مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
سىز بۇ تېمىنىڭ 145 - كۆرۈرمىنى
تىما: مەن شۇنداق ئىنسان (ساتىرا )
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا
UID نومۇرى : 69406
نادىر تېما : 7 پارچە
يازمىسى : 61 پارچە
شۆھرەت: 169 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 850 سوم
تۆھپە: 110 نۇمۇر
ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 180(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-23 15:14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

مەن شۇنداق ئىنسان (ساتىرا )

شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى

مەن شۇنداق ئىنسان
(ساتىرا )
ئەزىز ئىمىر يانغىن



(مەزكۇر ئەسەر ئاقسۇ گېزىتى 2005-يىللىق 8-ئاپرىل سانىدا ئېلان قىلىنغان .)


بايان ئەيلەي <<ئادىمىي>>لىك نىشانىدىن ،
سىزگە مەلۇم <<سىر ، ھېكمەت>> تىن ۋاراق ئېچىپ .
بولغاچقا مەن <<پاراسەت >> لىك ، <<كارامەت>>لىك ،
ياشاپ كەلدىم ئۇيان قېچىپ ، بۇيان قېچىپ ...

قەددىمنى تىك تۇتۇپ ياشاش بەك تەس بولدى ،
ئىنسان نىمە ، ھايات نىمە چېچىم چۈشتى .
جامالىنى كۆرسەتمىدى بەخت قىزى ،
تەقدىرىمنى ھەر ئويلىسام بېشىم چۈشتى .

كۈن ئۆتكۈزمەك رىسالىسىن تۈزۈپ چىقتىم ،
كېچە –كۈندۈز باش قاتتۇرۇپ مىڭ تەسلىكتە .
ياشاپ كەلدىم شۇندىن بۇيان << ئەقىل >> بىلەن ،
گاھى خۇشال قەھ –قەھ كۈلۈپ ، گاھ مەستلىكتە .

ھەر بىر ئىشتا <<پىلان >>قۇردۇم (زېرەك ) بولغاچ ،
خۇشامەتتە باراقسانلاپ كۆكلەپ كەتتىم .
جاپا تارتىش ئەخمەقلەرگە خاس ئەمەستۇر ،
شۇ خاسلىقتىن <<پەم >>ئىشلىتىپ ئۇزاپ كەتتىم .

دەپىن –دۇنيا ئېشىپ تۇرسا –تېشىپ تۇرسا ،
ئېھتىياجىم چۈشمىسىكەن باشقىلارغا .
تۇغۇلدۇممۇ ئويناپ –كۈلۈپ ئۆتەر كۈنۈم ،
مىڭلاپ ئاپەت كەلسىمۇ گەر ياخشىلارغا .

باشقىلارنىڭ يېغىرىنى تاتىلىماي ،
قارا سۈرتمەي ، ئورا قازماي كۈنۈم ئۆتمەس .
پەيتى كەلسە ئۆزگىلەرنى باپلىماستىن ،
خۇشال ئۆتمەس بىر مىنۇتمۇ ئىشىم پۈتمەس .

ئاستىرىتتىن توزاق قۇرۇپ ئەدەبلەيمەن ،
مىللەت ، خەلق دىگەنلەرنى پايلاپ يۈرۈپ .
تەخت ياساپ <<قۇربانلىقلار >>يىغىسىدىن ،
<<نوچىلارچە>> ياشاپ كەلدىم دەۋران سۈرۈپ .

شانۇ –شەۋكەت ، راھەت ئۈچۈن ئۇنتۇپ بەزەن ،
تېنىۋالىمەن ئىككىلەنمەي ئۆز ئەسلىمدىن .
سېتىشقىمۇ رازى ئاتام ھەم ئانامنى ،
ۋاز كەچمەيمەن بىراق يىققان بۇ ۋەسلىمدىن .


ھاقارەتلەپ ئادەملەرنىڭ قاتارىدىن ،
لەنەت بىلەن مېنى ھەيدەپ چىقارسىمۇ .
كىرىپ چىقماس خىيالىمغا مىللەت دىگەن ،
كۆڭلۈم تېڭى ئاتماس خوراز قىچقارسىمۇ .

كۆرۈنىدۇ كۆزۈمگە سەت دېھقان دىگەن ،
بولساممۇ گەر يىلتىزىمدىن دېھقان پۇشتى .
قېچىپ كەلدىم توپا –تۇمان ، ئىش –ئەمگەكتىن ،
كەلسە ئىزلەپ بىرەر دېھقان ئىچىم پۇشتى .

ئىنسان ئۆمرى تۈگىمەسنىڭ قۇمى ئەمەس ،
خالىسانە يەم قىلمايمەن ياشلىقىمنى .
ئۆچ كۆرسىمۇ مەيلى دەيمەن ئەل –جامائەت ،
رازى قىلسام بەس –كۇپايە باشلىقىمنى .

