مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
«12345»Pages: 1/11     Go
سىز بۇ تېمىنىڭ 12980 - كۆرۈرمىنى
تىما: قەشقەرگە يەنە بىر سەپەر(سۈرەتلىك بايان)
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا
UID نومۇرى : 26678
نادىر تېما : 11 پارچە
يازمىسى : 148 پارچە
شۆھرەت: 343 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1940 سوم
تۆھپە: 889 نۇمۇر
ياخشى باھا: 532 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 566(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 01:37
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

قەشقەرگە يەنە بىر سەپەر(سۈرەتلىك بايان)

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى : تېما باشقۇرغۇچى qumqazi تەرپىدىن نادىرلاندى. (2009-06-19)
شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى


قەشقەرگە يەنە بىر سەپەر
(سۈرەتلىك بايان)


تەكلىماكاننىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى قەشقەرگە يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان دوستلىرىمنىڭ تەكلىۋى بىلەن يەنە بىر قېتىم بېرىش شەرىپىگە ئېرىشىپ قالدىم.
مەن بۇ شەھەرگە نۇرغۇن قېتىم بارغان بولساممۇ بىراق بۇ قېتىم كۈچىيىۋاتقان تەغدىرداشلىقىمىزنىڭ سەۋەبى بىلەن قېرىنداشلىق ھىسياتىدا ئىنچىكە كۈزۈتۈشكە تىرىشتىم    .
بۇ جەرياندا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمنىڭ قەشقەرنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەردار بولسىمۇ بىراق شارائىت سەۋەبىدىن يەنە بەزىلىرى خەەۋەرسىز.شۇ سەۋەپتىن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.
ھەممىمىز بىرلىكتە ئاتا-بوۋىمىز  قۇرۇپ چىققان شۆھرەتلىك شەھەرلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان قەشقەرنى ھەقدارلىق نەزىرىمىز بىلەن چۈشىنەيلى.



سۆزىمىزنى ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىدىن باشلايلى.....
نۇرغۇنلىرىمىز كۆرگەندەك ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ ئالدى تەرىپى تازا ماسلاشمىغان. چوڭ دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپى تەڭپۇڭ سېلىنمىغان. يەنى دەرۋازىنىڭ سول تەرىپىگە ئىككى مېھراپ ئېلىنغان.ئەمما ئوڭ تەرىپىگە بولسا مېھراپ ئېلىنمىغان. چۈنكى ئوڭ تەرەپ سول تەرەپتىن تار.
رايونىمىزدىكى بۇ داڭلىق قۇرۇلۇش نىمە سەۋەپتىن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ؟
زوھۇرىددىن ھېكىمبەگ ھېيىتگاھ قۇرۇلىشىنى ئېلىپ بارغان چاغدا قۇرۇلۇشنىڭ ئەشۇ كەمتۈك سېلىنغان جايىدا، بىر يالغۇز موماينىڭ ئۆيى بار ئىكەن.
ھېيىتگاھ قۇرۇلىشىنىڭ مۇكەممەل سېلىنىشى ئۈچۈن بۇ مومايغا باشقا جايدىن ئۆي-جاي سېلىپ كۆچۈرۈپ قويىشنى ئېيتقاندا موماي ئۆزىنىڭ بۇ جايىدا مۇشۇ يېشىغىچە ياشىغانلىقى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھايات سەپىرىدىكى بارلىق خوشاللىق ۋە قايغۇلىرىنىڭ مۇشۇ ئۆيى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى شۇڭا ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا، دۇنيادىن ئېرىشكەن بىردىن-بىر خاتىرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوقلىقىنى ئېيتىپ ھېكىمبەگدىن ئۆزىگە ئادالەت تەلەپ قىلغان.
زوھۇرىددىن ھېكىمبەگ ، خۇدانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دەپ سېلىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئاجىزىنى يىغلاتماسلىقنى ئويلاپ ھېيىتگاھنىڭ قالغان تەرەپلىرىنى پىلان بويىچە سېلىپ، بۇ موماينىڭ ئۆيىگە تەگمەسلىكنى قارار قىلغان...........
.........زوھۇرىددىن ھېكىمبەگمۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ مومايمۇ ئۆلۈپ كەتتى...ئەمما ھېيىتگاھ بۇ ئىككى شەخس ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئەشۇ ئىنسانىي ئادالەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بۈگۈنمۇ ئەشۇ ھالەتتە ساقلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ.................

..........مەن كوزىچى يار بېشىنىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئىشىك ئالدىدىكى سۇپىدا، قىستاپ كېلىۋاتقان شەھەر قۇرۇلىشىغا قارىغىنىچە ئولتۇرغان بىر موماينى كۆرۈپ قالدىم .(تۆۋەندىكى سۈرەت)
مەن بۇ ياشانغان ئانا بىلەن پاراڭلاشقاچ، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ياشىغان  جايىنىڭ چېقىلماقچى بولىۋاتقانلىقى، ئۆز ھاياتىنى مۇشۇ تونۇش تاملارنىڭ ئىچىدە تونۇش دېرىزىگە قاراپ ئاخىرلاشتۇرۇشتەك كىچىككىنە ئارزۇسىغىمۇ يېتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدىم..
بۇ مۆھتىرەم ئانىمىزغا زوھورىددىن ھېكىمبەگ بىلەن ئۇنىڭ ئادالەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولغان ئەشۇ موماي توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىم.
خۇددى مېنىڭ ئاپامدەكلا ياشانغان بۇ ئانا ، ئۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن تولىمۇ ئۇزۇندا قالغان بۇ ئىشلارنى زاماننىڭ پاسكىنا ئەخلەت-چاۋالىرى قاپلاپ كەتكەچكە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بۇ تارىخنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتىم .
ئاخىرىدا ئۆز ئارزۇسىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ، بىزنىڭ زوھورىددىن ھېكىمبەگ دەۋرىدىكى فېئوداللىق جەمىيەتتە ئەمەس بەلكى ھەممىدىن ئەۋزەل دەپ ماختاۋاتقان سوتسىيالىستىك جەمىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى تەكىتلەپ تەسەللى بېرىپ ئايرىلدىم.

