ئالىم ئەركىن سىدىق گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى
2009 - يىل 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن ئايرۇدۇرىمىدا ئۇيغۇر زىيالىلىرى تەرەپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىم، 6 -ئاينىڭ 14 - كۈنى مىيۇنخېن ئۇيغۇرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ سۆھبەتكە مىيۇنخېندىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى بىلەن بىرگە
www.wetinim.org تور بېتىنىڭ گېرمانىيىدىكى ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
ئالدى بىلەن، ئالەم بوشلۇقى ئىلمىگە ئائىت ساھەلەردىن ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن بۇ ئۇيغۇر ئالىمى لېكسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەرگە تەئەللۇق بولغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۇ سۆبەتكە داخىل بولغان نەچچە - ئونلىغان زىيالىلار، كۆپرەك ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى سوراپ، ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىگە داخىل بولدى.
ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپە نىمە؟ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپە نىمە؟ ۋەتەندىكىلەر چەتئەلدىكى زىيالىلاردىن نىمىلەرنى كۈتۈدۇ؟ چەتئەلدىكىلەر ۋەتەندىكى زىيالىلاردىن نىمىلەرنى كۈتۈدۇ؟ دىگەندەك سوئاللار بەس - مۇنازىرە تېمىسىدا قىزىق نۇقتا بولدى. يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈرۈك دۇنياسىنىڭ پەخرى بولغان ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىم، ئۆزىنىڭ مول بىلىم قۇرۇلمىسى، ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە يىراقنى كۆرەر نەزىرى بىلەن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان كۆز قاراشلىرىنى تەقدىم قىلدى.
بىز مىللىتىمىزنىڭ ئىپتىخارى بولغان ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان ھۆھبىتىمىزنى ئايرىم يوللايمىز
مەنزېل :
http://www.suretler.com/munber/viewthread.php?tid=382