جۇڭشىن شىنجاڭ تورى 6-ئاينىڭ 22 كۈنىدىكى خەۋىرى(مۇخپىر جاڭشۇننىڭ ) دوكلاتى.جا ئەپەندىم بىر قاتتىق تاياق يېدى،بىراق ئۇنىڭ دېيىشىچە ‹ئۇ ۋاقىتتا ئاۋاز چېقىرىش ئارقىلىق پەقەت ئوغرىنىڭ سومكا ئوغۇرلىشىنى تۇسۇپ قالماقچى،يەنە قالغان يۇلۇچىلارغىمۇ ئېھتىيات بۇلۇشىنى سەمىگە سېلىپ قويغىلى بۇلاتتى›
جا ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇنىڭ تاياق يېگىنى بولسا 6-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ بۇلۇپ،ئۇ دوستى خو ئەپەندىم بىلەن ئۈرۈمچى شۈيمۇگۇ باغچىسىدىن ئويناپ يانغان،قايتقىچە 801-يول كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتماقچى بولغان.‹ئاپتۇبۇسقا چىققاندىن كېيىن،ئاپتۇبۇستا ئادەم بەك جىق بولغاچقا، مەن خو بىلەن دۈمبىمىزنى دۈمبىمىزگە قىلىپ ئابتۇبۇس ئىچىدە تۇردۇق.›ئاپتۇبۇس ياشلار يولىغا كەلگەندە جا ئەپەندىم يېنىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى قىستاۋاتقانلىقىنى سەزدى،ئۇ بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك يانچۇقىنى تۇتقاندا ئۇنىڭ يانچۇقىغا بىر قول كىرىپ قالغانىدى،ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قول سالغان كىشىگە: ‹نىمە قىلىۋاتىسەن؟!›دىگەندە ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا گەپ قىلماي تۇرىۋالدى.ئۇ ئارىدىن بىر مىنوت ئۆتە-ئۆتمەيلا كەينىمدىكى خو ئەپەندىمنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى،بىراق خو ئەپەندىم ئۇنى سەزمىدى،مەن ئۇنى كۆرۈپ ئىتتىكلا خو دوستۇمنى ئۆزۈم تەرەپكە كۈچەپ تارتتىم .شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ يېنىدىكى ئوغرىنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرغانلىقىنى بىلدى
شۇنىڭ بىلەن خو ئەپەندىم بىلەن جا ئەپەندىم خەنچۈەن كوچىسى بېكىتىدە ئاپتۇبۇستىن چۈشەي دېگەن ۋاقىتتا،ئۇلارنى بىر توپ بالىلار قورشىۋالدى.ئۇلارنىڭ ئچىدە مىنىڭ ۋە خو ئەپەندىمنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرغان ئوغرىمۇ بار ئىدى،ئۇلار كېلىپلا مېنى ئۇرۇشقا باشلىدى. خو ئەپەندىم شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۇنداق قىلماسلىقنى ئۆتۈنگەندە،ئۇلار خو ئەپەندىمنىمۇ قوشۇپ ئۇردى.تاياق يېيىش جەريانىدا،ئىككىسى دۇمىلاپ ئاپتۇبۇسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كىلىپ قالدى،جا ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە شوپۇر، خەنچۈئەن كوچىسى بىلەن چىيەنجىن كوچىسنىڭ كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە ئىشىكنى ئېچىۋەتتى.ئۇلار مۇش-پەشۋادىن قېچىپ ئاران ئاپتۇبۇستىن چۈشىۋالدى.ئىككى ئوغۇل بولسا ئۇلارنى قوغلىغىنىچە يولنىڭ بىر چېتىگە بارغۇچە ئۇردى.
كۆرۈرمەنلەرنىڭ دېيىشىچە ئىككى ئوغۇل بالا ،جا ئەپەندىمنى قوغلاپ ئۇرۇپ يولنىڭ چېتىگە ئۆتكەندە جا ئەپەندىمنى ئۇرۇپ يېقىتىپ،بېشىغا نەچچىنى تېپىپ دەسسىۋەتتى.يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىككى قىز بالا جا ئەپەندىمنى كۆرۈپ، جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى 120 غا تېلفۇن قىلىۋەتتى .10 نەچچە مىنوتتىن كېيىن 120 ماشىنىسى كېلىپ ئادەم سىياقىنى كۆرگىلى بولمىغىدەك بۇلۇپ كەتكەن خو ئەپەندىمنى ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى.ئاڭغىچە ساقچىلارمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.تۈنۆگۈن مۇخبىرلار ساقچىلاردىن ئىگەللىشىچە،شۇ كۈنى كېچىسى ئۇرۇشقا قاتناشقان بالىلاردىن تۆتىنى قولغا چۈشۈرۈپتۇ.جا ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە 20- چىسلا پەيچۇسۇغا بېرىپ ئۇرغان ئادەملەرنى تۇنىدى.ئېغىر زەخىملەنگەن خو ئەپەندىم بولسا تەخمىنەن 2-چىسلا دوختۇرخانىدىن چىقىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بۇ ئىش تېخىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرلىۋاتىدۇ. ئۇلار بولسا بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىمىز......
مەنبە:شىنجاڭ خەۋەر تورى.