مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
سىز بۇ تېمىنىڭ 4201 - كۆرۈرمىنى
تىما: ماۋزىدۇڭغا قىزىقىدىغان ئۇيغۇر
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

UID نومۇرى : 29066
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 743 پارچە
شۆھرەت: 1631 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7455 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 651(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-01-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-28
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-21 22:50
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

ماۋزىدۇڭغا قىزىقىدىغان ئۇيغۇر

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى : بۇ يازما xabnam تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2009-06-21)
شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى


ئەنۋەر ئىسمائىل قۇرغان «ماۋزېدۇڭ خاتىرە سارىيى»


مەتتۇرسۇن ئوسمان


خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدە كۆلىمى 130 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان، كىشىلەر «ماۋ زېدۇڭ خاتىرە سارىيى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ماۋ زېدۇڭ ئىزناكلىرى كۆرگەزمىخانىسى بار.
بۇ كۆرگەزمىخانىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 18 مىڭدىن ئارتۇق ئىزنىكى، 2000 پارچىدىن ئارتۇق سۈرىتى، 8000 پارچىدىن ئارتۇق ئۈزۈندىلەر توپلىمى، 1000 دىن ئارتۇق ھەيكىلى، ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن 500 نەچچە خىل تۇرمۇش بۇيۇمى ساقلانغان بولۇپ، ھازىر بۇ كۆرگەزمىخانا ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان «قىزىل ساياھەت» نۇقتىسىغا ئايلاندى.

كۆرگەزمىخانىغا بارسىڭىز، 30 مىڭدىن ئارتۇق خاتىرە بۇيۇمى ساقلانغان بۇ كۆرگەزمىخانىنى قۇرۇشقا قانچىلىك مەبلەغ كەتكەندۇ؟ بۇنى قايسى ئورگان قۇرغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىسىز.
ئەمەلىيەتتە بۇنى خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئەنۋەر ئىسمائىل 500 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل خەجلەپ قۇرغان.
500 مىڭ يۈەن چىرىدەك نامرات ناھىيىگە، بولۇپمۇ مائاشىدىن باشقا كىرىم مەنبەسى يوق ئەنۋەردەك ئادەتتىكى كادىرغا نىسبەتەن ئاز پۇل ئەمەس.
بۇ پۇلغا ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردىكى يۇقىرى قەۋەتلىك بىنادىن ئازادە بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغىلى ياكى بۇ پۇلنىڭ ئۈچتىن بىرىگە بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرگىلى بولاتتى.
بىراق ئەنۋەر ئۇنداق قىلمىدى.
ئۇنداقتا، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقۇسى بار ئوخشىمامدۇ؟
پۇل تاپقۇسى بولسا، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ماۋ زېدۇڭنىڭ بارلىق ئىزناكلىرىغا 500 مىڭ يۈەن، ئالتە ھەيكىلىگە 100 مىڭ يۈەن، ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە كەشتىگە 30 مىڭ يۈەن باھا قويسا، نېمە ئۈچۈن ساتمايدۇ؟
بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سېلىڭ:

ماۋ زېدۇڭ 1976-يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 83 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.
ئەينى چاغدا جاي-جايلاردا رەئىس ماۋ زېدۇڭغا ماتەم مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ دەل ئەنۋەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىدى.
بۇ زور ۋەقە ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلدى.
يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بۇ مەشھۇر زاتقا بولغان قىزىقىشى ۋە ھۆرمىتى كۈچىيىشكە باشلىدى ھەم ئۇنىڭ قەلبىدە ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىزناكلىرىنى يىغىش ئىستىكى قوزغالدى.
ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ماۋ زېدۇڭنىڭ شانلىق ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ جۇڭگو تارىخىدا ئوينىغان رولى ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدە تۇتقان ئورنىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، كەلگۈسىدە ماۋ زېدۇڭنى ئەسلەيدىغان بىر خاتىرە ئورنى بەرپا قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا، بۇ ئويىنى دادىسىغا ئېيتىۋىدى. دادىسى ئۇنى قوللاپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ 45 ئىزنىكىنى بەردى.
ئۇ بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئىزناك يىغىشقا كىرىشىپ كەتتى.
ھەر يىلى تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتقاندا، يىغىپ ساقلىغۇچىلاردىن ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىزناك، ھەيكەل، ئۈزۈندە، كىتابلىرىنى سېتىۋالدى، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئىزناك يىغدى.
1990-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، ماۋ زېدۇڭغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرە بۇيۇملارنى يىغىشنى داۋاملاشتۇردى.
2000-يىلىغا كەلگەندە، ئۇ ئائىلىسىدىكى 40 كۋادرات مېتىرلىق بىر ئېغىز ئۆينى كۆرگەزمىخانا قىلدى.
ئۇنىڭ كۆرگەزمىخانا ئاچقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ھەممە يەرگە تارقالدى.
ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە كېلىپ، بۇ كۆرگەزمىخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
ناھىيە رەھبەرلىرى ئەنۋەر ئىسمائىلنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى ھەم ئۇنىڭ كۆرگەزمىخانىسىنى ناھىيە بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بازىسى قىلىپ بېكىتتى.
ئېكسكۇرسىيىچىلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن كۆرگەزمىخانا قىلىنغان ئۆي تار كېلىپ قالدى.
چىرا ناھىيىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا ئىدارە ئىچىگە 130 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي سېلىپ بەردى.
بۇنىڭدىن سۆيۈنگەن ئەنۋەر ئىسمائىل تېخىمۇ كۆپ خاتىرە بۇيۇم توپلاپ، ھەر بىر بۇيۇمغا چۈشەندۈرۈش يېزىپ، كۆرۈرمەنلەرنى ماۋ زېدۇڭنىڭ ھايات پائالىيىتىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئەنۋەر ئىسمايىل 2007-يىلى بېيجىڭغا ئۈچ ئايلىق خىزمەت بىلەن بارغاندا، بوش ۋاقىت تاپسىلا، شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، يىغىپ ساقلىغۇچىلاردىن 80 مىڭ يۈەنگە ماۋ زېدۇڭ خاتىرە بۇيۇملىرى سېتىۋېلىپ، چىرىدىن تاپالمىغان خاتىرە بۇيۇملارنى تولۇقلىدى.
ھەر بىر بۇيۇمغا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كومپيۇتېرغا كىرگۈزدى، كۆرگەزمىخانىنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان VCD پلاستىنكىسى ئىشلىدى.
مەركەز، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى خوتەنگە كەلگەندە، ئالايىتەن بۇ كۆرگەزمىخانىغا كېلىپ، بۇ ۋەتەنپەرۋەر ئەزىمەتنىڭ روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە بېغىشلىما يېزىپ بەردى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇ كۆرگەزمىخانا يىراق-يېقىندىكى كىشىلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان ئېكسكۇرسىيە سورۇنىغا ئايلاندى.

نۇرغۇن كىشى پايتەخت بېيجىڭدا «ماۋزېدۇڭ خاتىرە سارىيى» بارلىقىنى بىلىدۇ.
ئۇ خاتىرە سارىيى ماۋ زېدۇڭنى ئەسلەش، ئۇنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى ياد ئېتىش، جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن بۇ مەشھۇر شەخسكە ھۆرمەت، ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن سېلىنغان.
مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەنۋەر ئىسمائىلنىڭ ماۋ زېدۇڭ ئىزناكلىرى كۆرگەزمىخانىسىنىمۇ «ماۋ زېدۇڭ خاتىرە سارىيى» دېيىشكە بولىدۇ.

****************************
تەۋسىيە: ھەقسىزلىقنىڭ ئاچچىق قىسمىتى-«بۇخارا پاجىئەسى»
مەنزىل: http://www.uyghurqamus.cn/uy/read.php?tid=771
****************************
مىسرانىم تورى
شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا
UID نومۇرى : 56494
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 459 پارچە
شۆھرەت: 1794 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 197(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
1  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-21 22:59
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

ۋاي ئىسىت  يەنە بىرنى ئىسىت  ئەينى چاغدا قۇربان تۇلۇم ئىشەككە مىنىپ ماۋزىدۇڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭغاندا نەدە قالغان بولغىتى   .                             
روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
※★ياخشى بالا★※
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

