بۇيۇك ئىسلام ئالىمى ۋاپات بولدى
ئىسلام ھەركىتى ساھەسدە ئۆمۇر بويى خىزمەت قىلغان بۇيۇك ئالىم،ئىسلام تەشۋىقاتچىسى،لىۋان ئىسلام ھەركىتى فىرونتىنىڭ رەئىسى
دوكتۇر فەتھى يەكەن 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۇنى لىۋان پايتەختى بىيروتتىكى بىر دوختۇرخانىدا 77يىشىدا ۋاپات بولدى،
1933-يىلى فىۋرالدا تۇغۇلغان فەتھى يەكەن لىۋاندا ئىسلام ھەركىتىگە ئۇل سالغان تۇنجى ئەۋلاد كىشىلەردىن بولۇپ،لىۋان ئىسلام ھەركىتى ساھەسىدىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا ئىسلام ھەركىتى ساھەسىدىمۇ كۆزگە كۆرۇنەرلىك،سىموۋوللۇق شەخىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىناتتى،
يەكەن دەسلەپتە بىيروتتا ئىلىكتىر ئىنجىنىرلىقىنى ئۇگەنگەن ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ئىسلام بىلىملىرى ساھەسىگە كىرىپ ئىسلام تەتقىقاتى ۋە ئەرەپ تىلى بويچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن،كىيىن ئۇ لىۋاندىكى ئىسلام ئاياللار ھەركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مىنا ھەدداد بىلەن توي قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە لىۋان جەننان ئۇنۋىرستىتىنى قۇرۇپ چىققان،
يەكەن ئىسلام ھەركىتى ۋە ئىددىيە ساھاسىدە كۆزگە كۆرۇنگەن مول ھوسۇللۇق ئالىم بولۇپ،ئۇنىڭ كىتاپلىرى لىۋان ۋە كەڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلام ھەركىتى ۋە ئىسلام دەۋىتى ساھەسىدە يول كۆرسەتكۇچى،قىبلىنامە خاراكتىرلىك كىتاپلاردىن بولۇپ قالغان،ۋە 80-يىللاردىكى ئىسلام ھەركىتى ۋە ئىسلام ئىددىيسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ناھايتى مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن،
دوكتۇر يەكەننىڭ يەنە لىۋاننىڭ سىياسى ساھەسىدىمۇ كۆرۇنەرلىك تەسىرى بولۇپ،ئۇ لىۋاندىكى ھەرقايسى ئىسلامى گورۇھلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان،
پەتھى يەكەن ئىسلام ھەركىتى ۋە ئىسلام دەۋىتى توغۇرسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 35دىن ئاشىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئوبرازلىقلىرىدىن ‹‹دەۋەت ۋە دەۋەتچىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى››‹‹ئىسلامغا قانداق چاقىرىمىز››‹‹دۇنياۋى ئىسلام ھەركىتى بىرلىكىگە قاراپ ئالغا››‹‹ئەسىر سەۋىيسىدىكى ئىسلام ھەركىتىگە يۇرۇش قىلايلى››‹‹20-ئەسىر ساھاسىدىكى ئىسلام ئۆزگەرتىش پىروگىراممىلىرى››‹‹ئىسلام ئىددىيە،ھەركەت ۋە ئىنقىلاپتۇر››‹‹ياشلار ۋە ئۆزگىرىش››‹‹دەۋەت يولىدا يىقىلىپ چۇشكۇچىلەر››،،،،قاتارلىقلار بار،
ئۇنىڭ كىتاپلىرى ۋە ئىددىيە-پىكىرلىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ ‹‹ئىسلام ئىددىيە،ھەركەت ۋە ئىنقىلاپتۇر››‹‹دەۋەت يولىدا يىقىلىپ چۇشكۇچىلەر››ۋە ‹‹مىنىڭ مۇسۇلمانلىقىم نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟››دىگەن كىتاپلىرىدا بۇيۇك ئىسلام مۇتەپەككۇرى شەھىد سەييىد قۇتۇپنىڭ ئىددىيە ۋە كۆز قاراشلىرىنىڭ ناھايتى چوڭقۇر تەسىرى بارلىقىنى ھىس قىلغان،