يولدا كېتىۋاتقاچ، يىراقتا قالغان ھېكىمبېگىم بىلەن ئەشۇ تارىخقا سەۋەپ بولغان بەخىتلىك يالغۇز موماي توغرىسىدا ئويلىدىم.
ئاددى كۆز بىلەن ئاسانلىقچە بايقىۋالغىلى بولمايدىغان ئىنسانىي مۇھەببەت ئىگىلىرىگە ، خۇدانىڭ ھىممىتىگە ئېرىشكەن ئەشۇ ئادەملەرگە خىيالەن دۇئايى-سالام يوللىدىم................
ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن بۇيان رايونىمىزدا پارچە-پارچە يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان شەھەر تۈزەش قۇرۇلۇشلىرى قەشقەر كونا شەھەرنى تۈزەش شوئارى بىلەن كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا كۆتۈرۈلدى.
قوش تىللىق سىياسىتىدىن ئاشۇرۇپ پايدىلانغان يەرلىك خاقانلارنىڭ خەنزۇ تىللىشىشقا بىراقلا مەجبۇرلىشىدەك سولچىللىقنىڭ تەسىرىگە ئەگىشىپ كونا شەھەرنىڭ چېقىلىشى بىزنىڭ كۈنسېرى يىگىلەپ كېتىۋاتقان روھىمىزنى تېخىمۇ سىقىلىشقا مەجبۇرلىدى.
ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. ئەمما غەمخورلۇق ئىسسىق جۇۋىنى تارتىۋېلىپ، كالتە ئىشتان بەرگەندەك بولۇپ قالسا بولمايدۇ. كۆڭلىڭىز ياخشى بولسا جۇۋىغا تۈگمە قاداپ بەرسىڭىزلا ئەشۇ كۇپايە ئىدى...............




ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈمەن دەرياسىغا  ئەمەلدارلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان يوقسۇللار سەكرەپ ئۆلۈۋالاتتىكەن. قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار پاكىزە تۈمەن دەريا سۈيى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتىكەن.
بىراق بۈگۈنكى تۈمەن دەرياسىغا ئوينىشىپمۇ سەكرىگىلى بولمايدۇ.
ھەرقانچە ئۆلىۋالغۇسى كەلگەن ئادەممۇ بۈگۈنكى تۈمەنگە سەكرىمەيدۇ. سەكرىسە پاسكىنا ئەخلەت بىلەن بولغانغان تۈمەن دەرياسىغا تىزىغىچە پېتىپ قېلىپ يا ئۆلەلمەي ياكى چىقالماي ئۆلۈم ئالدىدىمۇ قەشقەر پاراڭلىرىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.............
ئەي، ئانا تۈمەن! سەن تارىختا بۇ زىمىننى كۆكەرتىپ باققان ئىدىڭ. بۇگۈن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە پاسكىنا يۇندىغا ئايلىنىپ قالدىڭ....
بىراق سەن قانچىلا بۇلغانما، يەنىلا بىزنىڭ ئانا دەريالىرىمىزنىڭ بىرى...
سېنىڭ تەغدىرىڭ بىزنىڭ تەغدىرىمىز........
سېنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتىڭ ئەمەليەتتە بىزنىڭ قىسمىتىمىز.....





ئۆي-زىمىن سۆدىگەرلىرىنىڭ كەينىدە كىم بار ؟!
ئەركىن ئادىل بازار رىقابىتىدە ئۆي-زىمىن سودىسى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيەت-ھوقوقى دائىرىسىدە نورمال پائالىيەت قىلىشى ۋە باشقا سودا تۈرلىرىگە ئوخشاش ماھىيەتكە ئىگە بولىشى كېرەك ئىدى. بىراق باشقا سودىغا قارىغاندا ئۆي-زىمىن سودىسىنىڭ پايدا نىسبىتى بەكمۇ يۇقۇرى بولغاچقا نۇرغۇن يەرلىك خاقانلار بۇ سودىغا شەكلى ئۆزگەرگەن شەكىل بىلەن شېرىك بولىۋاتىدۇ.
بۇ پارتىيىۋىلىك كادىرلار ئۆي-زىمىن سودىگەرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرى پۇل چىقارسا يەنە بىرى سىياسەت تۈزەپ جوڭگودىكى ئەڭ زور پايدا ئالىدىغان كەسپنى تېخىمۇ جانلاندۇرىۋاتىدۇ....
خاتىرجەم بولسىلا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار...بىز بۇنداق خەلىق ئۈچۈن خىزمەتكە كۆنۈپ قالغان.....
ئارسىلانخان مازىرىغا كېتىۋېتىپ مازار ئەتراپىدىكى نۇرغۇن يانداش مازارلارنىڭ چېقىلىپ يېڭى بىنا ۋە سودا نۇقتىلىرى سېلىنغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. (تۆۋەندىكى سۈرەت)
مەيلى قومۇل ياكى قەشقەردە بولسۇن مازار ياكى قەبرىستانلىقنى چېقىپ يېڭى قۇرۇلۇش سالىدىغان ئەھۋال ئوموملىشىپ قالدى.
بۇنداق سودىنىڭ پايدىلىق تەرىپى قەبرىستانلىقنىڭ ئۆي-زىمىن كىنىشكىسى بولمايدۇ. شۇنداقلا ھەقدارلىق قىلىدىغان قانۇنىي ئىگىسىمۇ بولمايدۇ.
بۇنداق يوچۇقتىن پايدىلانغان سىياسى بىدىكلەر، باشقا جايلارغا قارىغاندا بۇنداق ئورۇنلارنى خاتىرجەم چېقىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىۋالىدۇ.
ئارسىلانخان مازىرىغا كېتىۋېتىپ بىر تاكسى شوپۇرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. شوپۇر ، نىمشقىكىن ئىلگىرى مازارغا چېقىلغانلارنىڭ پۇت-قوللىرى قۇرۇپ پالەچ بولۇپ قالاتتىكەن. ئەمما ھازىر مازارلارنىڭ ئۇنداق كۈچى قالمىغان چېغى نۇرغۇن زىيارەتگاھلار چېقىلدى . ئەمما چاققانلارغا ھېچ ئىش بولمىدى دەپ قالدى.......
مەن پاراڭلاشقاچ..ئەمەليەتتە بۇنداق سېھرىي كۈچ مازارلاردا ساقلانماي. ئەشۇ مازارلارنىڭ ھەقدارلىرىنىڭ قەلبىدە ساقلىنىدىغانلىقى ، مازاردىكى قەھرىمانلارنىڭ مەنىۋى قۇۋۋىتى ئەۋلاتلىرىنىڭ روھىغا مىراس قالىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇلار بۇ مىراسقا ۋارىسلىق قىلالمىسا مازارنىلا ئەمەس ھەتتا ئۆزىنىمۇ قوغداپ قالالمايدىغانلىقى. شۇڭا مازارلارغا نېسبەتەن ھېيىقىش ۋە ھۆرمەتنى چوقۇم ساقلاش كېرەكلىكى، شۇندىلا بۇنداق مازار سۆدىگەرلىرىنىڭ بۈگۈن بولمىسا ئەتە چوقۇم ئەشۇ سېھرى كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن پالەچ بولۇپ قالدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىم...

ئېچىۋېتىش ۋە تەرەقىيات شوئارى بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دائىرىسىدە ياشاۋاتقان خەلىققە زەربە بېرىشنى مەخسەت قىلىش تىپىك مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىچە سولچىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
زامانىۋىلىق بىلەن يەرلىكنىڭ ئەنئەنىسى ئارىسىدا رىشاتكا پەيدا قىلىدىغان ئامىللار دەل مۇشۇ خىلدىكى ئىككى مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئورنىغا ئۇلار ئوتتۇرىسىغا زىدىيەت پەيدا قىلىدىغان شەخىسلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدۇر.
دۇنيا مىقياسىدا زامانىۋىلىق، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق بىزدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ بىيرۇكاتلىقى سەۋەبىدىن بۇ زامانىۋىلىق ئۇلارنىڭ قولىدىكى كالتەككە ئايلىنىپ ئەئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بېشىغا تېگىۋاتىدۇ....سۈكۈت ئاجىزلىقنىڭلا بەلگىسى ئەمەس.....
بۇنداق يەكلەش، بۇ خىلدىكى يىتىم قالدۇرۇش بىر مىللەتنىڭ تارىخىدىلا ئەمەس بەلكى كەلگۈسىدىمۇ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى چوقۇم كۆرسىتىدۇ......



تۈمەن دەريا بويىنى ئايلىنىۋېتىپ قۇرۇلۇش مەيدانىنى نازارەت قىلىۋاتقان بىر خەنزۇ يولداش بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.
بىز پاراڭلىشىۋاتقاندا ئۇ، شوپۇرغا بىر نەرسە بېرىپ قويۇش ئۈچۈن يېنىمدىن كەتتى. شۇ چاغدا ئەتراپتا يۈرگەن ئۇنىڭ بۆرە ئىتى ماڭا قاراپ ئېتىلىپ كەلدى. مەن قولۇمغا تازا يوغان بىر كالتەكنى ئېلىپ ئۇنىڭ دەسمايىسى بولغان تۇمشىقىنى نىشانلاپ، ھىجىيىپ تۇردۇم. شۇ چاغدا ھېلىقى نازارەتچى، ئىت بىلەن ئىككىمىزنىڭلا تەلىيىگە كېلىپ قالدى ۋە ئىتىنى چاقىرىپ توختىتىۋالدى.
مەن ئۇ يولداشتىن ئۆزەمنىڭ ھازىرغىچە ياخشىراق بىرەر ئىت باقالمايۋاتقانلىقىمنى، ئۇنىڭ بۇ ئىتنى ناھايىتى سادىق تەربىيلىگەنلىكى ، قانداق قىلغاندا ياخشى ئىت باققىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدىم.
ئۇ يولداش ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن، ئامال بار ئىتنىڭ ئاچ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكى ، ئۇنىڭ قوساقتىن خاتىرجەم بولسا يىراققا كەتمەيدىغانلىقى ۋە ئىگىسىگە سادىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەردى.
مەن ئىت بېقىشقا ئۇستا بۇ يولداشقا، رەخمەت ئېيتىپ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم.(تۆۋەندىكى سۈرەت)

مەن دۆلەت دائىرىسىدە نۇرغۇن قەدىمى كوچىلارنى ئايلىنىپ باققان.
بېيجىڭنىڭ تار كوچا مەدەنىيتىدىن تارتىپ شىئەننىڭ كونا ئۇسلۇبتىكى ئۆي-جايلىرىغا قەدەر يىلدا نۇرغۇن تاشقى پېرۋوت ۋە خەلق ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشتە چوڭ رول ئويناۋاتىدۇ....
شۇنداقلا بۇ كوچىلار ئەشۇ مىللەتنىڭ شۆھرىتى ۋە دۆلەتنىڭ بايلىقى سۈپىتىدە خاتىرجەم قەد كېرىپ تۇرىۋاتىدۇ.........
بىزگە بۇنداق تەلەي نىمىشقا نېسىپ بولمايدۇ ؟!
ئۇيغۇر مەدەنىي ھاياتىنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەر كونا شەھەر رايونى ھەقىقەتەن بۈگۈنكى زاماندىكى ئۈستى ئوچۇق موزىي بولۇشقا لايىق ئاز ساندىكى شەھەرلەرنىڭ بىرى.
ئۇ دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان نۇرغۇن كونا شەھەر خارابىلىرىدىن نۇرغۇن ھەسسە مۇكەممەل ۋە ئۆزگىچە......
سىز بۇ كوچىلارغا كىرسىڭىز ئۆزىڭىزنى تەبىئىلا ياشاۋاتقان مۇھىتتىن ئايرىلىپ قەدىمقى بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
بۇ كوچىلاردىن..يىراقتىن كېلىۋاتقان سىرلىق تارىخنىڭ تىنىقلىرى ئاڭلىنىدۇ.....شامالدەك يېنىك قەدەم ئاۋازى بىلەن رېتىملىق تاراقلاپ كېلىۋاتقان تۇياق ئاۋازىنى ئىختىيارسىز ئىزدەيسىز.....بۇ كوچىلار.......بۇ قېلىن تاملار ئىچىگە كىملەرنىڭ ئاياق ئىزلىرى يەنە كىملەرنىڭ يوشۇرۇن ئىچكى دۇنيالىرى بەنت قىلىنغاندۇ....
قېلىن تاملارنىڭ ئارىسىغا ئەسىرلەر بويى سىڭىپ كەتكەن ئەللەي ئاھاڭلىرى، بوۋا-مومىلار ئېيتقان جەڭنامە-چۆچەكلەر....ئېغىر پۇشۇلداۋاتقان كۆرەك ئاۋازلىرىنى ئىزدەپ، زېھنىمنى يىغىپ تىڭشاشقا تىرىشتىم.......كوچىلارنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان بالىخانىنىڭ دېرىزىسىدىن ھېلىلا تاشۋاينىڭ ياكى رابىيەنىڭ چىرايى غىل-پال كۆرۈنۈپ قالىدىغاندەك ئۇزۇنغىچە قاراپ كەتتىم......
يىللار بويى كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان كارىدوردەك يوللاردا پۈكلىنىپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ باقتىم........بىر مۇڭ، بىر يۇمشاققىنە ئىچكى سېزىم تومۇرلىرىمغا ئاستا يامراۋاتاتتى..........
لاي-كېسەك ئارىسىغا يوشۇرۇلغان مىسكىن قەلبىمىز!.....ھەسرەتلىك تارىخىمىز!...........
مەندىكى ئاچكۆزلۈك پەللىگە يەتكەن بولسىمۇ بىراق ئاپارات كۆزى بىلەن تولۇق ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى بولمىدى......
بۇ كوچىلار توغرىسىدا بىر بەدئى فىلىم ئىشلەش ئارزۇسى كېيىنكىلەرگە ئامانەت قالدى............














