www.xabnam.com
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىۋان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن !
ئى ئادەم ئەلەيھسسالامنىڭ قىزى سىزنى ئەڭ كۇچلۇك نەرسىلەردىنمۇ كۇچلۇك دىسەك توغرا بۇلامدۇ؟ ئى ھاۋا ئانىمىزنىڭ قىزى سىزنى بوران -چاپقۇنلارغا قارشى ئىگىز تاغلارىنمۇ ھەيۋەتلىك دىسەك بۇلامدۇ؟ ۋە سىزنىڭ ئىرادىڭىز پولاتتىنمۇ قاتتىق بولسۇن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر سوئال سورئالغان < مەخلۇقاتلاردىن ئەڭ كۇچلۇكى قايسى ؟> دىگەندە، < رەببىمىزنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن كۇچلۇكىراقى 10> دىگەن.1-ئىگىز تاغلار،2-تۇمۇر بىلەن ئۇ ئىگىز تاغلارنى قازغىلى بۇلىدۇ3،-ئوت تۇمۇرنى يەيدۇ.4-سۇ ئوتنى ئۇچىرەلەيدۇ،5- بۇلۇت .سۇنى بولسا ئاسمان - زىمىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بۇلۇتلار سۇنى تىزگىنلىيەلەيدۇ،6-شامال ،بۇلۇتنى شاماللار ھەرياقلارغا ئىلىپ كىتەلەيدۇ7-ئىنسان بولسا بۇ شامالنى ئۆزنىڭ ھاجىتى ئۇچۇن ئىشلىتەلەيدۇ ، 8-مەسلىك بولسا ئنساننى مەغلۇپ قىلالايدۇ،9-ۋە ئۇيقۇ بولسا مەسلىكنى مەغلۇپ قىلدۇ،10-ۋە غەم بولسا ئۇيقىنىمۇ مەغلۇپ قىلدۇ ،رەببىمىزنىڭ مەخلۇقىنىڭ ئەڭ كۇچلىكى غەم .ئى ھەمشىرەم سىز غەم قىلماڭ ،ئاللاھقا بولغان ئىمانىڭىز بىلەن كۇچلۇك سىز . سىز كۇچلۇك سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ،رەببىمىزنىڭ يۇسۇف ئەلەيھسسالامغا<سىنىڭ بىلىكىڭنى بۇرادەرلىرىڭ ئارقىلىق كۇچلۇك قىلىپ بېرىمىز > دىگەن ئايىتىنى ئوقۇغانمۇسىز ؟سىز بەخىتلىك ياشاڭ .ئى ھەمشىرەم ئاللاھنىڭ دىندا ماڭغانلىقىڭىز بىلەن ئەزىز.ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغائىسىلغانلىقىڭىز بىلەن كۇچلۇك.ئەگەر سىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلسىڭىز يالغۇز بولسىڭىز مۇ ئۇممەت بۇلالايسىز.سىز ئۆزىڭىزنى ھالاكەتكەتاشلاپمۇ قويالايسىز،ئۇ ھالاكەتلىك قانداق ھالاكەتلىك دىسەك ئۇ بولسا دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئازاپ ۋە جەھەننەمنىڭ يولى.ئۇ جەھەننەم دىگەن نىمە؟ ئۇ بولسا كافىرلارنىڭ جايى مەڭگۇلۇك ئازاپ ئورنى ،قايسى نەرسىدىن قاچىسىز ؟نەرگە بارسىز؟ئككى يولنىڭ بىرسىنى تاللىشىڭىز كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھسسالام( س ئە ۋ ) مۇنداق دىگەن:<قىيامەت كۇنى دوۋزاخ ئەھلىدىن بولغان دۇنيادا نىممەتلىك ياشىغان بىر تۇركۇم كىشلەر ئىلىپ كىلىندۇ ۋە دوۋزاخقا بىر قىتىم چۇكۇرۇپ ئىلىپ چىقىلدۇ ۋە ئۇلاردىن ئى ئادەم باللىرى سىلەر بىرەر ياخشىلىقتا ياشاپ باققانمۇ؟دەپ سورىلدۇ.ئۇلار ياق بىز پەقەت ياخشىلىق كۆرۇپ باققان ئەمەس دەپ جاۋاپ بېرىدۇ .دۇنيادا جاپا -مۇشەققەتتە ياشىغان جەننەت ئەھلىدىن بىر تۇركۇم كىشلەر ئىلىپ كىلىندۇ.ئۇلارنىمۇ جەننەتكە بىر كىرگۇزۇپ ئىلىپ چىقىلدۇ،ۋە ئۇلاردىن ئى .ئادەم باللىرى سىلەر بىرەر جاپا مۇشەققەت بىلەن ياشاپ باققانمۇ ؟دەپ سورىلدۇ،ئۇلار ياق بىز پەقەت جاپا تارتىپ باقمىغان دەپ جاۋاپ بېرىدۇ،يەنە ئۇنداق كىشلەر بولسا ئىماننى قەلبىدە ساقلاپ قالغان ئۇلارنى جاپا -مۇشەققەت يىڭەلمىگەن رەببىگە ئۇچىراشقاندا جەننەت بىلەن مۇكاپاتلانغان كىشلەردۇر ئۇلار جەننەتنى بىر كۆرگەن بىلەن دۇنيا ھاياتىدىكى تارتقان مۇسىبەتلەرنى ئۇنتىدى .شۇنىڭ ئۇچۇن ئى ھەمشىرەم سىزنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانىڭىز مۇستەھكەم بولسۇن !شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە بويسۇنماڭ ،سىز ئازات يارتىلدىڭىز ۋە ئازات تۇغۇلدىڭز سىز رەببىڭىزنىڭ ھىمايىسىگە قايتىڭ ،ھەم شۇنى بىلىڭ غەمكىنلىكمۇ داۋاملىق بولمايدۇ خوشاللىقمۇ داۋاملىق بولمايدۇ .
ئى ھەمشىرەم ! ئاللاھنىڭ دىندا ماڭغانلىقىمىز بىلەن ئەزىز بىز . بولغىن قىزىم گۈل چىراي ئايال
بولسۇن ساڭا ئەلەم مەھلىيا ,
ياشاپ ئۆتكىن بۇ ئالامدىن ، :
ئىزلىرڭدىن گۈللەر ئۇندۇرۇپ .
.......... ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بىزنىڭ پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغا ، ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق كىشلەرگە بولسۇن
ئى ئۇيغۇر ئسىلام قىزى سىڭىلچىقىم !
ئى قەلبىدە ئىسلام (يۇشرۇنغان)ئۇرۇنلاشقان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۇردىغان، ئاللاھ ئىففەتنى، پاكلىقنى ئەقىلنى ئىنئام قىلىپ بەرگەن، ئاللاھ ئۈچۈن رۇكۇ ۋە سەجدە قىلۋاتقان، ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەت قىلۋاتقان ئسلام قىزى قىرىندىشىم. سىز مۇسلىمە، سىز مۇئمىنە، سىز ئسىلام قىزىسىز! سىز پاكسىز ئىففەتلىكسىز ! سىزگە رەسۇللاھ ئەلەيھىسالامنىڭ:« ئاياللارغا ياخشى ۋەسيەت(نەسىھەت) قىلىڭلار» دىگەن سۆزى بىلەن نەسھەت قىلۋاتمەن. سىز ئەرلەر ھاياتىدا بىر نىسبەتنى ئىگەللىگەن ئىنسانسىز! گاھىدا ئەرلەر ئۈچۈن قىرىنداشسىز ياكى ئەرلار ئۈچۈن تۇرمۇش ھەمراھىسىز، ياكى ئۇنىڭ قىزىسىز ! سىز شۇنچە قەدىرلىكسىز ! ئى پاك ئۇيغۇر ئىسلام قىزى.مىنىڭ سۇئال سورشىمغا رۇخسەت بىرىڭ! بۇ پاك ئىففەتلىك دىگەن سۇپەت قانداق قىزلارغا لايىق سۈپەت؟ يۇز باشلىرىنى ئورۇماستىن سېرتلارغا چىققاندا خۈش بۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، ھوسۇنلىرىنى تۇزەپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان گۈزەل جامالىنى يات ئەركەكلەرگە كۆرسۇتۇپ يۇرگەن قىز-خانىملارغىمۇ؟ ۋە ياكى ئۇزۇن، ئەمما تار كۆينەكلەرنى كېيىپ گۈزەل بەدەنلىرىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلغانلارغىمۇ ؟ ياكى كالتا ئۇچۇق يۇپكىلارنى كېيىپ، كىشىلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەخلاقى بۇزىلىشىغا ھەسسە قوشقانلارغىمۇ؟ ياكى ئۆزىچە مەدىنىلەشتۇق دەپ، غەرىپچە كېيىملارنى كىيىپ، ئۆز مەدەنېيىتىدىن مىللى ئەنئەنىسىدىن يېراقلاشقان ھالدا، بىر كۆن بىر مىللەتنىڭ مەدەنېيىتىنى يەنە بىركۆن قارىسىڭىز؛ دىن، ھازارەت، مەدەنېيەت، ئۆرپ-ئادەت، تىل.....قاتارلىقلارنى مىڭ يىل باغلاپ قويسىڭىزمۇ بىر يەرگە كەلمەيدىغانلارنىڭ يۇرۇش تۇرۇشىنى دوراپ يۇرگەنلەرگىمۇ؟ قىنى دەپ بىقىڭچۇ سىزنىڭچە مۇشۇلارنىڭ قايسىسى ئىففەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرى دەپ ئېيتالايسىز؟!
