ئاڭلىساق يىقىندىن بۇيان ئىشتىن قالدۇرۇلغانلار ۋە ئىش تاپالمىغانلار ب د ت غا جۇڭگۇدا ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئېغىر دەپ ئەرز سۇنۇپتۇ. بۇ پۈتۈنلەي تۆھمەت. ئەمىلىيەتتە ئىش قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ھەر قاچان ئىش تەييار.
پارتىيىمىز نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىشتىكى مەخپى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ بۇ قېتىم ئاشكارا قوبۇل قىلىشقا ئۆزگەرتتى.
تەلەپ ناھايىتى ئاددى بولۇپ، ھەر قانداق كەسىپتىكىلەرگە ماس كېلىدۇ. يېشى، جىنسى، مەدىنىيەت سەۋىيىسى، تەۋەلىكى چەكلەنمەيدۇ.
قوبۇل قىلىش شەرتى مۇنداق:
بىكار تەلەپلەر ساھەسىدىكىلەردىن: مۇقىملىقىمىز ئۈچۈن مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلالايدىغان، خەلىققە تەھدىد ئىلىپ كىلىدىغان ھەر خىل كەسىپلەرنى ئىجاد قىلالايدىغان، ھەر خىل گوروھ تەشكىللەپ سۇنى لىيىتىپ بىلىق تۇتۇشقا شارائىت ھازىرلىيالايدىغان كىشىلەر ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.
زىيالىلار ساھەسىدىكىلەردىن: ھەر خىل روللارنى بىمالال ئالالايدىغان، مۇناسىۋەتكە ماھىر، خەلىق ئىچىگە يوشۇرىنىۋالغان تالانت ئىگىلىرىنى تىپىپ چىقىپ ئۇلارنى قارىلىيالايدىغان، ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىگە ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر، خەلىقپەرۋەر دەپ نام ئالالايدىغان، پارتىيىمىزنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى دىننىڭ نامىدا تەپسىر قىلالايدىغان، تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن، يىڭى-يېڭى پىلان ۋە لاھېيەلەرنى ئوتتۇرغا قويالايدىغانلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. تۆۋەن تەبىقىدىكىلەردىن: تېلىۋىزور، گېزىت-ژورناللارغا بىزنى ماختاپ بىرەلەيدىغان، تەققى تۇرقى سەت، كۆرۈمسىز، ھالى خاراپ، ئاجىز-مېيىپلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.
مەبلەغ سالغۇچىلاردىن: ئەيشى-ئىشرەت، كەيپى-ساپا، بۇزۇقچىلىق سورۇنلىرىنى ماڭدۇرالايدىغان. قېمارخانا، پاھېشخانا، يەنە باشقا تۈرلۈك قەبېھخانىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇپ خەلىقنىڭ باي، خاتىرجەم، كۆپ ئىشلارنى ئويلايدىغان بوپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلارغا ئالاھىدە ئىتىبار قىلىنىدۇ. ئۇلاردىن باج، بازار ھەققى ۋە باشقا قوشۇمچە ھەقلەرنىڭ ھەرقاندىغى ئېلىنمايدۇ، ھەتتا زۆرۈر كەلگەندە ھۆكۈمەت ئۆسۈمسىز قەرز بىلەن ئۇلارنى يۆلەيدۇ. زىيان تارتىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ.
پاھېشىلاردىن: ئۆزى قاملاشقان، چىرايلىق، خىرىدار جەلىپ قىلالايدىغان، ياكى دەللاللىق قىلالايدىغانلارنىڭ تېجارەت يوللىرىنى كېڭەيتىۋىلىشىغا شارائىت بىرىش ئۈچۈن ھەقسىز پاسپورت بېجىرىپ بىرىلىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىگە چەتئەللەرگە چىقىپ ئۆز مىللىتى ۋە دىنىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە يۈز تىپىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بەرسىلا بولدى. سەرگەندارلاردىن: ھەر خىل تەشكىلات ۋە گوروھلارغا ئەزا بولۇپ كىرىپ بىزنى مەخپى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ بىرەلەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئېتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ تەپرىقلەشتۈرەلەيدىغانلار قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇلار ئائېلىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئالاھىدە ھوقوق ۋە تەمېناتلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ. ئۇلارغا بىرەر كېلىشمەسلىك كەپ قالسا ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئېنقىلاۋى قەھرىمان دەپ ئەنگە ئالىدۇ. ئائېلىسىدىن ھەقسىز خەۋەر ئالىدۇ.
كەسپى ساپاسى بارلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىز بىلەن دەرھال ئالاقىلاشسا بولىدۇ. ئادرىسى: ......... تەربېيىلەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى (ئەسكەرتىش: ھۆكۈمىتىمىز ئۆز پۇخرالىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قالماي ھەتتا ئەجنەبىلەرنىمۇ ئىش بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەپسىلاتىنى يۈر تۇرانە كېلىشىمىز.)