[img]http://p5.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/561a5c5e3453c281dbb5221d55552186.jpg[/img]

[img]http://pd.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/dea5fb7d5ee7ed6e253f254bd38b243f.jpg[/img]

[img]http://pa.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/a27c31c932342da9bc93cf464b0c848e.jpg[/img]


[img]http://pd.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/d2c9781ea9aaffa4a013446c59c8dc57.jpg[/img]


[img]http://p2.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/2cfb55cc48182d1e0e6a0548f44a123b.jpg[/img]

[img]http://pb.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/bdaf573b6f46dee4cd9b627087abbb80.jpg[/img]

مىللى ئىگىلىكىمىزنىڭ مۇھتاجلىقى ھازىرقى دەۋرىمىزدە تولىمۇ ئېغىر.
بىر قېتىم مەن گوۋاڭجو ۋوگزالىنىڭ تەشۋىقات ئىكرانىدا بىر يولداشنىڭ كاۋاپنىڭ تولىمۇ پاسكىنا ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ بىزنىڭ رايونىمىز شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مىللى ئىگىلىكىمىزگە قىلىنغان بىر زىيانكەشلىك دەپ ئېيتساق تامامەن بولىدۇ. چۈنكى كاۋاپچىلىق مىللى ئىگىلىكىمىزنىڭ مۇھىم بىر تۈرىگە ئايلىنىپ قالغان. ماھىيەتتە بۇ تولىمۇ بىچارىلىك بولسىمۇ، ئات تاپقىچە ئىشەك مىنىۋاتقان بىر مىللەتكە تولىمۇ مۇھىم تۈر ھېساپلىنىدۇ.
بەلكىم ئۇ يولداش مېڭىپ يۈرگەن ھەرقانداق نەرسىنى پاكىزە يۇۋېتىپ يىسىلا بولىدۇ. ئۇنىڭدا يىڭياڭ(ئاقسىل) بار دەپ غىزالىنىدىغانلار تىپىدىندۇر.
تۇرمۇشىمىزدا  پوقتىكى قۇرۇتنى تاللىماي يەپ، ھەسەلدە نېزىقاپ قويىدىغان يالغان ئالىجاناپلار ئاز ئەمەس.
مىللى ئىقتىساد توغرىلىق تولا سۆزلىمىسەكمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىللى كاپىتالنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ھەر بىر جوڭگولۇق بۇنى ئوبدان بىلىدۇ.
مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئىگىلىكىنى جۇغلىساق بۈگۈنكى رايونىمىزدىكى باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن بەزى مىليونىرلارنىڭ ئىقتىسادى كۈچىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ، رايونىمىز خاس ئىگىلىكىنى تەرەقىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەر شۇنچە ئەقىللىقمۇ ياكى ئىشچانمۇ ....بەلكىم، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىشتەك ئەمگىكىگە يارىشا تەقسىماتچىلىقنىڭ نەتىجىسى بويىچە ھۆكۈم قىلساق بىزنىڭ مىليونلىغان ئادەملىرىمىز ھورۇنراق بولىدىغاندۇ...ئەممە مەن بۇ ھورۇنلارنى شۇنچە ئىزدەپمۇ چېلىقتۇرالمايمەن...قاچانلا قارىسا تۇرمۇشنىڭ ، ئېتىزنىڭ بېسىمىدا پۇكلىنىپ كەتسىمۇ چىدام بىلەن ھەركەت قىلىۋاتقان مىليونلىغان گەۋدە كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ.......
ئۇيغۇرنىڭ مىللى ئىگىلىكى  ئۇيغۇرنى ئايلىنىش زەنجىرىنىمۇ ئاساس قىلالمايدۇ.. بۇ خىل قىسمەن ئايلىنىش قىسمەن تەرەقىيات بىلەن ئاخىرى خوراپ يوقاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ......بەزىلەر نىسبى بېيىغاندەك كۆرۈنۈشكە كەلسىمۇ ئومومى مىللەت گەۋدىسىنىڭ مىللى ئىقتىسادى گەۋدىسىدە بارا-بارا يىگىلەش ۋە يوقاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ......
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا زېڭگوفەن،لىخوڭجاڭلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى ئىمتىيازلاردىن پايدىلىنىپ ئەجنەبىيلەرگە خوشامەت قىلىش ئۈچۈن ، مىللى كاپىتالنىڭ گۈللىنىشىنى مەخسەتلىك توسىغان ئىدى.....
دىيارىمىزدىكى مىللى ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى ئەشۇ زېڭگوفەن ۋە لىخوڭجاڭدەك ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ توساشقا ئۇرىنىۋاتقان ئەمەلدارلارنى يوق دەپ ئېيتالامدۇق.
مىللى ئىگىلىك گۈللەنمىگەن مىللى رايونلار تەرەقىياتىنى قۇرۇپ چىقىش زېڭگوفەننىڭ جوڭگولۇقلارنى ئالدىغان ھىلىسىدىن نىمە پەرقى.
رايونىمىزنىڭ مىللى ئىگىلىكىگە قاراپ باقساق، ئاساسەن باشقا ئۆلكە ۋە رايونلارنىڭ قولىدا ئايلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىدىغان بازار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
مىللى رايونلار پەقەت دىخانچىلىق قىلىپ، كاۋاپ سېتىپ  تاپقان تۆت تال تەڭگىسىگە ئىستىمالچىلىق سالاھىيىتى بىلەنلا ياشىسا مۇۋاپىقمۇ ؟!
ئەگەر بۇلار راست بولسا ، نىمە دىگەن رەزىللىك!  ناۋادا يالغان بولسا ئۇچچىغا چىققان دۆتلۈك !.
مىللى رايونلار تەرەقىياتى مىللى رايونلارنى يۈكسەلدۈرۈش شوئارىنى توۋلاۋاتقان ئادەملەر چوقۇم مىللى كاپىتالغىمۇ يول بېرىشنى ۋە نۇقتىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەكقۇ دەيمەن.
كوچىغا چىقساق ھەممىنى سېتىۋالايدىغان بولۇش، رەت-رەت دۇكانلارنى تىزىۋېتىش، ھەرگىزمۇ مىللى ئىگىلىكنىڭ گۈللەنگەنلىكى ئەمەس.چوقۇم ئەشۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمى مىللى كاپىتالنىڭ ئايلىنىش رېتىمىدا بولالىغاندىلا ئاندىن بىز مىللى رايونلار دەپ توۋلاۋاتقان شوئارنىڭ مەخسىتىگە يەتكەن بولىمىز.
مىللى ئىقتىسادنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈلگەن مىللى ئاپتونىميە قانۇنلىرى بار. ئۇنداقتا سەۋەپ نەدە ؟! ياكى بىز شۇنچە قابىليەتسىزمۇ ؟!
بىز شۇنچە يارامسىزمۇ ؟!...
تارىخىدا شۇنچە شۆھرەت قازانغان بىر مىللەت بۈگۈنكى كۈندە نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ قالدى ؟!....
گۇگوڭ خان سارىيىنى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغانلارنىڭ ئەۋلادى نىمە ئۈچۈن بۈگۈن بىر ھاجەتخانىنىمۇ سالالمايدۇ ؟!....
بۇ توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە نومۇس قىلىش بۇ يىلىكى شورلۇق مىللەتنىڭلا ئەمەس بەلكى ئەتراپتىكى مەۋجۇت مۇھىتنىڭمۇ نومۇسىدۇر....
بىزنىڭ نۇرغۇن ماتىريالىزىمچىلىرىمىز، ماددا بىرلەمچى ئاڭ ئىككىلەمچى دىگەن دۇنيا قاراشقا ئىشىنىدۇ ئەمەسمۇ....شۇڭا بۇ سەۋەپلەرنى دەل ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ئىزدەش، ھەقىقى ماركىسىزىمچىلىقتۇر.
پەقەت ئۇلار يالغاندىن ماركىسىزىمچى بولىۋالمىغان بولسىلا چوقۇم بۇ سەۋەپنى بىزگە ئارتىپ قويمايدۇ.......
بىز ئەسىر جەريانىدا بارلىقىمىزنى دەل بۇ مۇھىتقا تاپشۇردۇق....
قېنى يول بولسۇن قوماندانلار...بىزنى يەنە قاياققا باشلايلا.......
قىسقىسى، مىللى ئىگىلىك شۇ مىللەتنىڭ جېنى !
[img]http://pf.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/f6c85ccebd51c2663ab1e47831ca6bd6.jpg[/img]

[img]http://p7.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/75a6db83889da4d6ba45162f61e3e5a0.jpg[/img]

[img]http://p0.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/07edb85d00b784fff6b6411a7e913b58.jpg[/img]

[img]http://p9.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/95ada76451165ee1d96c06db359b0028.jpg[/img]

[img]http://pe.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/e194a3a8b302179366c91ac33bb769f0.jpg[/img]

[img]http://pb.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/b0d532b150aeac350ac19e28b9919b21.jpg[/img]

[img]http://p5.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/5e4f8aca16217c55ba209c753e571ee6.jpg[/img]

[img]http://p9.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/944aed0d2021a3699fb03b571810d64b.jpg[/img]

[img]http://pb.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/b1eba44b6d8b9f5927f9835f557f6146.jpg[/img]

[img]http://p3.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/3e1b38023ee8504c4e50fd68c3736076.jpg[/img]


[img]http://p8.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/8dbb53381a84ef376ecdb71ef2bbddfe.jpg[/img]
[img]http://pf.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/fbefdcba4477f8d1ff92357a3f2ca1cb.jpg[/img]
[img]http://pb.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/b0ac477b61ffb95be9aaafb62d61d2c7.jpg[/img]
[img]http://p1.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/1f8eb516a4c35269bd2683a90e49bfcc.jpg[/img]

[img]http://pc.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/ce67e703e1bc323a3f920b7404b3bcc2.jpg[/img]

دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشلىرىدىن يىراق بۇرجەكتە ھايات-ماماتلىق ئارىسىدا تولغىنىپ ياشاۋاتقان بۇ ئادەملەر نۇرغۇن تەرەپلەردىن يالغۇز قالغان.
دۇنيا ئۈچۈن ئۇلار تۆلىگەن ۋە تەغدىم قىلغان بەدەللەر ئاز ئەمەس. پەقەت كارۋان يولىدىكى جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكتىن مەھرۇم بولغانلىقى ئۈچۈن دىسەك پەقەت قىسمەن تەرەپتىنلا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن.ئەمما ئۇلار ئۇچرىغان سۈنئى ئاپەتلەرنىڭ زىيانلىق دەرىجىسى تەبىئى ئاپەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.
ياۋروپالىقلارغا ئوخشاش دىنىي مەزھەپ كۈرەشلىرىنىڭ زىدىيىتىدىن باشقا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئاق تېرورلۇق بىلەن قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان سەرخىل ئەزىمەتلىرىنىڭ يوقىتىلىشى ،مىللى ئىگىلىكىنىڭ مەخسەتلىك بۇزغۇنچىللىققا ئۇچرىشى، ئارقىدىنلا چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا بۇ قىسمەتنىڭ يەنە تەكرارلىنىشىدەك،  بۇنداق كۆلەم ۋە قىسقا ۋاقىتتىكى مىللى يوقىتىش دۇنيا تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدۇ.
قىسقىسى بىز ئۇزۇن يىللار يالغۇز ياشىدۇق......بىز دۇنياغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتۇق......ئەتراپىمىزدىكى ھادىسىلەرنىڭ شەكلىگە قاراپ سەمىمىلىك بىلەن قىلغان مۇئامىلىمىز ئاخىرىدا بىزگە دۈشمەن بولۇپ قالدى....قىسقىسى، بىزنىڭ نان ئىكەنغۇ دەپ تۇتقىنىمىز ئەمەليەتتە نانغا ئوخشىتىپ قويغان پوق بولدى......
ئۇدا داۋاملاشقان بۇنداق ساختا مۇئامىلە بىزنى دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن بەزدۈرۈپ...ھېچنىمىگە ئىشەنمەيدىغان قىلىپ قويدى.....
ئىنسانىي تۇيغۇمىزلا ئەمەس بەلكى ئومومى مىللىي گەۋدىمىز ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ھاياتىي كۈچىنى يالغۇزلۇقنىڭ بىپايان چۆلدىكى تەنھا كەپىسىگە يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.......
[img]http://p8.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/8d272aa7c47f96c2bc192bd0c1790ec2.jpg[/img]

