1- ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە سىز بىلەن دوست بولىشنى خالايدىغان ھەم دوستلۇققا يارايدىغان ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ سىزنى قوللىغىنىغا مىننەت قىلمايدىغان ، شۇنداقلا سىز نەتىجە قازانغاندا ھەسەت قىلمايدىغان دوستىڭىز بارمۇ ؟
2- سىز بىلەن بىر ياقىدىن باش بىر يەڭدىن قول چىقىرالايدىغان ، سىز نەتىجە قازانغاندا سىزدىن پەخىرلىنىدىغان دوستىڭىز بارمۇ ؟
3- قىزىقىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىدىغان سىنىقىڭىزدىن ئۆتەلىگەن دوستىڭىز بارمۇ ؟
4- ھەرقاچان ، ھەرقانداق ۋاقىتتا يېنىڭىزدا بولىشنى خالايدىغان ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتمايدىغان ھەقىقى دوسلۇقنى قەدىرلەيدىغان دوستىڭىز بارمۇ ؟
5_ خىزمەتكە ، دوستقا مۇھتاج ۋاقتىڭىزدا ۋە جورا تاپىدىغان ۋاقىتتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان دوستىڭىز بارمۇ ؟
6- كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا سىزنى كۈلدۈرەلەيدىغان ، ھەممىدىن ئايرىلغان ۋاقتىڭىزدا كۆڭلىڭىزگە تەسەللى بېرىپ، قەددىڭزنى رۇسلىشىڭىزغا مەدەت بېرەلەيدىغان ، پۈتۈن كۈچى بىلەن سىزنى قوللايدىغان دوستىڭىز بارمۇ ؟
7- ئەجەل كەلسە ئىككىمىزدىن بىرىگە ، ئۆلۈم مىنىڭ ھايات سىنىڭ دىيەلەيدىغان دوستىڭىز بارمۇ ؟
8 - سىز دوستىڭىز ئۈچۈن يۇقارقى بەدەللەرنى تۆلىيەلىسىڭىز ، دوستىڭىزمۇ ئەلبەتتە سىز ئۈچۈن بۇ بەدەللەرنى تۆلىيەلەيدۇ ، چۈنكى قول قولنى يۇيسا قول بېرىپ يۈزنى يۇيىدۇ دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ...........