ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى 25 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 00 : 4 دىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 22–ئىيۇن چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ ، سۈرۈشتە قىلىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تېز سۈرۈشتە قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن . مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى نەتىجىسى 25–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 00 : 4 دىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىكەن .
شۇ ۋاقىت كەلگەندە ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى (
http://www.xjtsnews.com ) ، شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرلىرى تورى ۋە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ئارقىلىق نەتىجىسىنى ھەقسىز سۈرۈشتە قىلسا بولىدىكەن . تېلېگراف ئابونتچلىرى 16885666 نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ ، ئاپتوماتىك مۇلازىمەت ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلسا بولىدىكەن . كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتچلىرى KST غا ئىمتىھان كېنىشكىسى نومۇرىنى قوشۇپ ، قىسقا ئۇچۇر سۈپىتىدە 10658333 گە ئەۋەتسىمۇ بولىدىكەن ، ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، سىستېما 1 –ۋاقىتتا ئاپتوماتىك جاۋاپ قايتۇرىدىكەن . كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتچلىرى يەنە 12590333 نومۇرغا تېلېفونغا تېلېفون بېرىپ ، كۆرسەتمىگە ئاساسەن سۈرۈشتە قىلسا ياكى GKغا ئىمتىھان كېنىشكا نومۇرىنى قوشۇپ ، قىسقا ئۇچۇر سۈپىتىدە 10658333 گە ئەۋەتسە بولىدىكەن . بۇلاردىن باشقا ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار يەنە شىنجاڭ رەقەملىك مەكتەپ تورى ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلسىمۇ بولىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل شىنجاڭ تېلېگراف شىركىتى ، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ھەر مىنۇتلۇق سۈرۈشتە قىلىش ھەققىنى ئىلگىرىكى 2 يۈەندىن 1 يۈەندىن چۈشۈرگەن . ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلىش جەريانىدا ، ئوقۇغۇچىلار قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ، شىنجاڭ مائارىپ باشقۇرۇش ئۇچۇر مەركىزى تەسىس قىلغان 2872491 — 0991 تېلېفونىغا ياكى 2883006 — 0991 مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدىكەن .