9."قوش تىللىق مائارىپ" توختۇتۇلسۇن
ئۆكتەن ھەپتە ئىسپانىيە سوتى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ شۇئاندىكى بىرىنچى سەكرىتارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 نەپەر ژۇڭگولۇق ئەمەلدارنى خەلقارادا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. سەۋەبى: ئەرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىشلىگەن. بۇ كىشىلەر غەرب دۆلەتلىرىگە ئاياق باسسا، دەرھال تۇتۇلۇپ ىسپانىيە سوتىغا تاپشۇرلۇدۇ.
بۇ سوتنىڭ داۋاگەرلىرى تىبەتلىكلەر. قوللىرىدا ناھايىتى كۆپ دەلىل-ئىسپاتلىرى بار.
تىبەتلىكلەر، تىبەتنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى پارتكوم بىرىنچى سەكرىتارلىرىنى باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ سوتقا بېرىپ، داۋانى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرماقتا.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرىنچى سەكرىتارىنىڭ خەلقئارالىق سوتقا بېرىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم ماددا ”قوش تىللىق مائارىپ” شوئارى ئاستىدا بىر مىللەتنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت شوۋىنىست سىياسەتنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خەلقارادا قانۇنى ھوقۇقلىرىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ سوتقا بەرگىنى يوق. ئۇلارنىڭ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر خەلقىدىن تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىقام ئېلىشىدىن تەشۋىشلەڭەنلىگى ئۈچۈن، بۇ قانۇنى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى كەچىكتۈرۈپ كەلمەكتە.
مەركەرزنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدا بولغان ماددىلارنىڭ ھەممىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تاشكىلاتىنىڭ “يەرلىك مىللەتلەر ھوقۇقى توغرىسىدىكى باياناتنامىسى”دا بار. ژۇڭگو بۇ باياننامىغا ئىمزا قويغان 143 دۆلەتنىڭ بىرسى. شۇڭا بۇ قانۇنلارنى ئاياق-ئاستى قىلغۇچى رەھبەرلەر ئۈستىدىن خەلقئارالىق سوتلارغا ئەرز بېرىش ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ياخشى نىيىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ھېچ بولمىسا خاتا سىياسەتلىرىدىن بىر-ئىككىسىنى ئىجرادىن توختىتىشى كېرەك. بۇلارنىڭ بىرسى “قوش تىللىق مائارىپ”سىياسىتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوپمنىڭ بۇ خاتالىقى تۈپەيلى، مىللىي سىياسەتتە جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقارادا قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماقتا.
يۇرتىمىزدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا “قوش تىللىق مائارىپ” شوئارى ئاستىدا مىللىي ئاسسىلىمىلاتسىيە (ئېرىتىپ تۈگىتىش) سىيەسىتى يولغا قويۇلماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىز، يۇقسۇل قېلىشىنى، تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قېلىشىنى “خەنزۇ تىلىنى بىلمىگەنلىك”تىن دەپ ئىزاھلىماقتا. بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان يەرلىك خەلقلەرنى سىياسىي، ئىقتىسادى ھوقۇقتىن، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشتىن ئۇزاق تۇتۇش سىياسىتى پىلانلىق، پروگراممىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇلارنىڭ سەۋىبىنى خەنزۇچە بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان دەپ قەستەن بۇرمىلاپ، ئۇيغۇر مىللىتى بولۇپ دۇنياغا كەلگەن بالىلىرىمىزنى ،يەسلىدىن باشلاپ زورلۇق كۈچكە تايىنىپ خەنزۇ مىللىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادى مەبلەغ بىلەن سىياسىي بېسىم پارالىل ئاشۇرۇلماقتا.
مىللىي تەرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىڭ 36 - ماددىسىدا بۇ ھەقتە ئېنىق مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن؛
第三十六条 民族自治地方的自治机关根据国家的教育方针,依照法律规定,决定本地方的教育规划,各级各类学校的设置、学制、办学形式、教学内容、教学用语和招生办法。
36 - ماددا: مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىغا ئاساسەن، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز جايىنىڭ مائارىپ پىلانى، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئوقۇش مۇددىتى، باشقۇرۇش شەكلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش تىلى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى بەلگىلەيدۇ.
بۇ ماددىدا، ئوقۇش مەزمۇنى، ئوقۇش تىلىنى ئاپتونومىيە يۈرگۈزگۈچى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بىر قانچە خەنزۇ رەھبەرنىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە ۋاكالىتەن سىياسەت بەلگىلەش ھوقۇقى دەرھال كونترول ئاستىغا ئېلىنىشى لازىم.
ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار… ھەممە مىللەت خەلقى مىللىي مائارىپىنى قانداق راۋاجىلاندۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىنى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزلىرى قارار قىلىشى كېرەك.
دۇنيا دۆلەتلىرىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بارلىق ئاپتونومىيەلەردە، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىدا مائارىپ خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، ھەتتا تىبەت ئاپتونوم رويونىدىمۇ مىللىي تىل بىلەن مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقان، تىبەتچە بىلمىگەن تىبەتلىكلەرنى مەخسۇس تىبەت تىلى كۇرۇسلىرىدا تەربىيىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا بولسا يامان غەرەز بىلەن تولغان “قوش تىللىق مائارىپ”سىياسىتىدە جاھىللىق بىلەن تەۋرەنمەي تۇرماقتا.
بۇ خاتا سىياسەت، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىدا سىياسەت بەلگىلەۋاتقان بىر-ئىككى كىشىنىڭ خەلقئارا سوتلاردىن تۇتۇش بۇرۇقلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇ ئەھۋاللارنىڭ، ژۇڭگونىڭ خەلقارادا ئېشىپ بېرىۋاتقان شان-شەرىپىگە ئېغىر زەربە بېرىش ئىھتىمالى بار.
ئۇيغۇر خەلقى 21 - ئەسىردىمۇ جاھالەت، يۇقسۇللۇق، مىللىي زۇلۇمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغنىڭ ئاستىدا ئېزىلمەكتە، قەددى پۈكۈلمەكتە.
مىللىي بارلىقىمىزنى ،دۇنيادىكى مەدەنىي مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇشىمىز يولىدا، ئوقۇمىغان جاھىللىرىمىزدىن، ئوقۇغان جاھىللىرىمىزنىڭ مىللىي سالامەتلىكىمىزگە سېلىۋاتقان زىيىنى ئېغىر بولماقتا.
بىز ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە ھوقۇقى بىلەن شەكىللەنگەن سىياسىي ھاكىمىيىتكە ئىگە ئەمەسمىز. سىياسىي ھاكىمىيەتتىن مەھرۇم مىللەتلەرنىڭ سىياسىي كۈچى __ زىيالىيلار قوشۇنىدۇر.
بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ياش، ۋىجدانى ئۇرغۇپ تۇرغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تارىخى ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇھىم.
ئۇيغۇر مىللىتى دەۋرنىڭ ياكى ئەبىدىي يۇرۇقلۇققا ياكى ئەبىدىي قاراڭغۇلۇققا كېتىش ئىھتىمالى بولغان بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.
مىللەتنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر تاغلارنى بىراقلا ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان كۈچىمىز يوق. بىراق، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قىلالايدىغان بىر قانچە ئىشى بار. بۇنىڭ بىرسى؛ قانۇنسىز “قوش تىللىق مائارىپ”سىياسىتىگە قانۇنلۇق ۋە پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش. قانۇنلۇق دېيىشىمنىڭ ئاساسى شۇ؛ ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 36-37- ماددىلىرى بىزنىڭ قانۇنى قوغدۇنىشىمىزغا يېتەرلىك ئاساس.
ئالدى بىلەن زىيالىيلىرىمىز خەنزۇچە يەسلىلەرگە، خەنزۇچە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە مەجبۇرى بەرگۈزۈلگەن بالىلىرىنى، نەۋرىلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى، ئۇيغۇر خەلقىنىمۇ ئۆزلىرىدەك پائالىيەتتە بولۇشقا چاقىرىشى لازىم. ئىمكانىيىتى يار بەرگەن مەتبۇئاتلار، تور بەتلىرى بۇ تەشەببۇسنى تەشۋىق قىلىشى لازىم.
ئەڭ توغرا پرىنسىپ ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قىسمەن خەنزۇچە دەرسلەرنى پەيدىن-پەي كۆپەيتىش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ھەم ئۇيغۇرچە ، ھەم خەنزۇچە دەرس لەرنى ھەزىم قىلالايدىغان سەۋىيىنى كاپالەتلەندۈرۈش.
بۈگۈن يۇرتىمىزدا يولغا قويۇلىۋاتقائىنى، ئەرىقچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاسسىمىلياتسىيە(ئېرىتىپ يوقۇتىش)سىياسىتىدۇر.
قەتئىي قوبۇل قىلماسلىقىمىز، قەتئىي رەت قىلىشىمىز لازىم.
تۆۋەندە مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مائىل ئادرېسى ياكى تەلىفۇنلىرىنى قوشۇپ قويدۇم.
مەركەزگە كەڭ كۆلەمدە مائىل ياكى تېلېفون ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بىلدۈرۈش، مىللەت ئالدىدا ۋىجدانى مەسئۇلىيەت ھېس قىلغان ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.