[img]http://p0.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/0f9e17d584bf8bce70aab89168fd16e9.jpg[/img]

[img]http://p9.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/91c551c0118d6f2477e8cbe110c38d3e.jpg[/img]

[img]http://p7.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/7e6f676f33f90e711c248c96cc8e33e7.jpg[/img]

[img]http://pe.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/e8b5923a9d02383c3904f32f8e02369d.jpg[/img]

[img]http://p4.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/49b847619ca75524833314391f15a52e.jpg[/img]

[img]http://p0.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/03d29ac14086aa560a49ea9a89b27173.jpg[/img]

[img]http://pa.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/afa525663369abd369af66ad77e8f45a.jpg[/img]

[img]http://p2.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/28a197c051cbb2dbda9a0abf5820c61c.jpg[/img]

خەلقىمىز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن سىياسى ھەركەتلەر بىۋاستە بىزنىڭ ئىدىلوگىيە ساھەيىمىز بىلەن باغلىنىپ كەلدى.
تەشۋىقات بىلەن ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە مەۋجۇت رىئاللىقىمىز ئاساس قىلىنمىغان ھەركەتلەر تەبىئىلا نۇرغۇن ئىسراپچىلىق ۋە ئۇۋالچىلىقلارنى كەلتۈردى.
ئىدىيە مەسىلىسى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان پوزىتسىيەگە ئۇچرايدۇ.
ئەمما خەلقىمىزنىڭ ئالدىنقى ئەسىرلىك ھاياتى، ئىدىيە بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىنىش بىلەن ئۆتتى......
ماھىيەتتە ئىنساننىڭ بىردىن-بىر چەكلىمىسىز ھوقوقى دەل ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئىدى. نۇرغۇن ئىنقىلاپلار بىزنىڭ بۇ ئاخىرقى قورغىنىمىزنىمۇ دەپسەندە قىلدى......
تاش شىر ئاجايىپ نەرسە. دەسلەپتە ئادەمگە سۈرلۈك بىلىنگەن بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى نەتىجىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دەسمايىسىنىمۇ يوقىتىپ قويىدىكەن.
چۈنكى ئۇلارنى، باشقىلارنىڭ ھېيىقىشى ياكى قورقۇشى ئۈچۈنلا تىكلەپ قويغانكەن ئەمەسمۇ.....كېيىنچە بايقىساق، بۇ تاش شىرلار كۈلۈشنى ياكى تەبەسسۇم قىلىشنى بىلمەيدىكەن. پەقەت يالغاندىن بولسىمۇ چىرايىنى قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىرگۈزۈپ، باشقىلارغا سۈرلۈك تۇيغۇ بېرىشكىلا تىرىشىدىكەن.قولىدىكى سىرتلاننى بېسىپ تۇرغىلى ناھايىتى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سىرتلان يەنىلا ئەشۇ ئاتام زامانىدىكى سىرتلان ئىكەن.
سىياسى ئۈگۈنۈش، ئىدىيىنى بىرلىكككە كەلتۈرۈش، ھەممە ئورتاق سېپىل ھاسىل قىلىش، پەقەت كوچا تاملىرىغا يېزىپ قويغان بىلەنلا ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ.....ھەرگىزمۇ ئۇ تامدىكى شوئارلار بىزگە ۋەكىل بولالمايدۇ.....
ھەقىقى قانۇنچىلىق، ۋە خەلىقچىللىق يۈرگۈزۈلسە، كوچا تاملىرى ئاق تۇرسىمۇ بىز سىزگە ھەقىقى ئەگىشىۋېرىمىز....چۈنكى شوئارۋازلىق تەتقىقاتىدا بىز دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئالىمى بولۇشقا لايىقمىز.
شۇڭا، شوئارۋازلىققا خاتىمە بېرەيلى.
غەيرى ماددى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدايلى !
دىگەن شوئار بىلەن ،
يېڭى ئىللىق ماكان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشايلى !
دىگەن شوئارنى بىر يەرگە يېزىپ قويمايلى. بولمىسا يەتتە ياشلىق سەبىنىڭمۇ كۈلكىسىگە قالىمىز.
[img]http://p2.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/2d44fc2ab919337afa8d985feb74867b.jpg[/img]
[img]http://p9.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/90a50b5d6d3122a8c015c4c20e15b242.jpg[/img]


[img]http://pc.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/c75706c8b40c684d4367ad4f719cd0eb.jpg[/img]

[img]http://pe.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/e7c3c5c1064b883b1bd7478fff3711c6.jpg[/img]

[img]http://p9.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/95a996cb36ba2713f5cfc56ddb922fd5.jpg[/img]

[img]http://pc.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/cae671ee293aa3077d3afe60e3497183.jpg[/img]


[img]http://pa.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/a5ff7325827969802966606686f407d9.jpg[/img]


[img]http://pd.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/d216eab08125dfa6e56772dc02e74ba7.jpg[/img]

[img]http://pd.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/de96342e9f57ffafd355a82d20c86143.jpg[/img]

[img]http://p2.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/2c65a2ebcf04ea165d81c4d4faf0bc83.jpg[/img]

[img]http://p8.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/839dc4b9e7b3485b248c889689467f0a.jpg[/img]

[img]http://p2.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/284c6a7407c58e811206be87b1fc13ce.jpg[/img]

بۇندىن 72 يىل بۇرۇن شىڭشىسەي ۋە ئورۇس كومىنىستلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان ئەزىمەتلىرىمىز قاتارىدىكى مەمتېلى ئەپەندىنىڭ دۇنيالىقتا نىشانە بولۇپ قالغان بىردىن-بىر پەرزەنتى مەرىپەت ئانىمىزنى يوقلاپ زىيارەت قىلىۋېلىش بەختىگە ئېرىشتىم.(تۆۋەندىكى سۈرەت)
ئۆتكۈر ۋە ئوچۇق زېھنى شۇنداقلا يۇقۇرى ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىگە ئىگە بۇ ئانىمىز ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرى ۋە ئانىسى مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغان چاغلىرىدىكى ئۇششاق تەپسىلاتلارغا قەدەر سۆزلەپ بەردى.
بىراق كېيىنكى دەۋرنىڭ ھەقدارلىرىدىن بولغان مەن بۇ ئانىمىزغا كەلگۈسى توغرىلىق ھېچنىمە دەپ بېرەلمىدىم......ئەسلىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىغان ئىدىم. بىراق رېتىمغا چۈشمەيۋاتقان كۆڭلۈم ھەممىنى ئۇنتۇلدۇردى.....
ئاخىرىدا ئۈمۈتۋار قىياپىتىم ۋە بۈگۈنچە خۇداغا ئامانەت دىگەن تەسەللىيىم بىلەن خوشلاشتىم.
[img]http://pb.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/b0c3e466f58c08dedd4ddd1c62584b0c.jpg[/img]

بىزنىڭ كەينىمىزدە نۇرغۇن كۆزلەر قاراپ قالدى......
بۇ كۆزلەرنىڭ ئىلتىجا دائىرىسىدە ھەممىمىزنىڭ سىماسى بار....
يىللارنىڭ ئىزى چوڭقۇر چېكىلگەن كۆزلەردىن تارتىپ، دۇنياغا يېڭىدىن تەلپۈنىۋاتقان سەبىلەرنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ باقايلى. بىر يىتىملىك بىر يېتىرقاش بىلىنىپ تۇرىدۇ. بىز نىمە ئۈچۈن باشقا مىللەتلەردەك جۇشقۇن ۋە كۆتۈرەڭگۈ بولالمايمىز ؟!
بىزدىكى ھاياتىي كۈچ قەيەرگە يوقالدى ؟!
بىز يالغاندىن بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ زورلاپ خوشال قىياپەتكە كەلتۈرەلمەيمىز.
كىرزىس ئىچىدىكى ئويلىنىش ۋە ئەندىشە ھەممەيلەننىڭ سۆزى ۋە كۆزىدە بىلىنىپ تۇراتتى.....
بۇ كۆزلەر بىزنى ئىختىيارسىز كۆيۈشكە مەجبۇرلايتتى.....
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى كۆيدۈرگىدەك ھېچنىمىسى قالمىدى. پەقەت يىراققا ماڭغان ئوغۇل قىزىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئاغا كۆتۈرگەن ئورۇق قوللىرى بىلەن يىتىمسىرىغان ئاجىز كۆڭلىلا قالدى.....
بىز ئەشۇ كۆزلەردىكى ئۈمۈت ۋە ئىلتىجانىڭ ھەققى-ھۆرمىتىگە ھەممە نەرسىمىزنى ئاتىساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ.
سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلاغا ئېرىشىش بۇ كۆيۈشكە ئەڭ چوڭ تەسەللى.
[img]http://p4.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/4c45281dea5eb4cc1772fd543fdb9c60.jpg[/img]

[img]http://pc.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/c8225cdc702bfd049a3f5c5f79246e6c.jpg[/img]

[img]http://pe.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/e0af2ad8886bf8c55681afe71dbca50d.jpg[/img]

[img]http://p6.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/65c201fae9fdc6d9cf5211cc3af71761.jpg[/img]

[img]http://p7.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/79d3d64f0746c751de2bc5922dc1665c.jpg[/img]

[img]http://pd.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/d70b52ce03f0e0d6d9bd2d7ec92838b1.jpg[/img]

[img]http://pe.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/e71b750e0bca2f44178170668220b48d.jpg[/img]

[img]http://p6.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/6f08a5c0fd9398143d5da335944fd1fd.jpg[/img]

[img]http://pa.images22.51img1.com/6000/abdurehimablath/af13927e3d76dbaf6bb8a6b823368619.jpg[/img]


بۈگۈنچە خۇداغا ئامانەت  جېنىم بالام !
ئۇلۇغ خۇدا، سەن بىلەن يەنە كۆرۈشۈشنى نېسىپ قىلىدۇ.
ئۇ چاغدا سەنمۇ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويىسەن.....مەن تېخىمۇ پىشقان بىر ئەر كىشى بولىمەن......شۇ ۋاقىتتا ھازىرقىغا قارىغاندا بىزنىڭ يەلكىمىز تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالايدىغان بولىدۇ......
مەن ھەر مىنۇتتا سېنى ئويلاپ تۇرىمەن......سەنمۇ ھەر كۈنى مېنى ئەسلەپ تۇر.......بىز خۇدادىن كەلگۈسىمىزگە ئۈمۈت، بىر-بىرىمىزگە سالامەتلىك سورايلى.....باشقىلار خوشاللىقتىن كۈلۈپ كۆرۈشسە بىز مەھكەم قۇچاغلىشىپ يىغلاپ كۆرۈشىمىز......بىز...شۇنداق بىر خوشاللىق يىغىسىنى يىغلاپ باقايلىكى، ئەسىرلەر بويى يۈرەكلىرىمىزنىڭ قېتىغا ئورناپ كەتكەن يىللارنىڭ لاتقىلىرى ياشلىرىمىز بىلەن ئېقىپ چىقىپ كەتسۇن...........
ئامان بول بالام !....

قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
2009-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى. قەشقەر.



ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ بىلوگى.
http://http://ablathan.blogbus.com
www.xabnam.com
[ بۇ يازما ئابدۇرېھىم ئابلەتخان تەرپىدىن 2009-06-27 ]
يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:+50(saldat999) رەھمەت
  • ياخشى باھا:+100(0991sumruh) بەك ياخشى تې ..
  • تۆھپە:+100(UYGHURAAA)
  • تۆھپە:+50(ئۈمۈد007) نادىر ئەسەر
  • تۆھپە:+100(ئۇيغۇرۇم007) نادىر ئەسەر
  • مىسرانىم تورى
    جوڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقوق ھەركەت پىلانى يولغا قويۇلدى !
    بۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج .
    بۇ بىزدىن ئاشكارىلىقنى ۋە سەمىمىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.
    شۇڭا ئىدىيىدىكى ئەنئەنىۋى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى پىكىر ۋە يېڭى  روھ بىلەن ھەمكارلىشايلى.
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 95003
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 123 پارچە
    شۆھرەت: 1270 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1270 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 43(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    1  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 01:44
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈش بۇ





