مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
«123»Pages: 1/3     Go
سىز بۇ تېمىنىڭ 1556 - كۆرۈرمىنى
تىما: قەيسەر ئايال  < زاكىرە >
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

UID نومۇرى : 55203
نادىر تېما : 2 پارچە
يازمىسى : 2043 پارچە
شۆھرەت: 84781 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4780 سوم
تۆھپە: 136 نۇمۇر
ياخشى باھا: 345 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2678(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 03:18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

قەيسەر ئايال  < زاكىرە >

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى : تېما باشقۇرغۇچى DEWRAN تەرپىدىن نادىرلاندى. (2009-06-23)
شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى

      
قەيسەر ئايال.  

ئانا - ئۇ مىھرىبان ،كۈيۈمچان كىشى،بالا  ئۆزىنى ئانا قۇچىقىغا ئاتقىنىدا ئالەمچە خوشاللىق ھەم راھەت بەخىش ھېس قىلىدۇ .چۈنكى ئانا كۈچۈ گويا بىپايان دېڭىز ، كەڭ ئاسمان !
    بىز  ئىككىمىز  بالا ۋاقتىمىزدىن باشلاپلا  دوست ئىدۇق ئۆيلىرىمىز گەرچە بەك يېقىن بولمىسىمۇ ئىككىمىزنىڭ ئاتا - ئانىسى  دوستلاردىن ئىدى شۇ سەۋەپتىن تەبىئىيلا بىزمۇ يېقىن دوستلاردىن بولدۇق . ئىككىمىز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئالى مەكتەپكە ئۆتتۇق كەسپىمىز ئوخشىمىسىمۇ يەنىلا  بىر مەكتەپتە ئوقۇدۇق . دوستلۇقىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى ، بىز بىر -بىرىمىزگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلەتتۇق . دەرسلەردىمۇ ناھاياتى ياخشى ئوقىدۇق ، ئالى مەكتەپتە بىزنى قوغلىشىدىغان يىگىتلەر بەك كۆپ ئىدى ، لېكىن بىز ھېچكىمگە پىسەنت قىلمايتتۇق . شۇنداق قىلىپ مەكتەپنى پۈتتۇرۈپ خىزمەتكىمۇ چىقتۇق ، شۇ كۈنلەردە بىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدۇق بىز تۆت ساۋاقداش شۇنداق يېقىن ئوتتۇق ، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز دوستلۇقتىن  ھالقىپ مۇھەببەتلەشتۇق ، ئىككى جۈپ قىز يىگىت نەگىلا بارساق بىللە ماڭاتتۇق ، بىر يىلدىن كېيىن مەن  شۇ يىگىتىم بىلەن توي قىلىپ بەخىتلىك ئائىلە قۇردۇم ....  دوستۇممۇ توي قىلىشنى  ئويلاپ تۇرغان كۈنلەردە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى بۇلارنىڭ توي قىلىشىغا پەقەت ئۇنىمىدى .... شۇنىڭ بىلەن دوستۇمنىڭ ھەمىشەم خوشال كۈلۈپلا يۈرىيدىغان  مىجەز خارەكتىرى ئۆزگىرەپ غەمكىن ھالەتكە ئۆتتى ....... جاپالىق ھەم ھەسرەتلىك كۈنلىرى دەل مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاندى ..........
    دوستۇمنىڭ ئاتا - ئانىسى بەكلا خۇراپى ئىدى ، ئۇ ئائىلىسىدە بىرلا قىز ئىدى ، ئۇنىڭ ئاتىسى  يۈرگەن يىگىتىگە بەرمەيمەن دەپ بولىشىغا قارشى چىقتى . يىگىت ۋە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئوتتۇرغا نۇرغۇن ئادەملەرنى سالغان بولسىمۇ  ئۇلارنى كۆندۈرەلمىدى . بىر مەزگىل ئۆتۈپ دوستۇم ئاتا - ئانىسىنىڭ مەجبورلىشى بىلەن تۇققانلىرىنىڭ ئوغلىغا توي قىلدى ، دوستۇمنىڭ يىگىتى بۇ ئەلەمگە چىدىماي باشقا يۇرتقا خىزمەت ئالماشتۇرۇپ كەتتى . كۈنلەر بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋاتاتتى ، بىر يىلدىن كېيىن  مەلۇم بىر كۈنى دوستۇم ئۆيۈمگە يىغلاپ كەپتۇ . نىمە بولدۇڭ  ؟ دەپ سورىسام جۈرئەت مىنى ئىزدەپ كەپتۇ ، دىدى .<  ئۇنىڭ بۇرۇنقى يىگىتىنىڭ  ئىسمى > نىمە دەپ كەپتۇ ؟  دەپ  سورىدىم ،جۈرئەت سەن بىلەن توي قىلىمەن دەپ كەپتۇ دىدى ، مەن بۇ گەپنى دەرھاللا يولدىشىمغا  دىدىم ، ئۇنىڭمۇ ئاچچىقى كەلدى ، نەمە قىلىدۇ توي قىلىپ بولغان ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزۇپ ، بولدى جۈرئەت بىلەن مەن كۆرىشەي دەپلا چىقىپ كەتتى ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ، قايىل قىلدىم دەپ  كايتىپ كىردى ، بىزگە دىمىگەن بىلەن ئۇ يەنىلا پات- پاتلا كىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن دوستۇمنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشى بۇزۇلۇشقا باشلىدى ، بىر يىلدەك ئىگىز- پەس بولۇپ ئاخىرى ئاجىرشىپ كەتتى ، دوستۇمدىن بەكرەك مىنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بوپ كەتتى ، ھېلىمۇ ياخشى بالىسىمۇ يوق ئىدى .
   دوستۇم ئەمدى جۈرئەت بىلەن  توي قىلىش قارارىغا كەلدى ، لېكىن ئىشلار ئۇ ئويلىغاندەك بولمىدى ، جۈرئەت دوستۇم بىلەن توي قىلىش  خىيالىنىڭ  يوقلىغىنى ، بۇرۇن ئۇنىڭ گىپىگە كىرمەي ئاتا- ئانىسىنىڭ گىپى بويىچە  بۇنى تاشلاپ توي قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن  دوستۇمنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ ئۆچ  ئېلىش مەقسىدىگە يەتكەنلىكىنى ئېيتىتى ، ھەم مىنىڭ سەن بىلەن توي قىلىشىم مۇمكىمۇ  !؟ سەن دىگەن بىر توي قىلغان ئايال ،مەن بولسام تېخى يىگىت دەپ  دوستۇمغا ئوچۇقتىن ئوچۇق ھاقارەت قىلدى ،  بۇ ھاقارەت  دوستۇمغا بەكمۇ ئېغىر كەلدى، ئاسمان ئىگىز يەر قاتتىق تۇيۇلدى ، شۇنىڭ بىلەن دوستۇمنىڭ جۈرئەتكە بولغان تۇنجى ساپ مۇھەببىتى غەزەپ نەپرەتكە ئايلاندى ...قانداق قىلىش كېرەك ؟؟؟؟؟؟ بۇ ئاھانەتلەر دوستۇمغا  تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلاش ئىكەنلىگىنى تۇنۇتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۆز خىزمىتىنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەش بىلەن كۆڭلىگە  سەل تەسەللى بەردى ، مەن بولسام ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمايلا قالدىم يولدىشىم بىلەن ھەر كۈنى دىگۈدەك  ئۇنىڭ ئىشلىرىنى دىيىشىمىز ، نىمە ئامال نىكاھ  ئىشى دىگەنگە باشقىلار ئارىلىشالمايدىكەن ، مىنىڭ قىلالايدىغىنىم پەقەت  ئۆيگە كىلىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭ دىيىشلا بولدى ئۇمۇ بىر مەزگىل بىزدىن ئۆزىنى قاچۇردى، سەۋەبى جۈرئەت يولدىشىمنىڭ يېقىن دوستى بولغاچ ئۆيگە كەلسىلا بۇرۇنقى ئىشلار يادىغا كىلىپ قالىدىكەن . بۇنى بىلگەچ مەنمۇ زورلاپ كەتمىدىم ، لېكىن دوستۇمغا  چىن دىلىمدىن   ياردەم قىلىپ تۇرمۇشىنى ئىزىغا  سېلىشىغا  ھەمدەم بولغۇم بار ئىدى . دوستۇم ئەسلىدىنلا شۇنداق ئاق كۆڭۈل باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى بەخىت دەپ بىلىدىغان ئېسىل قىز ئىدى ، ئالى مەكتەپتىمۇ  پۈتۈن ساۋاقداشلار ئۇنى بەكلا ھۆرمەتلەيتتى ، خىزمەت ئورنىدىمۇ ئۇنىڭ ئىناۋىتى يۇقۇرى ئىدى ، لېكىن ناكاھ مەسىلسىدە بىتەلەي بوپ قالدى ، اللا ئىگەم بەندىلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى بارلىق تارتقۇلۇق ھەم كۆرگىلىكلىرىنى بەلگىلەپ قويىدەكەن ئەمەسمۇ ؟ شۇ قىسمەتلەرنى تارتىپ تۈگەتمىسىڭىز  ئامال يوقكەن ، شۇنداق دىسەم سەل ئۆزەمگە تەسەللى تاپىمەن ........ دوستۇمغا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ،  جۈرئەتنىڭ < سەن  بىر نىكاھلىنىپ بولغان ئايال > دىگەن سۆزى ئىدى ............ھەر قېتىم ئۆيۈمگە كەلسە شۇ گەپنى دىمەي قويمايتتى ............
      دەل شۇ كۈنلەردە دوستۇمغا بىر ئاق كۆڭۈل يىگىت ئۇچراشتى ، ئۇ بەكمۇ  سەمىمى ئىدى ، لېكىن  دوستۇمغا ئوخشاش ئالى مەكتەپتە  ئوقۇمىغان ئىدى ، ياخشى ھۆنەرنىڭ ئىگىسى ئىكەن ، ئۇلار بىر - بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالدى ، <  يىگىتنىڭ ئىسمى ئەخمەتجان ، توي قىلمىغان ، ئۇستا ماشىنا رىمونچىسى ئىدى >   بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تەرەقى قىلىپ توي قىلىش باسقۇچىغا يەتتى ھەم شۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توي قىلىش قارارىغا كەلدى ، مەن دوستۇمنىڭ بۇ قارارىغا ھۆرمەت قىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن توي قىلدى ، خۇداغا شۈكرى مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ئاخىرى  ئۆز بەختىنى تاپتى ، خۇددى مىنىڭ بېشىمدىكى بىر ئېغىر تاشنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىك بوپ قالدىم ....
   بەخىتلىك كۈنلەر ئۇزۇن داۋاملاشمىدى ، دوستۇمنىڭ ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتتى ، بۇ دوستۇمغا بەكمۇ  ئەلەم بولدى . بىر يىل ئۆتۈپ  دوستۇم بىر قىز  پەرزەنتلىك بولدى ، بۇلارنىڭ كىچىك ئائىلىسى بەخىتكە چۆمدى ، مەن دوستۇم ئۈچۈن  بەكمۇ خوشال بولدۇم ، خوشاللىق بىلەن قايغۇ قوشماق دىگەن گەپ  راست ئوخشايدۇ دوستۇم كۆز يورۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يولدىشى بىر قىسىم جەمىيەت داشقاللىرى بىلەن ئارلىشىپ  ،قىمارغا ئۆگۈنۈپ قاپتۇ  بۇ قىلمىشلار بەخىتلىك ئائىلىسىەگە تەسىر قىلدى ، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا بولدى ، دوستۇم بولدىلا بالام بار تۇرسا ئۆزگىرەپ قالىدۇ دەپ بولدى قىلىۋەتتى ، مەن ئۇنىڭغا بەكلا قايىل ، ئۇ بەكلا ئەپوچان ئايال ، ھەممە ئىشلارغا  ئەتىراپلىق قارايدۇ ، بەلكىم تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق - چۈچۈكلىرى مۇشۇنداق تاۋلىغاندۇ دەپمۇ ئويلىدىم ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى ، تۇرمۇش  يەنە داۋاملاشتى دوستۇمنىڭ كۆڭلى بەكلا ئىنچىكە بوپ قالدى ، ھېلىمۇ ئۇ بەكلا چىداملىق ھەممە ئىشلارنى توغرا چۈشىنىدۇ ، ئەگەر مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىشلار قانداق بوپ كىتەر ھە !!!!!
