مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
سىز بۇ تېمىنىڭ 2543 - كۆرۈرمىنى
تىما: ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى ...
ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئۇيغۇر
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

UID نومۇرى : 62532
نادىر تېما : 1 پارچە
يازمىسى : 2234 پارچە
شۆھرەت: 5768 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 21543 سوم
تۆھپە: 142 نۇمۇر
ياخشى باھا: 265 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 964(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-23 16:46
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى ...

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى : بۇ يازما xabnam.com002 تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2009-06-23)
شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى
تور ئارلاۋىتىپ،يېڭى ئېچىلغان ئۇيغۇر خەلق تورىدا ماۋۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، تورداشلارنىڭ خەۋەرلىنىشى ئۈچۈن تىما قىلىپ يوللىدىم،ۋاقىپ بولغايسىزلەر.

ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي ، ئىدىيىۋى ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك ، دەپ تەكىتلىدى

  مۇخبىر ۋاڭ شىنخوڭ خەۋىرى : ئاپتونوم رايوننىڭ 16 – قېتىملىق ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 15 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك 17 – قېتىملىق ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدىكى تەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتىكى مەسئولىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مېخانىزمىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي، ئىدىيىۋى ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نيې ۋېيگو، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، ئەركىنجان تۇراخۇن، جىن نو يىغىنغا قاتناشتى.

  ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: قانداق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، قانداق يېتىشتۈرۈش ئېلىمىز ئالىي مائارىپىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي تېمىسى. ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپنى سىياسىئونلار باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ساپا يېتىلدۈرۈش ۋە سىياسىي ساپانى ئۆستۈرۈشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيىلەشتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ سىياسىيدا لاياقەتلىك ئىزباسارلىرىنى تەۋرەنمەي يىتىشتۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ‹‹ئىممونىتېت كۈچى››نى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەكتەپلەردە سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. ياش ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى ئارقىلىق قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭ ھەق – ناھەق مەسىلىلىرىدە ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە، تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئورتاق غايىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيىۋى –– سىياسىي ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوغدىشى كېرەك.

  ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپلەر ستۇدېنتلارنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى سۈپەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يادروسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئالىي مائارىپتا ئوقۇش تارىخى ۋە دىپلوم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارنى كۈچەپ ئۆستۈرۈدىغان ساپا مائارىپىغا ئۆمۈمىيۈزلۈك ئۆتۈشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە جەمئىيەت ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، پەنلەر ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە كەسىپ تەسىس قىلىشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. تەربىيە ئارقىلىق ستۇدېنتلارنى كۈچلۈك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە خالىس تۆھپە قوشۇش روھى تىكلەشكە، ئاساسىي قاتلاملاردىكى بىرىنچى سەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

  ۋاڭ لېچۈەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى زامان ستۇدېنتلىرىنىڭ ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئالاھىدىلىكنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىدىيىۋى –– سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ستۇدېنتلارنىڭ ئىدىيىۋى سىياسىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ لېچۈەن ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئىنىستىتۇت ۋە فاكۇلتېتىتلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى ۋېيخۇڭ يىغىندا يازما نۇتۇق سۆزلەپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ستۇدېنتلارغا قارىتىلغان ئىدىيىۋى –– سىياسىي تەربىيىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ۋە ئىجادىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن، ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيىۋى –– سىياسىي خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەنبەسى:http://uyghur.people.com.cn/156325/9482223.html
مىسرانىم تورى