    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئۇيغۇر
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 62532
    نادىر تېما : 1 پارچە
    يازمىسى : 2248 پارچە
    شۆھرەت: 5908 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 21703 سوم
    تۆھپە: 142 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 325 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 971(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-28
    2  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 02:01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    نادىر تىما،  بەكلا ياخشى يېزىلغان تىما.
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا
    UID نومۇرى : 59113
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 224 پارچە
    شۆھرەت: 361 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2195 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 978(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-09-09
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    3  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 02:13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ھەي نىمىدىگەن ...............................
                                 بەزى ئىشلار ھەيييييي
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    I Never Give Up My Nation and My Mother Tongue
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 91400
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 33 پارچە
    شۆھرەت: 195 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 330 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-05-27
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-28
    4  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 02:39
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    قىسقىسى، مىللى ئىگىلىك شۇ مىللەتنىڭ جېنى !غەيرى ماددى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدايلى !
    ،
    يېڭى ئىللىق ماكان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشايلى !
    نادىر تىما،  بەكلا ياخشى يېزىلغان تىما
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا
    UID نومۇرى : 72155
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 659 پارچە
    شۆھرەت: 1514 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6189 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 928(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-01-27
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    5  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 08:22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئېسىل تىمىدىن يەنە بىرسى يىزىلىپتۇ ،ئۈستى ئۇچۇق موزىيمىزمۇ  يۇقۇلىدىغان بولدى . شۇنداق تەرەققىي قىلغان شاڭخەيدىكى كونا تارىخى رايۇنلار قاتتىق قوغدىلىنىدۇ .بىزنىڭ بولسا ..............
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    كۈلۈشنىڭ ھەممىسى خوشاللىق ،يىغىىنڭ ھەممىسى ئازاب ئەمەس ......
    شەبنەم ناخشىسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 52613
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 33 پارچە
    شۆھرەت: 97 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 330 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 696(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-06-24
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    6  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 08:34
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئاھ ،ئانا قەشقىرىم.........
    شەبنەم ناخشىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 70653
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 183 پارچە
    شۆھرەت: 390 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1804 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 741(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    7  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 09:26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    نەچچە يۇز مىڭ يىلدىن بېرى  ھېقانداق ئىش يۇزمىسە ، ئەمدىلىكتە يەر تەۋرەشكە چىدامسىز ،.............. .، ...................... دەپلا            ....................ھەي ................................................
    يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • ياخشى باھا:+100(0991sumruh) بەك ياخشى تې ..
  • شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 89134
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 32 پارچە
    شۆھرەت: 285 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 330 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 37(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-05-18
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    8  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 09:29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    نىمىشقا بۇ ئشلار دەپتەر يۇزىدىلا قېلىپ  كالىدۇ؟...........................
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى
    UID نومۇرى : 59490
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 518 پارچە
    شۆھرەت: 1492 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5032 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 735(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    9  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 09:53
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بۇ بەك نادىر تىما ئىكەن بۇ تىما بولسا مۇنبەردە ئۇزۇنراق يۇرسا بوپتىكەن~!
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    ئاللا بىردۇر~~~~~~~~~~~~~~!
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى
    UID نومۇرى : 613
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 516 پارچە
    شۆھرەت: 1761 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5173 سوم
    تۆھپە: 39 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 190(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2006-01-14
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    10  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 10:02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بۇ تىمىنى ھەقىقەتەن ساقلاپ قويسا بولغۇدەك ئىكەن......
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 68272
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 74 پارچە
    شۆھرەت: 438 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 780 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 295(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    11  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 10:06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    قەشقەر شەھەر بولغاندا ھازىرقى داڭلىق دەپ ئاتالغان شەھەرلەرنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ تېخى بىر تال خىشمۇ قۇپۇرۇلمىغان ئىدى، شۇنچە ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى نۇرغۇن يەر تەۋرەشتە ھىچنىمە بولمىغان قەشقەر ئەمدى ئەركىن ، دېمۇكراتىك ، مەزمۇت بولغان سوتسىيالىستىك جەمىيەتتىكى ‹‹يەر تەۋرەش››تە ۋەيران بولىدىغان بوپتۇ . ئسىت مەدەنىيىتىمىزنىڭ گۇلتاجى ، شانۇ - شەۋكەتلىك تارىخىڭ بىزگە يار بولغۇسى ، يۇقىتىلغان جىسمىڭ سىنى بىلىدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ  مەڭگۇلۇك ئەپسۇس - پۇشايمىنى بولۇپ قالغۇسى . سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بەزىلەر پۇتۇن جاھان ئەھلىنىڭ قارغىشىغا قالىدىغان بولدى .
    پەقەت ساڭىلا تەسەددۇق بۇ يۇرەك  !
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 13609
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 181 پارچە
    شۆھرەت: 272 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1490 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 123(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-28
    12  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 10:16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئۇ يولداش ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن، ئامال بار ئىتنىڭ ئاچ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكى ، ئۇنىڭ قوساقتىن خاتىرجەم بولسا يىراققا كەتمەيدىغانلىقى ۋە ئىگىسىگە سادىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەردى.
    مەن ئىت بېقىشقا ئۇستا بۇ يولداشقا، رەخمەت ئېيتىپ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم    

    مەنمۇ ئۆزەمنى ھەجەپ ئتقا ئوخشۇتۇپ قالدىم  دىسە  .  توۋا    
    ئويغۇر
    پادىشاھدەك ياشا
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى
    UID نومۇرى : 54566
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 1017 پارچە
    شۆھرەت: 4069 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10178 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 913(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-07-12
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    13  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 10:25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بۇ ئۆيلەر نىمىەدىگەن خەتەرلىك ھەرۋاقىت ئۆرۈلۈپ كىتىش ئىھتىماللىقى بار  
    پادىشاھنىڭ دۇنياسى بۇ يەردە
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 91238
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 28 پارچە
    شۆھرەت: 208 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 290 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 40(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-05-26
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    14  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-18 10:27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    نادىر تىما                   بەكلا ياخشى       يېزىلغان تىما  ئكەن  اللاھ  قولىڭزغا  دەرت  بەرمىسۇن  !   مەنمۇ  مۇشۇ  يەردىن  بەزى   ئشلارغا   ھەييييييييييييييييييييي      .................................                                           اللاھ  
    يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شەبنەم پۇلى:+10(ひyGuR) نادېر تىما ، ..