مەرھۇم ئۇستاز،دوكتۇر فەتھى يەكەن يەنە ياشلارنى ئويغۇتۇش ۋە ئۇلارنى تەربىيلەشكىمۇ ناھايتى كۆپ كۇچ چىقارغان بولۇپ ئۇنىڭ ‹‹ياشلار ۋە ئۆزگىرىش››دىگەن كىتابى مەخسۇس موشۇ مەقسەت ئۇچۇن يىزىلغان،ئۇ ياشلارنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بۇيۇك بىناسىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى رولى توغۇرسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛
‹‹ياشلار ئىسلام دەۋەتىنى يەتكۇزگۇچى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى لازىم،ئىسلام ھاياتنىڭ بارلىق ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇيۇك ئەلچىلىكتۇر،ئىسلام دەۋىتى پەقەت مەسجىتتىكى تەربىيە،تەشۋىقات ياكى پارلامىتتىكى سىياسى تەشەببۇس بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى ئىنسان ھاياتىنىڭ بارلىق قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئىنسان ئىسلامنى ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئىجرا قىلىشى ۋە گەۋدىلەندۇرىشى،ۋە جەميەتنى ئىسلام ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىشى كىرەك،ئىسلام كىشىلەرنىڭ شەخسىيتى،ئائىلىسى،جەميىتى ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۇلار بىلەن بىرگە ياشىشى،ئۇلارنى يىتەكلىشى ۋە ئۇلارغا يول باشچى بولۇشى لازىم،››كىيىنكى يىللاردا ئىسلام دۇنياسىدا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەۋىج ئىلىپ كەتكەن بىر قىسىم ئاشقۇن،زوراۋان ئىقىملارغا قارىتا ئۇستاز،مەرھۇم دوكتۇر فەتھى يەكەنمۇنداق قارىغان؛
‹‹دۇنياغا ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى باشچىلىقىدىكى بىرقۇتۇپلۇق دىكتاتۇر تۇزۇم رەھبەرلىك قىلىۋاتىدۇ،شۇبھىسىزكى ئامرىكىنىڭ يگانە ھۆكۇمرانلىق تۇزۇمى ۋە ئۇنىڭدىن كىلىپ چىققان تاجاۋۇز ۋە زۇلۇملار ياشلارنى زوراۋانلىق ۋە رادىكاللىق يولىغا قىستىدى،ۋە بازا تەشكىلاتى،تالىبان ۋە سۇرىيەدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارغا ئوخشاش چەكتىن ئاشقان گورۇھلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە سەۋەپ بولدى،بۇ توقۇنۇشلارنىڭ باش سەۋەبى دۇنيادا ئادالەت،تەڭپۇڭلۇق ۋە باراۋەرلىكنىڭ بولمىغانلىقىدا،بۇخىل ۋەزىيەت مۇئەييەن چەكتىن ئاشقان گورھ ۋە تەشكىلاتلارنى ئالدىمىزدا ئەمدى قوراللىق كۆرەشتىن باشقىغا يول قالماپتۇ دىگەن تۇيغۇغا كەلتۇرۇپ،قورال كۆتۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى،شۇڭلاشقا بىز مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولساق ئاشقۇنلۇق ۋە رادىكاللىقنى پەيدا قىلغان تۇپ سەۋەپلەرنى قىزىپ چىقىپ مەسىلىنى شۇ ئاساستا ھەل قىلىشىمىز كىرەك›› ئاللا بۇيۇك ئالىم فەتھى يەكەنگە رەھمەت قىلسۇن،ۋە بىز مۇسۇلمانلارغا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتى ئۇچۇن پۇتۇن ۋۇجۇدىنى بىغىشلايدىغان نۇرغۇن ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ بەرسۇن،ئامىيىن!
مەنبە؛ئىسلام لىنيسى تورى.http://www.islamonline.net/English/index.shtml[ بۇ يازما irpan3 تەرپىدىن 2009-06-14 16:55 دە قايتا ]