    دوستۇمنىڭ قىزى شۇنداق ئوماق ، ئۇ بەكلا چىرايلىق ئاپىسىغا بەكلا ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭ بارلىق دەرت ئەلەملىرى قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يۇشۇرۇنغان ئىدى ، ئۈمۈدلىرىنى پەقەت قىزىدىنلا  كۈتەتتى ،قىزى ئۈچ ياشقا كىرگەندە  ئىككىنچى بالىسى تۇغۇلدى ، ئۇ ئوغۇل ئىدى ، بالا تۇغۇلۇپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئەر يەنە كونا ئىشىنى تېپىېالدى . بۇ قېتىم ئىش ياخشى يەردىن چىقمىدى . قىماردا ئۆيدىكى ھەممە نەرسسىنى ئۇتتۇرۇپ بولدى قەرز ئىگىلىرى ئۆيدىكى بارلىق  نەرسىنى  ئېلىپ كەتتى ، بولدى ئەمدى مەن غەيرەت قىلالمايمەن دىدىدە  ئىككى بالا بىلەن ئاجىراشتى ......دوستۇمغا بۇ ۋاقىتتا بۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ يوق ئىدى ....
   ئەمدى دوستۇمنىڭ يۈكۈ تېخىمۇ ئېغىرلاشتى ، بۇ ئىككى نارسىدىگە ھەم ئاتا ، ھەم ئاپا بولىدۇ ، خىزمەتنى قىلمىسا يەنە بولمىغان ، ئۆيگە كەلسە بالىلار تۇرغان .....................
   مەن ئۈمرۈمدە بۇنداق چىدام - غەيرەتلىك ئايالنى كۆرۈپ باقمىغان ، اللا ئۇنىڭغا تېىخمۇ چىدام غەيرەت  ئاتا قىلسۇن .......
    دوستۇمنىڭ تەلەيىگە بالىلىرى دەرسلەردە بەكمۇ ئەلاچى ھەم ئەدەپ ئەخلاقلىق ، ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ ئون بەشى يورۇق دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن .... ئۆز كەسپىدە بولسا ھەر يىلى ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ يۇقۇرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە .  بىر ئايال ئۈچۈن ئىككى بالىغا ئاتا - ئانا بولۇش ئاسانمۇ قېرىنداشلار ....... مىنىڭ بۇ دوستۇم دۇنيادىكى ئەڭ  قەيسەر ئەڭ ئىرادىلىك ، ھەممە جەھەتتە ئەڭ مۇستەھكەم  لاتاپەتلىك ، مىنىڭ قەلبىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىقتىدارلىق بىر ئايال ................
    ئانا - دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇق ئىنسان . ئۇ ئىنسان قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ، ئىنسان روھىنىڭ پاكلىغۇچىسى .
   ئانا - ئۇ پەرزەنتنىڭ ئانىسى ، مىللەتنىڭ ئانىسى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئانىسى ، كەلگۈسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ ياراتقۇچىسى .
   ئانا - ئۇ تۆھپىكار باغۋەن . ئۇ كەلگۈسى ئۈمۈدلەرنىڭ تۇنجى ئۇستازى ، ئەۋلادلارنىڭ تارىخىنى قانداق يېزىش ئۇنىڭ تەربىيەسى يىتەكلىشى ئارقىسىدىكى ئىش .
دوستۇم سىز مانا بۇ ناملارغا  ئېرىشكۈچى بىر ئۇلۇق ئانا .... اللا ئىگەم سىزنى بۇ دۇنيا ھەم ئاخىرەتتە  دەرىجىڭىزنى يۇقۇرى قىلسۇن .....