ھاراق دېسە ئۆزگىچىلا يايرار تېنىم ،
بۇتۇلكىدۇر جان –جىگەرىم ئۈلپەتدىشىم .
جەننەت نېمە ، دوزاق نېمە پەرۋايىم يوق .
تەييارتاپمەن ھۇرۇنلۇقۇم جان سەپدىشىم .


بىر ئىنسانمەن بۇ جاھاندا تەڭدىشىم يوق ،
ھىيلەم كۆپتۈر تۈگىمەيدۇ ئىشلەتكەنگە .
ئىتى بۇلۇپ تاپىسىدىن داجىمايمەن ،
ئايىماستىن پارچە سۆڭەك چىشلەتكەنگە .

ئارتۇق ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن <<ئەخمەق>> ئادەم ،
(قەبرىسىنى قۇم باسىدۇ ئۇنداقلارنىڭ )
شۈكرى قىلماي چاقچاقلاشسا ھايات بىلەن ،
مەن بېرىمەن دەككىسىنى ئۇنداقلارنىڭ .

<<تەجرىبەم مول >> بىر ئىنسانمەن ، تۇتىيامەن ،
خىيالىمدا ،چۈشلىرىمدە ئەڭ ئېگىزدۇرمەن .
رىئاللىقتا ئەتىۋارىم يوق بىر تاشلاندۇقمەن ،
غالىپلارچە مانا شۇنداق ياشاپ كەلدىم .


www.xabnam.com
يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • ياخشى باھا:+30(باياۋان) ئەھمىيەتلىك
  • شەبنەم پۇلى:+50(munajat7) ياخشى ئەسەر.
  • مىسرانىم تورى
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا
    UID نومۇرى : 63890
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 405 پارچە
    شۆھرەت: 1895 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4043 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 415(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    1  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-23 15:20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    << بولىدىغان ئىنسان ئىكەنسىز ، ئىككىنچى بىر ئادەم سىزگە يېتىشەلمىگۈدەك >> .
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 40796
    نادىر تېما : 3 پارچە
    يازمىسى : 1507 پارچە
    شۆھرەت: 1940 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 14180 سوم
    تۆھپە: 572 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 525 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1051(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    2  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-23 15:27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بەك ياخشى ئەسەركەن، بىر ئادەم شۇنداق ئىسىل يازمىلارنى يوللىسا تەنە گەپ بىلەن توشقۇزىدىكەنمىز ئىنكاستا.

    يەنە مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    خوپ ئۆزۆڭ دۇنيا بىراق،شەيتانلىرىڭدىن قورقىمەن،
    بىگۇنانى باغلىغان ئارقانلىرىڭدىن  قورقىمەن.
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 76183
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 168 پارچە
    شۆھرەت: 249 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1680 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 120(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-03-14
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-23
    3  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-23 15:32
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ياخشى يېزىپسىز!!!!!!!!!!!!!!!!!سىز ئۇنداق بولمىسىڭىزمۇ،جەمئىيىتىمىزدە ئۇنداقلار كۆپ.ياخشى قامچىلاپسىز.لېكىن ،بىر قىسىم مۇنبەرداشلىرىمىز سىزنى قامچىلىشى مۇمكىن.كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.بىر قىسىم ئىنكاسچىلىرىمىز بار.نىمىنىڭ ئىنكاس ئىكەنلىكىنى بىلمەي،ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى يازىدىغان............دىققەت!!!!!!!!!!!!مۇنبەرداشلار،ئىنكاسنى ياخشى يازايلى!!!!!!!!!!!!!!!!
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ھەققانىيەتكە تەشنا يۈرەك
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 96036
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 65 پارچە
    شۆھرەت: 650 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 650 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 19(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-23
    4  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-23 15:39
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ھەقىقەتەن بەك  ياخشى يېزىلىپتۇ ،  مۇشۇنداق  ياخشى ئەسەرلەر بىلەن تەمىن  ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت ، بولسا داۋاملىق  يۈز كۆرۈشۈشكە نىسىپ  قىلغاي  .
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    ئارمىيسى يوق مىللەت، قورۇقى يوق ھويلا .
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 69469
    نادىر تېما : 4 پارچە
    يازمىسى : 1305 پارچە
    شۆھرەت: 2066 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 13049 سوم
    تۆھپە: 151 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 220 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1578(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    5  ـ قەۋەت ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    جەمىئىتىمىزدىكى رەزىل ، روھىي غالىبەتچىلىك ، ھىيلە-مىكىر ، شەخسىيەتچىلىك ، گالۋاڭلىق ...ئىللەتلىرىنى ئوبدان قامچىلاپسىز . دەل مۇشۇنداق ئىللەتلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىللەتلەرگە ئىگە يولداشلارنىڭ تۈپ سانىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىدىن كۆرۈۋاتقان كۈنىمىز راۋاج تېپىشى بەك قىيىن ھەم بەك ئاستا بۇلۇۋاتىدۇ .
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    http://izdax.xjalexa.cn/news.jpg
    شەبنەم ناخشىسى
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا
    UID نومۇرى : 11483
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 365 پارچە
    شۆھرەت: 722 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2670 سوم
    تۆھپە: 40 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 613(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-01-26
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    6  ـ قەۋەت ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

