قصزلار رةت قىلالمايدصغان ماختاشلار
1.يىگىت:ماڭا ئىشىنىڭ،مەن چوقۇم سىزنى دۇنيادىكى ئىككىنچى بەخىتلىك ئادەمگە ئايلاندۇرىمەن!
قىز:نېمىشقا بىرىنچىسىگە ئەمەس؟
يىگىت:سىزگە ئېرىشسەم ،ئەڭ بەخىتلىك ئادەم مەن بولۇپ قالىمەن-دە.
2.يىگىت:يامغۇرنىڭ نېمىشقا شۇنچە قاتتىق ياغىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
قىز:ياق،نېمىشقا؟
يىگىت:سىزگە قاراپ بۇلۇتلارنىڭمۇ شۆلگىيى ئېقىۋاتىدۇ.......
3.يىگىت:خانقىز خاپا بولماي 5يۈەن بېرىپ تۇرالارسىزمۇ؟
قىز:ئېلىڭ،نىمە قىلماقچى ئىدىڭىز؟
يىگىت:ئاپامغا تېلېفۇن بىرىپ،بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزنى كۆرگەنلىكىمنى ئېيتاي دېگەن.
قىز:ۋىيەي،نىمە دەيدىغاندۇ...
4.قىز: ئادەمگە نېمىشقا بۇنچىۋالا قارايسىز،خىجىل قىلىپ؟
يىگىت:كەچۈرۈڭ!...مەن بىر سەنئەتكار گۈزەللىكتىن زوق ئېلىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك مىجەزىم...
قىز:......
5.يىگىت:خانقىز،مالال قىلىدىغان بولدۇم!
قىز:تۈزۈت قىلماڭ،نېمە ئىش ئىدى؟
يىگىت: بۈگۈن ئىشلىرىم ئوڭغا ماڭمىغاچقا كەيپىياتىم بەك ناچار.باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە،گۈزەللەرنىڭ تەبەسسۇمى ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن،ماڭا قاراپ بىر قېتىم كۈلۈپ قويالارسىزمۇ؟!......
6.يىگىت:تازا چارچىغانسىز ھە؟
قىز:نېمىشقا؟
يىگىت:چۈنكى بىر كۈن كاللامدا ئەگىپ يۈردىڭىز......
7.يىگىت:سىزدىن يول سوراي دېگەن، بولارمۇ؟
قىز:ئەلۋەتتە،نەگە بارماقچى ئىدىڭىز؟
يىگىت:سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ......