مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
سىز بۇ تېمىنىڭ 65 - كۆرۈرمىنى
تىما: مەن شۇنداق ئىنسان
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
UID نومۇرى : 97147
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 9 پارچە
شۆھرەت: 110 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-06-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-24
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-23 18:56
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

مەن شۇنداق ئىنسان

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى : بۇ تېمىنى xabnam.com001 سۈرەتلىك فىلىملەر دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2009-06-23)
شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى
(مەزكۇر ئەسەر ئاقسۇ گېزىتى 2005-يىللىق 8-ئاپرىل سانىدا ئېلان قىلىنغان .)

بايان ئەيلەي <<ئادىمىي>>لىك نىشانىدىن ،
سىزگە مەلۇم <<سىر ، ھېكمەت>> تىن ۋاراق ئېچىپ .
بولغاچقا مەن <<پاراسەت >> لىك ، <<كارامەت>>لىك ،
ياشاپ كەلدىم ئۇيان قېچىپ ، بۇيان قېچىپ ...

قەددىمنى تىك تۇتۇپ ياشاش بەك تەس بولدى ،
ئىنسان نىمە ، ھايات نىمە چېچىم چۈشتى .
جامالىنى كۆرسەتمىدى بەخت قىزى ،
تەقدىرىمنى ھەر ئويلىسام بېشىم چۈشتى .

كۈن ئۆتكۈزمەك رىسالىسىن تۈزۈپ چىقتىم ،
كېچە –كۈندۈز باش قاتتۇرۇپ مىڭ تەسلىكتە .
ياشاپ كەلدىم شۇندىن بۇيان << ئەقىل >> بىلەن ،
گاھى خۇشال قەھ –قەھ كۈلۈپ ، گاھ مەستلىكتە .

ھەر بىر ئىشتا <<پىلان >>قۇردۇم (زېرەك ) بولغاچ ،
خۇشامەتتە باراقسانلاپ كۆكلەپ كەتتىم .
جاپا تارتىش ئەخمەقلەرگە خاس ئەمەستۇر ،
شۇ خاسلىقتىن <<پەم >>ئىشلىتىپ ئۇزاپ كەتتىم .

دەپىن –دۇنيا ئېشىپ تۇرسا –تېشىپ تۇرسا ،
ئېھتىياجىم چۈشمىسىكەن باشقىلارغا .
تۇغۇلدۇممۇ ئويناپ –كۈلۈپ ئۆتەر كۈنۈم ،
مىڭلاپ ئاپەت كەلسىمۇ گەر ياخشىلارغا .

باشقىلارنىڭ يېغىرىنى تاتىلىماي ،
قارا سۈرتمەي ، ئورا قازماي كۈنۈم ئۆتمەس .
پەيتى كەلسە ئۆزگىلەرنى باپلىماستىن ،
خۇشال ئۆتمەس بىر مىنۇتمۇ ئىشىم پۈتمەس .

ئاستىرىتتىن توزاق قۇرۇپ ئەدەبلەيمەن ،
مىللەت ، خەلق دىگەنلەرنى پايلاپ يۈرۈپ .
تەخت ياساپ <<قۇربانلىقلار >>يىغىسىدىن ،
<<نوچىلارچە>> ياشاپ كەلدىم دەۋران سۈرۈپ .

شانۇ –شەۋكەت ، راھەت ئۈچۈن ئۇنتۇپ بەزەن ،
تېنىۋالىمەن ئىككىلەنمەي ئۆز ئەسلىمدىن .
سېتىشقىمۇ رازى ئاتام ھەم ئانامنى ،
ۋاز كەچمەيمەن بىراق يىققان بۇ ۋەسلىمدىن .


ھاقارەتلەپ ئادەملەرنىڭ قاتارىدىن ،
لەنەت بىلەن مېنى ھەيدەپ چىقارسىمۇ .
كىرىپ چىقماس خىيالىمغا مىللەت دىگەن ،
كۆڭلۈم تېڭى ئاتماس خوراز قىچقارسىمۇ .

كۆرۈنىدۇ كۆزۈمگە سەت دېھقان دىگەن ،
بولساممۇ گەر يىلتىزىمدىن دېھقان پۇشتى .
قېچىپ كەلدىم توپا –تۇمان ، ئىش –ئەمگەكتىن ،
كەلسە ئىزلەپ بىرەر دېھقان ئىچىم پۇشتى .

ئىنسان ئۆمرى تۈگىمەسنىڭ قۇمى ئەمەس ،
خالىسانە يەم قىلمايمەن ياشلىقىمنى .
ئۆچ كۆرسىمۇ مەيلى دەيمەن ئەل –جامائەت ،
رازى قىلسام بەس –كۇپايە باشلىقىمنى .

ھاراق دېسە ئۆزگىچىلا يايرار تېنىم ،
بۇتۇلكىدۇر جان –جىگەرىم ئۈلپەتدىشىم .
جەننەت نېمە ، دوزاق نېمە پەرۋايىم يوق .
تەييارتاپمەن ھۇرۇنلۇقۇم جان سەپدىشىم .


بىر ئىنسانمەن بۇ جاھاندا تەڭدىشىم يوق ،
ھىيلەم كۆپتۈر تۈگىمەيدۇ ئىشلەتكەنگە .
ئىتى  بۇلۇپ تاپىسىدىن داجىمايمەن ،
ئايىماستىن پارچە سۆڭەك چىشلەتكەنگە .

ئارتۇق ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن <<ئەخمەق>> ئادەم ،
(قەبرىسىنى قۇم باسىدۇ ئۇنداقلارنىڭ )
شۈكرى قىلماي چاقچاقلاشسا ھايات بىلەن ،
مەن بېرىمەن دەككىسىنى ئۇنداقلارنىڭ .

<<تەجرىبەم مول >> بىر ئىنسانمەن ، تۇتىيامەن ،
خىيالىمدا ،چۈشلىرىمدە ئەڭ ئېگىزدۇرمەن .
رىئاللىقتا ئەتىۋارىم يوق بىر تاشلاندۇقمەن ،
غالىپلارچە مانا شۇنداق ياشاپ كەلدىم .

  تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
  تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-06-23, 11:42

 

مىسرانىم تورى
QāQěя—мāG___BěZ Gā_  
aRTuK.κǒGǔし__Yǒκ__ζěZ Gā