شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 6 –ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگىراممىسى : مۇخبېرنىڭ شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىشىچە 22 – ئىيون ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4 تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاقيار يېزىسىنىڭ چىگىرىسىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 6 ئادەم قازا قىلىپ 1 ئادەم ئېغىر يارلانغان . ۋەقەدە شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ ماڭغان بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى 306 – ئۆلكە تاشيولىنىڭ 35 كىلومېتىر 100 مېتىرلىق ئورنىغا كەلەندە ئۇدۇلدىن كەلگەن 7 كىشلىك يولوچىلار ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ 4 ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان 2 ئادەم دوختۇرخانىغا ئاپىرىش يولىدا قازا قىلغان 1 ئادەم ئېغىر يارلانغان . ئۇچتۇرپان ناھىيىسى ئاقسۇ ۋېلايىتىگە تەۋە بولۇپ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارلىقى 1000 كېلومېتىردىن كوپرەك كېلىدۇ .
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇردى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ھال سوراش ئىشلىرى ياخشى ئىشلىنىۋاتىدۇ ۋە ۋەقەنىڭ جەريانىنى جىددى تەكشۈرىۋاتىدۇ.
مەنبە :
http://news.163.com/09/0623/13/5CGCJLE0000120GU.html