسلام>>دەپ ئاتايدۇ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار غەرىپكە قارشى كۆرەشتە گەرچە ئىراننى قوللىغاندەك قىلسىمۇ لىكىن ئۇلار ئىراننىڭ ئىرانچە ئىسلامىغا تازا قايىل ئەمەس،شۇڭلاشقا ئىران كۇچىيىپ كەتسە ئالدى بىلەن ئەنسىرەيدىغىنى سەئۇدى قاتارلىق سۇنئى مەزھەپتىكى ئىسلام دۆلەتلىرى بولىدۇ،چۇنكى ئىراننىڭ ئۆزىنىڭ ئىرانچە ئىسلامنى باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئىمپورىت قىلىپ مۇقەددەس كەبىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ئارزۇسى بار،بۇنداق دىسەم بەزىلەر مىنى بۆلگۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىپلىشى مومكىن لىكىن ئالدى بىلەن تەكشۇرۇپ،تەتقىق قىلىپ بىر نىمە دىسەڭلار بولىدۇ،گەپنىڭ قىسقىسى ئىراننىڭ ئىرانچە ئىسلام تۇزۇمىنى ئۆزگەرتىشنى ئىسلامنى ئۆزگەرتىش دەپ چۇشەنسەك تۇپتىن خاتالاشقان بولىمز،بىز ئەلۋەتتە ئامرىكىنىڭ ئىراننىڭ ھازىرقى تۇزۇمىنى ئاغدۇرىۋىتىشقا قارشى بولساقمۇ لىكىن بۇنىڭغا خۇددى ئامرىكا ئىسلامنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ دەپ تەبىر بىرىش ۋە شۇنداق ھىسياتتا بولۇپ ئۆزىمىزچە بوغۇلۇپ كىتىش ئالدى بىلەن ئىسلامنى چۇشەنىمگەنلىك ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ئىراننى چۇشەنمىگەنلىك بولىدۇ،،،،،