ئالتە يېشىدا پەرزەنت كۆرگەن بىر پىشقەدەم زىيالىنىڭ ئاھۇ-زارى
ئۆمەرجان ھەسەن بوز قىر
يېقىندا ئىدارەمدىن دەم ئېلىش رۇخسىتى ئېلىپ توغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتۇم باي ناھىيسىنىڭ ياقئېرىق بازىرىغا كەلدىم. بازار كەنتنىڭ 4-گۇرۇپپىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاپام ھۆرىخان ئىسمايىلنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقان كۈنلىرىمدە مۇشۇ كەنىتتە تۇرۇشلۇق ھۇشۇر موللەك دېگەن كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم.
ھۇشۇر موللەكنىڭ سىيماسى ماڭا تەبىئى ھالدا ئەينى يىللاردىكى مۇشۇ كىشى ھەققىدىكى بەزى تەسىراتلارنى ئەسلەتمەي قالمىدى. چوڭلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇشۇر موللەك ئىككى تەرپى تاغ بىلەن قورشالغان، ئانا دەريا-مۇزاتنى بويلاپ سۇزۇلغان ياقئېرىقتىن ئىبارەت خىلۋەتلىك بۇ قەدىمىي يۇرىتتىن ئازاتلىقتىن كىيىن يىتىشىپ چىققان تۇنجى ئەۋلاد ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا ئەينى يىللىرى ھەممە تۇنۇيدىغان ھەم ئىززەت- ئېكرام قىلىدىغان مۇھىم شەخىسكە ئايلانغان ئىكەن. دېمىسىمۇ شۇ يىللاردا ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار پەرزەنىتلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا دائىم ھۇشۇر موللەكتىن ئۈلگە ئېلىپ ياخشى ئوقۇپ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ ياراملىق ئادەم بولۇش ھەققىدە تەربىيە ئىشلەيدىكەن. مەن بۇ كىشىنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ يېزا مەركىزىدىكى ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدىلا سىرىتتىن تۇنۇشقا مۇيەسسەر بۇلالىغاندىم. ئۇ كىشى شۇ دەۋرگە نىسبەتەن مەدەنى كىيىنىپ يۈردىغان، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تىلنى تەڭ قوللىنالىيدىغان زىيالى سۈپەت كىشى بولۇپ، يېزا كادىرلىرى ئىچىدە ئەڭ بىلىملىك سانىلاتتىكەن. كىيىنچە، مەنمۇ مۇشۇ كىشىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ياخشى ئوقۇپ كەنىتىمىزدىن چىققان تۇنجى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغاندىم.
مەندە ھۇشۇر موللەك ئاكىغا نىسبەتەن ئەشۇنداق تەسرات ھېلىغىچە ساقلىنىپ قالغاچقا ئۇ كىشى بىلەن تۇلىمۇ سەمىمى ھالەتتە كۆرۈشۈپ، قىلىشىۋاتقان جىددى ئىشىمنى قايرىپ قۇيۇپ، ئۈژۈمنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپلا كەتتىم. ئۇ كىشى موخۇركىسىنى ئاچىچىق-ئاچچىق شورىۋەتكەندىن كېيىن ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى قىسقىچە بايان قىلدى.
ھۇشۇر موللەك 1944-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى باي ناھىيە ياقئېرىق بازىرى ( 2001- يىلدىن ئىلگىرى ياقئېرىق دېھقانچىلىق مەيدان دەپ ئاتىلاتتى) 5- كەنتتە توغۇلۇپتۇ. 1956-يىلى باشلانغۇچىنى، 1959-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپ ئۈرۈمچى كان-مېتاللورگىيە ئىنىستىتىوتىغا قۇبۇل قىلىنىپتۇ. تۆت يىل ئوقۇپ ئوتتۇرا تېخنىكوم دېپلومىغا ئېرىشىپتۇ. « مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە كەنت خىزمىتىنى ئىشلەپتۇ. 1978-يىلى باي ناھىيلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ياقئېرىق تەتقىقات پونكىتىغا قۇبۇل قىلىنىپتۇ. 1982-يىلى ياقئېرىق دېھقانچىلىق مەيدان رەھبەرلىرى ھۇشۇر موللەكنى ئۆزىمىز ئىشلىتىمىز دەپ، قايتۇرۇپ ئەكلىپ كەنت خىزمىتىگە مەسئول قىلىپ ئىشلىتىپتۇ. بۇ جەرياندا ھۇشۇر موللەك ئىزچىل چەت، جاپالىق، خىزمىتى ئارقىدا قالغان كەنتلەرگە يۆتكىلىپ ئىشلەپ كۆپ قېتىم خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باھالىىنىپ مۇكاپاتلىنىپتۇ. ھوشور موللەك ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىقتىساس ئىگىللىرى ئىنتايىن كەم شارائىتتا 1-سەپ يېزا خىزمىتىدىن شۇنچە جاپالىق ئىشلىگەن بولسىمۇ ئەمما دۆلەت شىتاتىدىكى كادىرلىق سالاھىيتىگە ئېرىشەلمەي كەپتۇ.