www.xabnam.com




                              
مەنبە :  ئۆز قەلىمىم .

    
[ بۇ يازما zakira تەرپىدىن 2009-06-24 17:54 دە قايتا ]
يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:+30(ئۈمۈد007)
  • ياخشى باھا:+50(UYGHURAAA)
  • ياخشى باھا:+30(باياۋان) ئېسىل تېما
  • شەبنەم پۇلى:+30(zinnat-1)
  • ياخشى باھا:+100(munajat7) مۇشۇنداق ئەس ..
  • مىسرانىم تورى
    سىز  ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرەلىسىڭىز ئاندىن  باشقىلارنى ياخشى كۆرەلەيسىز .
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى
    UID نومۇرى : 34718
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 1152 پارچە
    شۆھرەت: 1804 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8081 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1680(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    1  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 03:41
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    Re:قەيسەر ئايال  < زاكىرە >

    ھەقىقەتەن  قەيسەر  ئايالكەن....   زاكىرە ھەدە، يېقىندىن بىرى مۇنبەرگە يوللىغان يازمىللىرىڭىز بىر  بىردىن گۈزەل چىقىۋاتىدۇ، قەلەم كۈچىڭىز  ھەممىنى قايىل قىلىدۇ...  بۇ يازمىڭىزدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم... چۈنكى بۇنىڭدا  بىر  ئايالنىڭ قەيسىرانە روھىيتىنىلا   تەسۋىرلەپ قالماستىن، يەنە  ھەقىقى دوسلۇقنىمۇ  شۇنداق ئىسىل  ،ئۇستا  يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەپسىز، مەن  سىزنىڭ دوستىڭىزغا  بولغان دوستانە  مىھرىڭىزدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم...
    [ بۇ يازما saba109 تەرپىدىن 2009-06-20 04:12 دە قايت ]
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    يوقىلىدۇبەلكى تىچ ئوكيان،
    يوقالمايدۇئۇيغۇرنىڭ نەسلى.
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 70226
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 827 پارچە
    شۆھرەت: 1898 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8280 سوم
    تۆھپە: 17 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 90 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1755(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-01-04
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    2  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 04:50
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ياخشىمۇ سىز ،زاكىرە ھەدە بۈگۈن يەنە سىزنىڭ  تىمىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمدىن تۇلۇمۇ خوشالمەن. سىزنىڭ تىمىلىرىڭىز كىشىگە  ئۆزگىچە مەزمۇنى بىلەن، تۇلۇمۇ  ھوزۇر بەخىش ئىتىدۇ.
    بۈگۈن بۇ تىمىڭىزدىكى مەزمۇندىن قارىغاندا بۇ ھەقىقى راس بولغان ۋەقەكەن،تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم.دوستىڭىزغا بەكمۇ ھىسداشلىقىم كەلدى.راس دەيسىز،ئاياللار ئاجىز كىلىدۇ.تۇرمۇشتا بەختى كەلمىسە بىر ئۈمۈر ئازاپ ئىچىدە ئۈتىدۇ.بەزىدە تۇرمۇشمۇ ئاياللارغا بەكمۇ رەھىمسىزلىك قىلىدۇ.
    تۇرمۇش سىرلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا  تۇلىمۇ گۈزەل بولىدۇ.ئەمما ئەر-ئاياللار مۇناسىۋەتتە بولسا ئۇچۇق-ئاشكارە،سەمىمى،ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش ئاساسىغا ئىگە بولغاندا ئاندىن كۈڭۈل ئازادىلىگى ئىچىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
    تىمىڭىزدىكى  باش پىرسۇناجنىڭ كەچۈرمىشلىرى كىشىنى تۇلۇمۇ  ئىچىندۇرىدىكەن،ئەمما دوستىڭىز ھازىر ئىككى بالىسى بىلەن ھەم ئاتا.ھەم ئانا بۇلۇپ ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋىتىپتۇ ،بۇ بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئاسان ئەمەس ئەلبەتتە..!بۇ بىر ئانىنىڭ بالىغا بولغان مىھرى-مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلىقى، ئانا مۇھەبىتىنىڭ ئۇلۇغلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
    مەن ئاخىرىدا دوستىڭىزنىڭ تۇرمۇشىغا  خوشاللىق تىلەيمەن.
    رەخمەت تىمىڭىزغا.
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 75887
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 24 پارچە
    شۆھرەت: 51 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 141(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-03-11
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-24
    3  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 08:27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    زاكىرە  مەن سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى قالدۇرماي كۆرىمەن بەكمۇ ياخشى  ئەسەرلەرنى يوللايسىز .... بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم ، باش پىرسۇناژ  بەكمۇ چىداملىق ئايال ئىكەن .ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزەمنى  قويۇپمۇ باقتىم مەندە ئۇنچىۋالا  غەيرەت يوقتەك قىلىدۇ ، مەن ئۆزەمگە مۇشىنىڭغا ئوخشاش قەيسەر ئاياللارنى  ئۈلگە قىلسام بولغۇدەك ......... ياشاپ كىتىڭ گۈلۈم ...
    [ بۇ يازما rayisa310 تەرپىدىن 2009-06-24 11:17 دە قا ]
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 40796
    نادىر تېما : 3 پارچە
    يازمىسى : 1507 پارچە
    شۆھرەت: 1940 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 14180 سوم
    تۆھپە: 572 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 525 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1051(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    4  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 08:58
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    قەلىمىڭىزگە قايىل بولدۇم قىرىندىشىم،بەك تەسىرلىك يىزىۋىتىپسىز ،ئانا دىسە بارچە ئىنساننىڭ يۈرىگىدە بىر پارچە ئوت يانىدۇ، ئايال دىمەك ئانا دىمەك، ئوڭ قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە سول قولىدا زىمىننى تەۋرىتەر دىگەن گەپ ھەقىقى توغرا ئىيتىلغا سۆزدۇر.

    قەلىمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    خوپ ئۆزۆڭ دۇنيا بىراق،شەيتانلىرىڭدىن قورقىمەن،
    بىگۇنانى باغلىغان ئارقانلىرىڭدىن  قورقىمەن.
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 75816
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 36 پارچە
    شۆھرەت: 54 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 82(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-03-11
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    5  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 10:03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    دوستۇم زاكىرە، مەن سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى كزرۈپ سىزنىڭ قەلەم كۈچۈڭىزنىڭ مەن ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە يۇقۇرى  ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم...........               مەن يەنە ئەسىرىڭىزدىكى باش پىرسۇنازنىڭ قەيسەر،باتۇر ،كۈيۈمچان مەسئۇليەتچان روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم........                                              دىمەك ئانا دۇنيادىكى ئەڭ،ئەڭ ئەڭ......ئۇلۇغ ئىنسان. مېنىڭ ئانىلارنى تەسۋىرلەشكە تىلىم ئاجىزلىق       قىلغۇدەك ................                             قەلىمىڭىزگە ،قولىڭىزگە دەرت تەگمىسۇن!!!!!!!!!!!  
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    شەبنەم ناخشىسى
    ئانام ئۈچۈن،،،،،،،،
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا
    UID نومۇرى : 40138
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 786 پارچە
    شۆھرەت: 1006 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2763 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1286(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    6  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 10:07
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    رەخمەت  ھەدە  ،،،،ئادەمنىڭ ئەتتىگەندە كۆڭلىنى بىر قىسما قىلىپ قويدا  ما  تىما ،،،،ئىسىل تىما ،،،
    ئانام ئۈچۈن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
    شەبنەم ناخشىسى
    توغراق قىزى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى

    UID نومۇرى : 15298
    نادىر تېما : 11 پارچە
    يازمىسى : 2778 پارچە
    شۆھرەت: 3272 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 28077 سوم
    تۆھپە: 1080 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 820 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2526(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-05-04
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    7  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 10:37
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    زاكىرە  تەشەككۇر  دوستۇم ،  بىر  قەيسەر  ئايالنىڭ تېز  سىزمىسىنى  سىزىپ چىقىپسىز  . سىزدىن سۈيۈندىم  ،  ئايياللار  ھەقىقەتەن  قەيسەر  ،ئۇلارنىڭ روھىدا    شۇنداق يىمىرىلمەس  كۈچ  بار .
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

    UID نومۇرى : 10858
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 2939 پارچە
    شۆھرەت: 3308 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2147483647 سوم
    تۆھپە: 56 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1231(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-01-01
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    8  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 10:39
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

      ئانا - دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇق ئىنسان . ئۇ ئىنسان قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ، ئىنسان روھىنىڭ پاكلىغۇچىسى .
       ئانا - ئۇ پەرزەنتنىڭ ئانىسى ، مىللەتنىڭ ئانىسى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئانىسى ، كەلگۈسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ ياراتقۇچىسى .


    رەخمەت ھەدە ،   سىزمۇ ئاشۇ ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ بىرى !  
      تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ  خۇشال ، بەختىيار ئۆتسۇن !

    سەمىمىيتىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا سىزنىڭ بارلىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى
    UID نومۇرى : 52262
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 577 پارچە
    شۆھرەت: 696 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5770 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 473(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-06-23
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    9  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 12:04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھەدە ،،،ياخشىمۇسىز
        مىنىڭ سىزگە بولغان قايللىقىم تىخىمۇ كۈچەيدى ،،،تورغا چىقساملا سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئىزدەيمەن ،،،سىزگە بەخىت ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن !!!
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
       مۇھەببەتنىڭ- بىرىنچى تىلى كۆز            
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 62286
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 84 پارچە
    شۆھرەت: 158 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 830 سوم
    تۆھپە: 40 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1523(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-10-21
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-22
    10  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 12:30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئايال كىشىنى ئاجىز دەيمىز ،لېكىن بىر قىسىم قەيسەر ئاياللار باركى  قەيسەرلىكتە ئەرلەنى بېسىپ چۈشۈدۇ . مەسئۇلىيەتچان ئاياللار تېخىمۇ قەيسەر .....
    بەزى كىشىلەر ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ، بەزىلەر ئۆمۈر بۇيى تىرىشسىمۇ يەنىلا جاپا تارتقىنى تارتقان ، بۇ بەلكىم بىر سىناق بۇلۇشى ، سىناقتىن ياخشى ئۆتكەنلەر ئاخىرەتتە ياخشى كۇن كۈرۈشى مۇمكىن .لېكىن يازمىدىكى باش پىرشۇناز نىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زور خۇشاللىقى باللىرىنىڭ ياخشى بۇلۇپ چىقىشى. باللىرى ياخشى تەربىلەنسە ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىن ئاغرىنغان دەرت ئەلەملىرى بىر يۇلىلا ئۇنتۇلۇپ كىتىشى، تۇرمۇشىدىن رازى بۇلۇشى مۇمكىن ...........
    ياخشى يېزىپسىز ئۇقۇپ تەسىرلەندىم ....سالامەت بۇلۇڭ ....
    يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:+30(zakira) بەك ياىشى يې ..
  • دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا
    UID نومۇرى : 35314
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 790 پارچە
    شۆھرەت: 1005 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7736 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2124(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-03-12
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    11  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 13:16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    دوستىڭىزغا بولغان دوسلۇق مىھرىڭىزنىڭ شۇنچە چوڭقۇر ھەم مۇستەھكەملىكىدىن بەكلا تەسىرلەندىم.
    خۇدايىم دوستىڭىزنى گەرچە تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىم بەخىتلىرىدىن مەھرۇم قىلغان بولسىمۇ ئەمما،سىزگە ئوخشاش دوسلۇقنى قەدىرلەيدىغان ھەم دوسلۇق مىھرىنى يەتكۈزەلەيدىغان ياخشى دوستتىن بىرنى ئاتا قىلغان ئىكەن.ھىساپتا ،مانا بۇمۇ ئۇنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك بەختى.شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن خوش بولدۇم.
    زاكىرە ھەدە ،قەلەم كۈچىڭىز كۈندىن -كۈنگە ئېشىپ بېرىۋېتىپتۇ،سىزگە بەكلا زوقۇم كەلدى.ئەسەر ۋەقەلىگى بەكمۇ تەبئى ھەم تەسىرلىك چىقىپتۇ،تېخىمۇ غەيرەت قىلىپ ،تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
    يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • ياخشى باھا:+30(zakira) ياخشى ئىنكاس ..
  • پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ،شۇڭا تۇرمۇشقا ھەر ۋاقىت ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنەيلى....
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا
    UID نومۇرى : 22509
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 262 پارچە
    شۆھرەت: 389 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2620 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1382(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-09-23
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    12  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 13:49
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    تېمىنىڭ بىزىلىشى،رەسىمنىڭ ماس ھالدا كىرىىتۈرۈلىشى،ناخشىنىڭ قىستۈرۈلۈشى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دىگەندەك ماس كېلىپتۇ.تېمىنىڭ باشلىنىشى شۇنداق تەبئى،ۋەقەلىكنى ئىپادىلەشتە دەبدەبىلىك ۋاستىلەردىن تامامەن خالى،ئوقۇغۇچىغا چىنلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدىغان ،ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ياخشى تېما يوللاپسىز.يەنىمۇ ياخشى ئىجادىي نادىر تېمىلارنى يوللىشىڭىزغا تەشنامىز.
    سەممىي تەكلىپ:نىكا دىگەن سۆزنى نىكاھ دەپ ئۆزگەرتىپ "شىنجاڭ ئاييالىرى"غا يوللاپ باقامسىز؟
    http://p4.images22.51img1.com/6000/pidakar194/48e96f28214698336f8241a097025c1c.jpg
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 47077
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 44 پارچە
    شۆھرەت: 117 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 440 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 38(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-06-11
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-23
    13  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 15:36
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ،ئۇ ئۆز مىھىر مۇھەببىتى بىلەن پەرزەنىت قەلبىنى تىۋىندۇرىدۇ .ئۈنىڭغا ھاياتي كۈچ ئاتا قىلىدۇ .چۈنكى ئۇ بەكمۇ مىھرىبان .مەن بۈگۈن مۇنداق بىر گەپنى دىمەكچىمەن ،بىزنىڭ ئانىلىرىمىزنىڭ مىھىر -مۇھەببىتى نۇقۇل ھالدىكى قۇش تىرناق ئىچىدىكى كۆيىنىش بۇلۇپلا قالمىسا .جىگەرلىك ئانىلار بىزنى جىگەرلىك قىلىپ تەربىيلىسەڭلار،سىلەردىن ئايرىلىپ قىلىش تۇغرا كەلگەندىمۇ كۆزۈڭلاردىن مىتمۇ ياش چىقارمىساڭلار،.چۈنكى جىگەرلىك ھايالىق ئانا تەربىيلەپ چىققان بالا،ھەرگىزمۇ ھىچكىمنى نا ئۈمۈدتە قۇيمايدۇ.ماڭغان يۇلىمىز ئاق يۇللۇق يۇل بۇلىدۇ .
    سەن ماڭىدىغان ، سەن مىڭىشقا تىگىشلىك يۇل
    ئانا تىلىمىزنى قۇغدايلى.......
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا
    UID نومۇرى : 58624
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 630 پارچە
    شۆھرەت: 957 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6320 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 651(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-09-03
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-23
    14  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-20 18:29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    زاكىرە، تىمىڭىزنى ئوقۇپ يۈرىگىم بەكلا ئاغرىپ كەتتى، ئۇلۇغ ئاللاھ، دۇستىڭىزغا بەخىت ئاتا قىلغاي...........
    ئەخلاق ئادەم زىننىتى