            مەن مۇشۇنداق بەندىمەن

             ئەخمەتجان توختى(بۆرە ئوغلى)

    ئېشىپ كەتسەڭ مېنىڭدىن سېنى ياخشى دەمدىمەن،
    پۇتلىماققا سېنى بىر شۇڭا كۈندە غەمدىمەن.
    ماختاپ قويسام ئالدىڭدا مېنى ياخشى دىمىگىن،
    بىلمەك بولساڭ خۇيۇمنى مانا شۇنداق بەندىمەن.

    ياخشى ھەمرا دىمىگىن كۈندە نەچچە ئىزلىسەم،
    ئەدەپلىك دەپ ئويلىما ئەركىلىسەم،سىزلىسەم.
    مەقسىدىم شۇ مېنىڭكى بىلمەك ئىچكى سىرىڭنى،
    چاپلاشتىممۇ جاراھەت مەيلى قانداق تەندىمەن.

    چىقىرىمەن سېنى دەپ كۈندە ھەرخىل پەتىۋا،
    ھىجارىسام شۇڭا سەن بىلىپ كەتمە ئەتىۋا.
    ماختاپ يۈرمە بىراۋغا مېنى بەلەن ئۈرۈك دەپ،
    ئەسلى بىلسەڭ ھىلەمنى ساڭا غورا تەمدىمەن.

    نەدە ساڭا قارىسى ئاپارغىنىم تۆش ئىدى،
    چاندۇرماستىن يىگۈزدۈم ئەسلى ھارام گۆش ئىدى.
    ھىلە بىلەن ئەشۇنداق ئىچكۈزىمەن چىيىمنى،
    زەھەر تېمىپ تۇرىدۇ دەملىسەممۇ قەندىمەن.

    روناق تاپساڭ كۈنسىرى كىلەر مېنىڭ قىچىقىم،
    قوينىمدا بار شۇڭلاشقا مېنىڭ پالتا،پىچىقىم.
    شۇڭا تىنىم تاپمايمەن كىسىكىڭگە سۇ قۇيۇپ،
    كۆڭلىم ئەمىن تاپىدۇ ئولتۇرغۇزۇپ نەمدىمەن.

    ماختاپ يۈرسەم ياخشى دەپ لۈكچەك مىجەز بالاڭنى،
    ئەجەپ ئېسىل بۇقا دەپ ئەشۇ سېغىن كالاڭنى.
    ئەس-ھۇشۇڭنى يوقاتما ،مەقسىدى بار ماختاشنىڭ،
    پەيلىرىڭنى كېسىشچۈن ئەسلى جادۇ،رەندىمەن.

    شاپاشلايمەن ھەر كۈنى سېنى مىھمان قىلماققا،
    مىھمان بولدۇڭ سەن دىمەك چۈشتۈڭ ئەمدى قىلتاققا.
    ئازدۇرماققا يۇلىڭدىن تەييارلىدىم قىزلارنى،
    كېسىش ئۈچۈن ئەقلىڭنى شاراپ ياكى بەڭدىمەن.

    كۈچلىكلەرنى كۆرگەندە تازىم قىلىپ خوش دىدىم،
    ئاجىزلارغا يۇلۇقسام ئۆتە نېرى پوش دىدىم.
    ئۆزگىرىشكە كەلگەندە خامىلىيون نىمە ئۇ،
    شۇنداق ھەر خىل ھەر ياڭزا بويىلىمەن رەڭدىمەن.

    ئەسلى ياخشى بولاتتى ماڭا قاپاق ئاچمىساڭ،
    نەس باسىدۇ بىر كۈنى مەندىن نېرى قاچمىساڭ.
    پۇرسەت ئىزلەپ يۈرىمەن ،مەن سايىدەك ئەگىشىپ،
    تىقىش ئۈچۈن تەييار بوپ ئېغىزىڭغا گەندىمەن.

    دىمەك ئەمدى سەن مېنىڭ بىلىپ قالدىڭ سىرىمنى،
    مېنى يىتىم قالدۇرۇپ ئېگىزلەمسەن قىرىڭنى.
    سەن ئۇنۇتساڭ ۋە لېكىن ئىزلەپ تۇرار نەچچىسى،
    يالغۇزسىراپ قالمايمەن خوشامەتلىك دەڭدىمەن .

    ماتىماتىكا تەستىقلىدى
    سايرام