* ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ساھىپجاماللارغا ئۆيلىنىشنى خالامدۇ ؟
ئامىرىكىدىكى ئائىلە - نىكاھ ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، ساھىپجاماللارغا ئۆيلەنگەن ئەرلەرنىڭ ئۆمرى ئادەتتىكىچە ئاياللارغا ئۆيلەنگەن ئەرلەرگە قارىغاندا 12 يىل قىسقا بولىدىكەن .
تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ، %91 دىن ئارتۇق ئەر چىرايلىق ئاياللارنى خوتۇن قىلىش خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغان بىلەن باراۋەر دەپ قارايدىكەن . %7ئەر چىرايلىق قىياپەت ئاياللارنىڭ سىرتقى ئەۋزەللىگى ، ئۇنىڭ ئەرلەرگە خوتۇن بولۇش بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە چوڭ ئەمەس ،دەپ قارايدىكەن . %81 ئەر ئايالىنىڭ گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن .% 3ئەرلا گۈزەل ئايالىنى ئۆمۈر بويى قوغلىشىدىكەن .
* ئەرلەرنىڭ چىرايلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرىشى ئورتاقلىقمۇ ؟
64%ئەر ئەندىشە ئىچىدە ياخشى كۆرىدىكەن . چۈنكى گۈزەل ئاياللار بىر خىل گۈزەل مەنزىرگە ئوخشاش بولۇپ ، قارىسا كۆزىگە پايدىسى بار ئىكەن . %23ئەر خىزمەتداشلار ئارىسىدا مىجەز - خارەكتىرى ، ئەقىل ئىقتىدارى گۈزەل چىرايىدىنمۇ مۇھىم ، دەپ قارايدىكەن . %11ئەر گۈزەل ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان . چۈنكى ، گۈزەل ئاياللارنىڭ تەپەككۇرى ئاددى ، ھاكاۋۇر ، شۆھرەتپەرەس بولغاچقا ، ئۇلاردىن پەقەت يىراقراق تۇرۇپ ھوزۇرلانسىلا بولىدىكەن . ئەمما بىللە ياشاشقا بولمايدىكەن .
* ئاياللارنىڭ گۈزەل چىرايى ئۇلارنىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشىدىكى يول خېتىمۇ ؟
82% ئادەم شۇنداق ،دەپ قارايدىكەن ، شۇنداقلا %96دىن ئارتۇق پۇقراۋى كارخانا گۈزەل ئاياللارنى ئېلانچىلىق ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە تاللايدىكەن . %16 ئادەم ئۇنداق بولىشى ناتايىن ، بىراق چىرايى ئادەتتىكىچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا گۈزەل ئاياللارغا بەزى پۇرسەتلەر بولىدۇ ، دەپ قارايدىكەن %2 ئادەملا بۇنىڭغا قارشى پىكىردە ئىكەن .
* گۈزەل ئاياللارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئاسانمۇ ؟
61% ئەدەم شۇنداق دەپ قارايدىكەن ، چۈنكى ، مودىل ياكى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدە نام قازانسا كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ بايلىق ياراتقىلى بولىدىكەن .
23% ئادەم گۈزەل چىراي ئاياللارنىڭ ئۇتۇق قازىنىش يولىدىكى پۇتلىكاشاڭ ، ساھىپجاماللارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى تېشى پال - پال ئىچى غال - غالدىن ، ئۇلارنىڭ خىزمەت تاپمىقى ئاسان بولغىنى بىلەن ئۇتۇق قازىنىشى ئەرشكە چىقىشتىنمۇ تەس دەپ قارايدىكەن . %7 ئادەم مۇۋەپپەقىيەت بىلەن گۈزەل چىراينىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق ، دەپ قارايدىكەن .
* ساھىپجاماللارنىڭ تۇرمۇشى بەخىتلىكمۇ ؟
ساھىپجامال ئاياللار ئىچىدە ئۆزىنىڭ نىكاھ تۇرمىشىدىن رازى بولىدىغانلار %13 نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ ،بۇ ئوتتۇرچە نىسبەتتىن 23 فوئىنىت تۈۋەن ؛ ئاجىرشىش نىسبىتى %34 تىن يۇقۇرى بولۇپ ، ئوتتۇرچە نىسبەتتىن 20 فوئىنىت يۇقىرى ئىكەن ، گۈزەل ئاياللارنىڭ 28 ياشتىن كىيىن توي قىلىدىغانلىرى %88 نى ئىگىلىگەن . شۇنداقلا تۇرلۈك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىكى خېنىملار ئىچىدە چىرايلىقلار%88 نى ئىگىلەيدىكەن بايلارنىڭ ئايالى ياكى دوستى بولغانلار ئىچىدە چىرايلىقلار %88 نى ئىگىلەيدىكەن .
گۈزەل ئاياللارغا ئۆيلىنىش راستىنلا خەتەرلىك ئىش ، ئۇلارغا ئۆيلەنگەن ئەرلەر چىرايلىق خوتۇنلىرىنىڭ زامانغا لايىق تەلەپلىرىنى قاندۇرغاندىن باشقا ، يەنە گۈزەل ئاياللارنى ماراپ يۈرىيدىغان ئەرلەردىن ھۇشيار تۇرىشى كېرەك .
مەنبە : شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى