19-چىسلا ئېراننىڭ ئالىي دىنىي داھىسى ھۇمەينى بارلىق ئېران خەلقىنىڭ ئىناق - ئىتتىپاق بولۇپ ،
قانۇنىي يۇسۇندا ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا چاقىردى.
ئېران 10%بىلەتنى ئەۋرىشكە ئىلىپ تەكشۇرمەكچى ئېران دۆلەتلىك تېلىۋىزىيىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، 20-چىسلا ئېران ئاساسىي قانۇننى قوغداش كومىتېتى 10- نۆۋەتلىك زوڭتۇڭ سايلىمىنىڭ سايلام بىلىتىدىن 10%نى ئەۋرىشكە ئىلىپ قايتا ئىستاتىكىلاپ كۆرمەكچى بولغان،
خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئاساسىي قانۇننى قوغداش كومىتېتىنىڭ بىلەتلەرنى قايتا ئىستاتىسكا قىلىش مەجبۇرىيىتى بولمىسىمۇ ، زوڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ ئورتاق نازارىتى ئاستىدا 10% سايلام بىلىتىنى ئەۋرىشكە ئىلىپ ئىستاتىسكىلاپ چىقىماقچى. لىكىن بۇنىڭغا بىر نامزات قوشۇلۇپ ، قالغان ئىككى نامزات بارلىق بىلەتلەرنى قايتا ئىستاتىسكىلاشنى تەلەپ قىلغان.
يەنە بىر خەۋەردە كۆرسۇتىلىشىچە، ئېران تېلىۋىزىيىسى 21- چىسلا ئاخبارات ئىلان قىلىپ ، بىر قىسىم غەرىب ئەللىرى ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئېراننىڭ سايلام خىزمىتىگە ئارىلاشقانلىقىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۇرگەن.
بولۇپمۇ ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ،گىرمانىيە ۋە ئامىرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ ئىنتىراز بىلدۇرۇلگەن.
http://news.xinhuanet.com/world/2009-06/22/content_11578272.htm