نۆۋەتتە دىققەت قىلىدىغان بولساق بازارلىرىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئىسىملىرىنى ماركا قىلىپ بازارغا سىلنىۋاتقان مەھسۇلاتلار كۈندىن - كۈنگە كۆپىيۋاتىدۇ، بۇ بىر ياخشى ئىش لىكىن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان زاۋات ئادىرسىغا قارايدىغان بولساق كۆپىنچىسنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلار ئىشلەپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئادەمنى ئازراق شەكلەندۇرۇپ قويىدۇ. مەن ئويلاپ قالدىم مۇشۇ شىركەتلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە زاۋۇتى بارمىدۇ؟ياكى خەنزۇنىڭ زاۋۇتلىرىغا ۋاكالتەن مەھسۇلاتنى ياستىپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپلا بازارغا سالامدىغاندۇ؟ ۋە ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مەخسۇس تېخنىك خادىمى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە تۇرمۇش خارەكتىرى بويىچە نازارەتچىلىك قىلىپ ياستامدىغاندۇ؟
ئەگەر قىپى ئۇيغۇرچە، مەھسۇلات تەركىۋى خەنزۇچە بولسا بۇ ئوچۇقلا ئۆز مىللىتىمىزنى ئالدىغانلىق، ۋە< گۆش كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتقانلىق> چۈنكى ئۇ مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى توختىماي ماختاپ ئۇچۇرۇپ تۇرۇدۇ،شۇنداق بولغاندىكىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئازراق بولىسمۇ ئۆزىمىزگە پايدىسى بولسۇن دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلغان مەھسۇلاتلارنى سىتىۋالىدۇ(شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ شۇنداق).
ئەگەر ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلىكىلەردا زاۋۇتى ياكى تېخنىكا تەكشۈرگۈچى خادىمى بولسا بۇ ياخشى ئىش، شۇنداقلا بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىمىزگە ياخشى ئۇل سالغانلىق. ئەگەر مۇشۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار تور داشلىرىمىز بولسا مۇشۇ توغۇرلۇق بىر چۈشەنچە بەرسە ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى ئىككىلىنىش يوق بولغان بولاتتى.
مىنىڭ تەكلىۋىم:
ھازىر جەمىيئەتكە نەزەر سالىدىغان بولسا ھەرخىل شىركەتلەر قۇرۇلدى بۇلارنىڭ ئاساسلىق شەكىلى بىر ئىغىز ئىشخانىنى ئىجارە ئىلىپ پالانى پەن - تېخنىكا شىركىتى،پالانى بىئو - تېخنىكا شىركىتى دىگەندەك سەللىسى يوغان بىر قانچە شىركەتلەرنى قۇرغاننىڭ ئورنىغا بىرلىشپ كىچىكرەك زاۋۇتلارنى قۇرغان بولسا نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئىشقا ئورۇنلاشقان بولاتتى ياكى بولمىسا ئىچىملىك ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان قىرىنداشلىرىمىز ئامىنە شىركىتىگە، يىمەكلىك ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان شىركەتلىرىمىز ئىخلاس، ئارمان قاتارلىق شىركەتلەرگە، گىرىم بويىمى ۋە چاچ يۇيۇش سۇيۇقىلىق، چىش پاستىسى ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان قىرىنداشلىرىمىز چىننۇرى شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلىپ ئۆز رايونىمىزدا ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئىشلەپ چىقارسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە!