نىجاد نېمە ئۈچۈن يەنە ئىراننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى ؟
ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سادىق مەھسۇلى 13 – ئىيۇن ئاخىرقى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئەھمەد نىجادنىڭ % 62.63 ئاۋاز بىلەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھازىر ، ئەھمەد نىجادنىڭ نېمىشقا كۈچلۈك رىقابەتچىسىنى يېڭەلىگەنلىكى، ئىراننىڭ ئىچكى – تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش – بولماسلىقى كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.
سايلامدا ‹‹ بىرتەرەپكە ئېغىش ›› ئەھۋالى كۆرۈلدى
سايلىغۇچىلارنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشى بۇ قېتىمقى ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. 22 – ماي سايلام رىقابىتى پائالىيىتى رەسمىي باشلانغاندىن كېيىن، سايلىغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى. بولۇپمۇ پايتەخت تېھران قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئاۋاز بېرىش كۈنىدىن ئىلگىرىكى بىرقانچە كۈندە، سابىق زۇڭلى مۇساۋى بىلەن ئەخمەد نىجادنىڭ قوللىغۇچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ، داغدۇغىلىق مەدەت بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.
12 – ئىيۇن ئىراندىكى سايلىغۇچىلار پائال ئاۋاز بېرىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن ئاۋاز بېرىش ئورنىدا سايلىغۇچىلار بەس – بەستە ئاۋاز بەرگەنلىكتىن، ئاۋاز بېرىش ۋاقتى ئۇزارتىلدى. ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى 13 – ئىيۇن بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئاۋاز بېرىش نىسبىتى%85 ئەتراپىدا بولۇپ، تارىخىي رېكورت يارىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.
زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىسلاھاتچىلار نامزاتى، سابىق زۇڭلى مۇساۋى نۇرغۇن سايلىغۇچىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئەھمەد نىجادنىڭ كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارالغان ئىدى.
ئەھمەد نىجاد كۆپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە
ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئەھمەد نىجادنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە غەلىبە قازىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ھەقىقەتەن بەزى ئالاھىدە ئۈستۈنلۈكلەرنى ھازىرلىغان.
بىرىنچىدىن، ئەھمەد نىجادنىڭ ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە خېلى كۆپ يارقىن نۇقتىلار بار، سىياسىي دەسمايىسى چوڭ؛ ئىككىنچىدىن، ئەھمەد نىجادنىڭ خەلقپەرۋەر، پاك ئوبرازى ئىراندىكى خېلى كۆپ سايلىغۇچىغا قارىتا جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە؛ ئۈچىنچىدىن، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئىگە بولغان مەمۇرىي ۋە تەشۋىقات بايلىقىمۇ ئۇنىڭ سايلامدا ئۇدا سايلىنىشىغا پايدىلىق.
ئىچكى – تاشقى سىياسەتلەر يېقىنقى مەزگىلدە ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئەھمەد نىجاد داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، ئىراننىڭ ئىچكى تاشقى سىياسىتىدە قىسقا مۇددەت ئىچىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئىران ھازىر يولۇققان ئىچكى – تاشقى بېسىم ۋە خىرىسلار يەنىلا مەۋجۇت.
ئەھمەد نىجاد ھۆكۈمىتى خەلقپەرۋەر سىياسەتلەرنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە چەت، يىراق رايونلارغا كۆڭۈل بۆلۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قالاق رايونلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. ئەيىبلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسەت جەھەتتە، ئەھمەد نىجاد ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھات لايىھىسى، جۈملىدىن ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە تولۇقلىمىسى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى قايتىدىن تەقسىملەش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ يولغا قويۇشقا كىرىشىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەھمەد نىجادنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشى بىلەن ئىران – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۆسۈشكە ئېرىشىشى ۋە ھەل قىلىنىشى تەس. ئىران ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە ‹‹ ئەمەلىي ئۆزگىرىش ›› بولۇشنى داۋاملىق ساقلايدۇ، بىر جەھەتتىن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا سۆزلىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يەنە بىرجەھەتتىن، ئامېرىكىنىڭ غەرىزىنى كۆزىتىدۇ.
ئىراننىڭ سابىق زۇڭلىسى مۇساۋى زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدىئىران ئىسلام جۇمھورېيتى بايرىقى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تېھران، 14 – ئىيۇن تېلېگراممىسىئىراننىڭ 10 – نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىران ئىسلاھاتچىلىرىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق زۇڭلى مۇساۋى 14 – ئىيۇن ئىران ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش – قوغداش كومىتېتىغا ئېلان قىلىنغان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا رەسمىي تەكلىپ سۇندى.
مۇساۋى شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ شەخسىي تور پونكىتىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش – قوغداش كومىتېتىغا سايلام نەتىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش خېتىنى رەسمىي تاپشۇردۇم، مېنىڭچە بۇ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى ۋە خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى. خەلق جەزمەن زوراۋانلىق يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشنى پىرىنسىپ قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا تىنچ، مەدەنىي ھەم قانۇنلۇق بولغان ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
مۇساۋىنىڭ قىسمەن قوللىغۇچىلىرى 13 – ئىيۇن تېھراندىكى ئاساسلىق مەيدان ۋە كوچىلاردا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ساقچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ تەرتىپ ساقلاپ، زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ساقچىلار ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى تارقاقلاشتۇرغاندا، تار دائىرىلىك توقۇنۇش بولغان. ھازىر ساقچىلار ئون تەشكىللىگۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 ئېتىراز بىلدۈرگۈچىنى قولغا ئالغان.ئىران پايتەختى تېھراندىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش
ئىران ساقچىلىرى تېھران ئونېۋىرىستىتىغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كىينكى ئەھۋاللار سۈرەتلىك نامايىش كۆرۈنۈشىنى بۇ ئادىرىستىن كۆرۈڭ؟!http://news.sina.com.cn/w/p/2009-06-18/113818045321.shtml