ياق ياق مىڭلارچە ياقكى بۇلارنىڭ ھىچ بىرى ئىففەتلىك ئاياللار دىگەن سۇپەتكە لايىق ئەمەس. ئى ئسىلام ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىم! بىلىڭكى ئاللاھ سىزنى ھەر
ۋاقىت ھەر ماكاندا كۆزتىپ تۇردۇ .ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋاتائالا سىزنى سۇيۇملۇك رەسۇلىمىز تۇسقان ئىشلارنى قىلىپ يۇرگەن ھالىتىڭىزدە كۇرسە، رازىمۇ سىز؟ ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى پەيغەمبەر ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرغا ئىيىتقىنكى پۇركەنجى بىلەن بەدىننى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئايال ئىكەنلىكى) ئەڭ ئاسان تۇنۇلىدۇ دە باشقىلار ئۇلارغا چىقىلمايدۇ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچدۇر ناھايىتى مىھرىباندۇر » دىمدىمۇ ؟ م
ۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«قانداق بىر ئايال خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن ھالدا سىرىتقا چىقسا،كىشلەرنىڭ يىندىن ئۆتسە ،ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ خۇش پۇراق ھىدنى پۇرسا، ئۇ ئايال زىناخۇردۇر» دىمدىمۇ ؟ ئائىلىدە ئىرىڭىز ئۈچۈن پەرەنتلىرىڭىز ۋە ئاكا-ئۇكا، ئاياللار ئارىسىدا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.بۇ يەردە زىكىر قىلىپ ئوتۇشكە لايىق بولغان مۇھىم نوقتا، بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدە قىز-خانىملار توي-توركۇن چايلارغا بارسا، ئەڭ گۈزەل كېيىملىرىنى كېيىپ ئالاھىدە گىرىملارنى قىلىپ ئەر-ئايال بىرگە ئولتۇرىدىغان چاي-ئولتۇرۇشلارغا بىرىپ باشقىلارنىڭ كۆزىنىڭ يىغىنى چىقىرىۋىتىپ كىلىدۇ، ئەمما بىچارە ئەرچۇ، ئايالىنى ماي ۋە تەر پۇرايدىغان ۋە ياكى سۈت پۇرايدىغان كېيىملار بىلەن كورىدۇ.ئى سېڭىلچىقىم! بەلكىم سىز ئۇنداق بولماسلىقىڭىز مۇمكىن،ئەمما ئۇنداقلارمۇ ئاز ساننى ئىگەللىمەيدۇ.سىز نېمە ئۈچۈن چىرايلىق كېيىملىرىڭىز، گۈزەل پەدازلىرىڭىز، خۇشپۇراق ھېدلىرىڭىز بىلەن ئىرىڭىزنى كۈتۈپ ئالمايسىز؟!شۇنداق قىلىپ بېقىڭچۇ قېنى ئۇنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كورىسىز. ھۆسن-جامالىڭىز،گۈزەل تۇرقىڭىزدىن زوقلىنىشقا ئەڭ ھەقلىق ئىنسان سىزنىڭ تۇرمۇش يولدىشىڭىز يۇرەك پارىڭىز بولغان باللىرىڭىزنىڭ دادىسىدۇر. سىز باشقىلارغا پۈتۈن گۈزەللىكىڭىزنى كۆرسىتىپ ياسىنىپ يۇرىيسىز، مېنىڭچە بۇ، دىن ۋە ئەخلاق، مىللى ئورپ-ئادىتىمىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغان بىر ئۇقۇم، گەرچە ھازىر نورمال بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بىلەن.
ئى ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىم! شەيتاننىڭ يوللىرىدىن بىر يولدا مىڭۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟ ئاللاھنىڭ دوشمەنلىرنىڭ ۋە كۇپپارلانىڭ كۆرسەتمىللىردە مىڭۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟ !
ئەزىز ئۇيغۇر ئسىلام قىزى سىڭىلچىقىم! رەھمان تائالاھنىڭ غەزىپىگە ، دوزاخقا كىرشىڭىزگە ۋە دىنىڭىزدا چەكلەنگەن ئىشلارغا سەۋەب بولىدىغان قىلمىشلاردا بولىۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز ؟
ئى ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىم! قەبرە بولسا جەننەت بوستانلىرىدىن باغچا، ياكى دوزاخ ئوڭكۈرلىرىدىن بىر ھاڭدۇر، سىز قەبرىڭىزنىڭ قايسىدىن بولشىنى خالايسىز؟ رەھمان تائالاھنىڭ جەننىتگە نائىل بولىشىڭىزغا؛ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرىقغا ئاسىيلىق قىلىشىڭىز توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇگۇنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىردا كۆرلىۋاتقان ھەم سەل قارىلىۋاتقان گۇناھ -مەئىسىيەتلەرنىڭ تۇپ نىگزى بولسا شەرئى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويۇنچە كىيىنمەسلىك، ئاللاھنى تونۇماسلىق، رەسۇلۇللاھنىڭ كېم ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك،نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىمىز توغرىسىدا پىكىر يۇرگۇزمەسلىك، مەيدانسىزلىق، ئۆزىمىزنىڭ كېم ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنۇتۇش..... قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر مەۋجۇت. بەلكىم ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرىنىڭ بۇگۇنكى كۇندە ئۆزىمۇ رازى بولمايدىغان بىر ھالەتكە كىلىپ قىلىشىنىڭ مەلۇم سەۋەپلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.ئاللاھدىن ئۇلارغا ئېپپەت ۋە ھايا، بۈيۈك ئىمان تىلەيمىز. ئى سىڭىلچىقىم !ئەمدى قاراپ بىقىڭچۇ سىز قانداق قىلغاندا ئىففەتلىك ئىسلام ئۇيغۇر قىزى دىگەن سۇپەتكە لايىق بولدىكەنسىز!سىز شۇنى ئۇنۇتماسلىقىڭىز كېرەككى، سىز ئىسلامغا مەنسۇپ!سىز ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ!سىز ئىسلامنىڭ ئىززىتى! مىللەت ۋە ئانا ۋەتەننىڭ پەخرى!
گۈل ئارا گۈل سەرخىلى .ئىسلام قىزى،
سۇنئيلىك خۇنۇكلەر ساڭا ياتتۇر.
سەن ھىممەت ۋە پاكلىقنىڭ چىن ئۈلگىسى،
دىن ئىماننىڭ باشىڭدىكى ئوتۇقتۇر.
پاكلىق ياغار بۇ دۇنياغائىچ تېشىڭدىن،
تاۋلايسەن نۇرئىچىدە ھاياتىڭنى.
تاشىمەن ئىپتىخارنىڭ ھېسلىرىدىن،
ئەڭ ئېسل زىننىتڭدۇر دىن پاراسەت،
ھاجىتىڭ يوق پەقەت قۇرۇق ۋال-ۋۇلغا.
بەرمەيدۇ ھەۋەسكە ئەقىل ئىقازەت،
بۇ خىسلەت ئىشتياق سالىدۇ دىلغا.
سەندە يوق شەيتاننىڭ پاسىق ئويلىرى،
ۋۇجۇدۇڭ گوياكى ۋاپا ئۇدۇمى.
دىنىڭدىن كۈچ تېپىپ گۈللەپ ياشىغىن.
مەنبە:بىر قېرىندىشىمنىڭ تەۋىسىيە تېمىسىدىن...
[ بۇ يازما سۈزۈك ئاي تەرپىدىن 2009-06-24 00:36 دە قا ]