UID نومۇرى : 2234
نادىر تېما : 5 پارچە
يازمىسى : 1878 پارچە
شۆھرەت: 17642 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2240 سوم
تۆھپە: 278 نۇمۇر
ياخشى باھا: 75 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 832(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2006-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
2  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-21 23:01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

ھەيۋەتلىككە ھەيۋەتلىك ،
ماۋزۇدۇق تاغام ھەيۋەتلىك،
ئۇلۇغ ئىشنى چىقارغان،
ئەنۋەر ئاكام ھەيۋەتلىــــــــــــــــــــك.
مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ئاھ شەبنەم، سېنى سۆيىمەن ساڭا بولغان مۇھەببىتىم جۇڭگۇلۇقلاردەك كۆپ !

مۆمىنجان ئابلىكىم
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا
UID نومۇرى : 41796
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 350 پارچە
شۆھرەت: 676 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3489 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1262(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
3  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-21 23:03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

ماۋزىدۇڭ ئاشۇنداق ئادەملەرگە دۇئا قىلىپ قۇيدۇ.مانا شەخسكە چۇقۇنۇش بولماي نىمدۇ ئۇ؟؟؟؟!!!!!!
مەن بولسام ئاشۇ خاتىرە بۇيۇملارنى سېتۋىتىپ قالغان پۇللارنىڭ مەلەم قىسمىغا چىرا ناھىسگە قۇدۇى قازدۇراتتىم . قالغان پۇلغا بالامنى ئۇقۇتۇپ ياخشى تەربىلەپ ماۋزىدۇڭغا ئوخشاش  ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلاتتىم خالاس .
بۇ منىڭ شەخسى كۆز قارشىم ------قالايمىقان پۇتاق چىقارماڭلار.
مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

UID نومۇرى : 26768
نادىر تېما : 1 پارچە
يازمىسى : 3850 پارچە
شۆھرەت: 4141 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 630 سوم
تۆھپە: 78 نۇمۇر
ياخشى باھا: 112 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2067(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
4  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-21 23:04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

ئوبدان ئىسىل ئادەمكەن بۇ ،،،
ياخشى ۋەتەنپەرۋەر ئىسىل زات ،،
روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
ھىتلېر : روسىيەنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك !  
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
UID نومۇرى : 96036
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 69 پارچە
شۆھرەت: 690 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 690 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 22(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
5  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-21 23:07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

بۇ  ۋەتەنپەرۋەر زاتقا  بىرەر  ئوردىن  بەرسەك  بولاتتى .
شىنجاڭ تور مەكتىپى
ئارمىيسى يوق مىللەت، قورۇقى يوق ھويلا .
شەبنەم ناخشىسى
ئۆزۈم ھەرجايدىمەن، كۆڭلۈم سەند
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا
UID نومۇرى : 35193
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 647 پارچە
شۆھرەت: 1843 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6800 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 292(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
6  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-21 23:11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

ئوھوي  ؛  مانا  مانا  كۆرۈڭ  بىزدىكى رەسۋاچىلىق  ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
قىزىل پاچاق ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
       <     ئۆزۈم ھەرجايدىمەن ، كۆڭلۈم سەندىدۇر     >
شەبنەم ناخشىسى
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
UID نومۇرى : 36504
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 41 پارچە
شۆھرەت: 195 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 360 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 621(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
7  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-21 23:18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

ۋەتەنپەرۋەر زات !  500 مىڭ !  بۇ پۇلنى قانداق يىغقاندۇ بۇ ۋەتەنپەر كادىر ؟ ... نۇرغۇن ئىشلارغا توۋا دىگۈلۈك ھە .....  خوتەننىڭ گېپى بۇيىچە "سېرىق بوراندا قالغان " .....كەن بۇ  ....     باشقا گەپ ئارتۇق ...
شىنجاڭ تور مەكتىپى
نۇرقۇت دۇنياسىnurqut.com
دەرىجىسى : تېما چولپىنى
UID نومۇرى : 22453
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 594 پارچە
شۆھرەت: 678 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 871475 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1445(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-09-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
8  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-21 23:18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

ئۆرگىلەي................................................