ئائىلە باشلىقى قىسمى
1.يولدا يىقىلىپ چۈشكەن بالىغا قارىتا
جوڭگۇدا : كەل ئاپپاق قوزام ،ئاناڭ (داداڭ) سىنى يۆلەپ قويىدۇ .
غەربتە: بالام ،جىگەرلىكرەك بول ،ئۆزۈڭ ئورنۇڭدىن تۇرغىن.
2.بالىنىڭ قىزىقىشىغا قارىتا
جوڭگۇدا :بالام ، مەن سىنى پىئانىنو، ،گۈزەل-سەنئەت ،يىزىقچىلىق كۇرسىغا تىزىملىتىپ قويدۇم،،،،ياخشىراق ئوقۇغىن.
غەربتە:ئۆزۈڭ ئىشلىمەكچى بولغان ئىشنى تىرىشىپ ئىشلىگىن ،پەقەت سەن ئەھمىيەتلىك دەپ قارىساڭلا ،داداڭ بىلەن ئاناڭ سىنى مەڭگۈ قوللايدۇ.
3.بالىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا
جوڭگۇدا :سەن چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈپ ،نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ،كەلگۈسىدە ياخشىراق خىزمەت تېپىشىڭ لازىم.
غەربتە:بالام ،رەت-رەت يوللار رىمغا تۇتاشقىنىغا ئوخشاش ،مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرى ناھايىتى كۆپ .
4.ئىمتىھان ئالدىدىكى بالىغا قارىتا
جوڭگۇدا :مەن ساڭا ئىيتىپ قويايكى ، ئىمتاھاننى ياخشى بەر.ئىمتاھاندىن يەنە ئۆتەلمىسەڭ ، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن !
غەربتە:بالام ، ئىمتاھاننى خالىغىنىڭچە بەر ،پەقەت سەن تىرىشساڭلا ،نەتىجىسى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئوقۇتقۇچىلار قىسمى
1.خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىغا قارىتا
جوڭگۇدا :سېنىڭ بۇ زادى نىمە قىلغىنىڭ ؟ئەتە ئاتا -ئاناڭنى باشلاپ كەل،ئاڭلىدىڭمۇ!
غەربتە:بالام ، مۇئەللىم بىلەن زاكونلاشساڭ قانداق بولىدۇ.....بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلغىن .
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى باشقىچە پىكىرىگە قارىتا
جوڭگۇدا :تىنىچ ئولتۇرۇپ ھەممىڭلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭلار !
غەربتە:ساۋاقداشلار ،ئوخشىمايدىغان پىكىر بارمۇ؟سىز ئېيتىپ بېقىڭ.
3.ئىمتاھاندا لاياقەتسىز بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا
جوڭگۇدا :سەنلەر بىر قانچىڭ نېمىشقا ئمتىھاندىن يەنە ئۆتۈشەلمىدىڭ ؟بۇ بىر قانچىڭ پۇتۇن سىنىپنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىڭ، بىلىشتىڭمۇ؟كېلەر قىتىم مۇبادا ئىمتىھاندىن يەنە ئۆتۈشەلمىسەڭ ،مەكتەپكە كېلىشكۈچى بولۇشما !
غەربتە:ئوقۇتقۇچىڭلارغا دەڭلار ،نىمە بولدى؟ مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى سىلەر چۈشىنەلمىدىڭلارمۇ ياكى ئىمتىھان سۇئالى بەك قىيىن چىقىپ كېتىپتىمۇ؟
مەنبە: << شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژۇرنىلى،2006 -يىل 6-سان.