ئەينى يىللىرى ھەر قېتىم ئالماشقان رەھبەرلەر ئۇنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان قوش تىللىق كادىر ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا كادىرلىق كۆرسەتكۈچ ھەل قىلىپ بىرىش ھەققىدە دوكلات سۇنۇپتۇ- يۇ، ھەر قېتىم ھەل بولغان كادىرلىق كۆرسەتكۈچنى ھوشۇر موللەككە ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، يېقىن-يۇرۇقلىرىغا بىرىپتۇ. شۇ مەزگىلدە ھوشۇر موللەك ھەقىقەتەن ئەمەلدارلارنىڭ تۈزۈك ئوقۇمىغان بالا-چاقىلىرىغا كادىرلىق كۆرسەتكۈچ ھەل قىلىپ بىرىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ۋاستىسىگەئايلىنىپتۇ. ھەتتا بۇ جەرياندا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومىدىنمۇ ئايرىلىپ قاپتۇ. ئىچى قان-ياش زەرداپقا تولغان ھوشۇر موللەك كادىرلىق شىتاتىنى 20 يىل كۈتۈپ ئېرىشەلمەي، ئاچچىق يۈتۈپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. رەھبەرلىك ئۇنىڭغا ئېتىبار قىلىپ، دېھقان- ئىشچىلىق كۆرسەتكۈچىنى بېرىپ، شۇ بۇيىچە 1998 –يىلى ئىچكى جەھەتتتىن مۇددەتتىن بۇرۇن پىنسيگە چىقىرىپ، پىنسىيە يېشى توشقاندا رەسمىيەت بىجىرىشنى قارار قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھوشۇر موللەك 1998 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئېيىغا 295 يۈەن 50 پۇڭ مائاش ئېلىپ كىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا نە تېرىلغۇ يەر ياكى باشقا تاپاۋەت بولمىغاچقا بۇنچىلىك پۇل بىلەن ئائىلىسىنى قامداشقا ئامالسىز قاپتۇ. ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئايالىنى داۋالىتالماي ، ئايالى ۋاقىتسىز قازا قىپتۇ. باللىرىنى بولسا يۇقىرلاپ ئوقۇتالمىغاچقا بىرەر مۇقىم خىزمەتكىمۇ ئورۇنلاشتۇرالماپتۇ.
-ناھىيگە مۇئاۋىن ھاكىم بۇلۇپ ئۆسكەن ياڭ فامىللىك بىلەن بىز ئىلگىرى بىرگە ئىشلىگەن، ھەتتا ئۇ دېھقانچىلىق تەتقىقات پونكىتىغا مەندىن ئىككى يىل كىيىن كەلگەن--، دېدى ھوشۇر موللەك ئەلەملىك ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ.
تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، 2008-يىلى ھوشۇر موللەكنىڭ پىنسىيە يېشى توشقان بولسىمۇ ئەمما مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئۇنىڭ پىنسىيە رەسمىيتىنى بىجىرىپ بەرمەپتۇ. سەۋەبى ئۇنىڭ ئارخىپىدىكى يېشى نىمىشقىدۇر ئەسىلدىكىدىن كۆپ كىچىكلەپ « 1944- يىلى تۇغۇلغان » دىگەن يىل سانى « 1959 –يىلى تۇغۇلغان » دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ. ھوشۇر موللەكنىڭ دىيىشىچە ، ئارخىپ باشقۇردىغان خەنزۇ خادىم ئىلگىرى مەلۇم بىر شەخسى ئىش تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن ئازارلىشىپ قالغاچقا قەستەن ئۇنىڭ ئارخىپتىكى تۇغۇلغان ۋاقتىنى كەينىگە سۈرىۋەتكەن بۇلۇشى مۈمكىن ئىكەن. ھوشۇر موللەك بۇ ھەقتە بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە كۆپ قېتىم ئىلتىماس يازغان،ھال ئېيتقان بولسىمۇ،قىلچە ئۈنۈمى بولماپتۇ.ناھىيىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە سۇنغان ئەرزىمۇ جاۋاپسىز قاپتۇ.
