شاھمات ئويناي يېنىمدا تۇرۇڭ،
چېچەك ئاچقان غۇنچىدەك كۈلۈپ.
تۇيۇق يولنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ،
كەتمەي يەنە نۇمۇستىن ئۆلۈپ...
شاھمات ئويناي يېمىندا تۇرۇڭ،
ئەتكەن چاينى پۇراقلىق دەملەپ.
سالاي بارچە گۇمبامنى ئىشقا،
تۇزۇپ كەتكەن ئەقىلنى جەملەپ.
شاھمات ئويناي يېنىمدا تۇرۇڭ،
مەدەت بېرىڭ، قالدۇرماي كاۋاك.
ھىيلە بىلەن ئالغاندا ئولجا،
چېلىپ قۇيۇڭ نازلىنىپ چاۋاك.
شاھمات ئويناي يېنىمدا تۇرۇڭ،
سېھرى تۇتقان كاتەككە قاراپ.
سىيلاڭ جانسىز چېچىمنى ئاستا،
كەتسۇن تەندىن ھارغىنلىق تاراپ.
شاھمات ئويناي يېنىمدا تۇرۇڭ،
قىلىپ قولدىن كەتكەنگە سۈكۈت.
ھەيران قالماڭ ئاۋايلاپ چەبدەس،
قۇۋ تۈلكىنى ئالغاندا بۈركۇت.
شاھمات ئويناي يېنىمدا تۇرۇڭ،
دەرتە قۇياي رەقىپنى ئۇتۇپ.
قىلاي سىزنى ئالەمچە خۇشھال،
چىن سۆيگۈدىن گۈلدەستە تۇتۇپ.
مەنبە:ئىجادىيىتىم