شەبنەم تورى خەۋىرى: 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى "چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر" پىروگراممىسىغا شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى ئېلان پائالىيەت بۆلىمىنڭ مەسئۇلى قوشۇمچە ئۈرۈمچى خەيرى-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى قارمىقىدىكى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدىراخمان ھەمدە ئەدەبىي ئوبزورچى تارىم ژورنىلىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى ئۈرۈمچى خەيرى-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى قارمىقىدىكى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئەنۋەر ئابدىرىھىم قاتناشتى. بۇ سۆھبەتكە ئاتىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ساخاۋەتچى ئاتىلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ساخاۋەت ئەنئەنىسى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا تۆھپە قوشىدىغان، بىرسى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ياردەم قولىنى سۇنۇشتەك ئىسىل ئەنئەنىلىرى، ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ ياخشى ئىش-پائالىيەتلىرى، جەمئىيەتتىكى ئاتىلارنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى تەۋسىيە قىلىنغان ئىلغار ئىش-ئىزلار سۆزلەندى.
بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 7دىن20دە قويىلىدىغان ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى "چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر" پىروگراممىسىدا بولسۇن.
سۈرەتلەرنى شەبنەم مۇخبېرى ، فوتوگراف جاپپارجان تارتقان .
فوتو - ئالاقە : يېڭى ئىز توي-خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى ، ئادرېس: قۇتات سودا سارىيى 2- قەۋەت
تېلفون : 0991-8995787
شەبنەم تورى خەۋىرى