مەن شۇ كىشىنىڭ ھەم چوڭ ئوغلىنىڭ نوپۇسى،كىملىگىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئېيتىۋىدىم،ھايال قىلمايلا يەتكۈزۈپ بەردى. دەرۋەقە ھوشۇر موللەكنىڭ نوپۇسى ھەم كىملىگىدە «1944-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان»دەپ يېزىلىپتۇ. چوڭ ئوغلى قۇربان ھوشۇرنىڭ نوپۇسى ھەم كىملىگىدە بولسا«1965-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان»دەپ ئېنىق يېزىلىپتۇ.
مۇبادا ھوشۇر موللەكنى ھازىرقى ئارخىپ يېشى بۇيىچە 1959-يىلى تۇغۇلغان دەپ قاراپ شۇ بۇيىچە ھىساپلىغاندىمۇ بۇ كىشى ئالتە يېشىدا پەرزەنت كۆرگەن بولىدۇ . چۈنكى ھوشۇر موللەكنىڭ چوڭ ئوغلى قۇربان ھوشۇر 1965-يىلى تۇغۇلغان. بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپلا 6ياشقا كىرگەندە پەرزەنت كۆرەلىشى مۈمكىنمۇ؟ بۇ ئەقىلگە سىغامدۇ؟ بۇنى قانداق چۈشەندۈرگۈلۈك ئەمدى؟
مەن ئاچچىق تاماكامنى شورىغاچ غەرپكە باش قويغان ئاداققى قۇياش نۇرىغا تىكىلگىنىمچە چوڭقۇر خىياللارغا پاتتىم.
ـــ ھوشۇركا، ھەي ھوشۇركا، شۇ تاپتا سىزنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىڭىزگە ھىچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى دۆلىتىمىز جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ باي ناھىيىسى سىزگە ئوخشاش كان-مېتاللورگىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئىقتىساس ئىگىسىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان ئىش نەدە بولسۇن دەيسىز؟ ئەمما كۆزلىرىڭىزدىن ئاققان ئاچچىق ياشلار ھەم نامراتلىق يېغىپ تۇرغان ئوزايىڭىزغا قاراپ سىزنىڭ ئايدا 295يۈەن مائاش ئالىدىغان ئەڭ يوقسۇل زىيالى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنمەسلىككە ئامال تاپالمىدىم ھەم سىزنىڭ ئەشۇنچىلىك ئازغىنا مائاشىڭىزنى كۆچىلاردىكى مايلامچى ئەمەس، بەلكى تىلەمچىلەرنىڭ كىرىمىگىمۇ تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتىن نومۇس قىلماقتىمەن .
-- ھوشۇركا، سىز مۇشۇ تۇپراقنىڭ ھالال بالىسى ـــ مۇشۇ تۇپراقتا يېتىشتۈرگەن تۇنجى ئەۋلاد زىيالى ئىدىڭىز . شۇنىڭغا يارىشا سىز مۇشۇ تۇپراققا بىر ئۆمۈر تەر تۆكتىڭىز. ئەمما سىز مۇشۇ تۇپراققا سىزچىلىك ئەجىر سىڭدۈرمىگەن كىشىلەرچىلىك ئىززەت-ئېكرامغا، ماددى نىمەتكە ئېرىشەلمىدىڭىز. سىز تىلغا ئالغان ياڭ فامىلىلىك ھاكىمنى مەنمۇ تونۇيمەن. ئۇ ئەسلىدىن سېپى ئۈزىدىن قارا دېھقان ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ دېھقانلىق سالاھيىتىدىن كادىرلىق سالاھيىتىگە ئۆزگۈرۈپ، رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىشىغا بەلكىم ئويغۇر تىلىنى راۋان سۆزلەيدىغانلىقى سەۋەب بولسا كېرەك. ئەمما سىزچۇ؟ سىزمۇ خەنزۇتىلىنى راۋان سۆزلەيتىڭىز ئەمەسمۇ؟ تېخى سىزنىڭ تەركىبىڭىز دېھقان ئەمەس، زىيالى تۇرسا؟ شۇنداق تۇرۇپ نىمىدەپ ھاكىملىق ئەمەس ، ئاددى كادىرلىق سالاھيىتىگىمۇ ئېرىشەلمىدىڭىز؟- ھۇشۇركا،بەلكىم سىز تۇنۇمىسىڭىز كېرەك، مەن كىچىك ۋاقتىمدا قوشنا كەنتتە ۋۇ فامىلىلىك بىر خەنزۇ يولداش بولدىغان، ئۇ كىشى ئەبجەق بىر ۋېلىسپىتنىڭ كەينىگە خالتا ۋە تارازا قىستۇرۋېلىپ، ئۆيمۇ- ئۆي توۋلاپ يۈرۈپ كېپەك يىغىپ چوشقا باقاتتى، نەچچە يىللار ئىلگىرى تېلۋۇزۇردا بېرىلۋاتقان باي خەۋىرىدىن بۇ ۋۇ فامىلىلىك كىشىنىڭ ناھيە رەھبەرلىرى قاتارىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغاندىم. يېقىندا يەنە ئۇكىشنى ۋىلايەتتىكى مەلۇم ئورۇننىڭ رەھبەرلىرى قاتارىدا كۆرۈپ ھاڭ تاڭ قالدىم.
مەن شۇ خىياللارنى سۈرۋاتقاندا كەنتتىكى رادئۇ كارنايلىرى زۇۋانغا كىرىپ، جايلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىك ھەققىدە خەۋەر بېرىشكە باشلىدى. ئويلاپ قالدىم 6 ياشلىق بىر بالنىڭ پەرزەنت كۆرىشى ئىلمىي تەرەققىياتقا ئويغۇن ئىشمىدۇ؟ مۇبادا ئويغۇن بولمىسا مۇشۇنداق بىمەنلىك نەدىن كەلدى؟ ئۇ نىمەدەپ تۈزەلمەيدۇ؟ مەن بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت بىناسىنىڭ ئۆگىزىسىگە قادالغان، قىپقىزىل بايراقنىڭ لەرزان جەۋلان قىلۋاتقان ھالىتىگە قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم.
شۇئان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا مەلۇم خەنزۇچە ژورنالدىن تەرجىمە قىلىپ « ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان بەش ياشلىق كادىر ھەققىدىكى ماقالە ئىسىمدىن كەچتى. ماقالىدە يېزىلىشچەم ئىچكى ئۆلكنىڭ مەلۇم ناھيىسىدىكى ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەنسىپىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن بالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالماسلىقتىن ئەنسىرەپ، 5 ياشلىق بالىسىنى رەسمى دۆلەت شىتاتىغا كىرگۈزۈپ، مائاش تەمىناتتىن بەھىرمان قىلغان.
مەيلى 5 ياشلىق كادىر بولسۇن مەيلى 6 يېشىدا پەرزەنت كۆرگەن دېھقان ئىشلەمچى بولسۇن ھەر ئىككىلىسىنلا نورمال تەپەككۈرگە ئېگە ئادەملەر قۇبۇل قىلالمايدىغان، ئولۇغ، توغرا، شەرەپلىك جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈردىغان نومۇسلۇق ئىش دىمەسلىككە ھىچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس. مۇبادا بىرەر ئاقىلدار 6 يېشىدا ئوغۇل تاپقان ھۇشۇر موللەكنى دۇنيا جىننىس رىكورتىنى باھالاش ھەيئىتىگە يوللىسا چۇقۇم، دۇنيانى تاڭ قالدۇرغۇدەك خەۋەرگە ئايلىنىشى مۈمكىن.
2009- يىلى 18-ئىيۇن، ياقئېرىق
[ بۇ يازما bozqir تەرپىدىن 2009-06-22 23:31 دە قايتا ]