خالمۇرات غۇپۇر ،ئەر، ئۇيغۇر ،1960_يىلى 3_ئاينىڭ6_كۇنى تۇغۇلغان.ۋەتەنگە قايتقان دوكتور (MDphD) ،پىروفىسسور،دوكتور يىتەكچىسى ،مەملىكەت بۇيىچە ئون مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى .مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن_تېخنىكا خادىمى ، پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە تۈمەنلىگەن (بىرىنجى ،ئىككىنجى قاتلام )ئىختىساس ئىگىسى ،«مەملىكەتلىك1.ماي ئەمگەك نەمونىچىسى مىدالى »غا ناىل بولغۇچى ،مەملىكەت بۇيىچە ۋەتەنگە قايتقان چەتئەلدە ئۇقىغان ئۇقۇغىچىلار ئىچىدە ،مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خادىم .سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قۇشقان مۇتەخەسىسى ،گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغۇچى مۇتەخەسىس ،مەركىزى كۇمىمۇت تەشكىلات بۈلىمى نۇقتىلىق ئالاقىلىشىدىغان مۇتەخەسىس ، ئاپتۇنۇم رايون بۇيىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن .ئۇ جۇڭگو تىبابىتى ،غەرىپ تىبابىتى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن تەتقىقات ساھەسىنىڭ باشلامچىسى ۋە بۇ ساھەگە ئاساس سالغۇچى .ئاپتۇنۇم رايونىمىز بۇيىچە بىردىنبىر دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر ياشلار پەن_تېخنىكا فوندىدىكى مۇتەخەسىس ،نۆۋەتتە شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ،مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئۈتەۋاتىدۇ.
پىروفىسسورخالمۇرات غۇپۇر ئىلگىرى شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىڭ پارتكوم ھەيئېتى ،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مەملىكەتلىك مىللىي تىبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك ئلىمى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۆلەتلىك دورا قاموسى ھەيئېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ،گوۋۇيۇەن ئلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى ئۇخشاش كەسىپ بۇيىچە باھالاپ بېكىتىش كۇمىتىتىنىڭ ھەيئېتى،دۆلەتلىك يىڭى دورىلارنى باھالاپ بېكىتىش كۇمىتىتىنىڭ باھالىغۇچىسى ،دۆلەتلىك قوغدىلىدىغان جۇڭگو تىبابىتى دورا تۈرلىرىنى باھالاپ بېكىتىش ھەيئېتىنىڭ ئەزاسى شىنجاڭ مىللىي تىبابىتى دورىگەرلىك ئلىمى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى. شىنجاڭ پەن_تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈتىگەن.
كۆپ يىللاردىن بېرى پىروفىسسورخالمۇرات غۇپۇر دۆلەتنىڭ تەبىئى پەن فوندى،دۆلەتلىك قوللاش پىلانى قاتارلىق 26 خىل پەن تەتقىقات تۈرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان . ئىلگىرى «خېلياڭ_خېلى پەن_تېخنىكىدا ئلگىرلەش مۇكاپاتى »،«جۇڭخۇا تىببى پەن مۇكاپاتى»،« مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر تەبىئى پەن تەتقىقات مۇكاپاتى»،«مەملىكەتلىك جۇڭگو تىبابىتى ،دورىگەرلىكى پەن _تېخنىكىدا ئالغا ئىلگىرلەش مۇكاپاتى» ،«مەملىكەتلىك جۇڭگو تىبابىتى،دورىگەرلىك ئاساسى پەن تەتقىقاتى مۇكاپاتى» ،«ئاپتۇنۇم رايون بۇيىچەپەن _تېخنىكىدا ئالغا ئىلگىرلەش مۇكاپاتى» ،شىنجاڭ تىببى پەن مۇكاپاتى» ،قاتارلىق كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك مىدىتسىناغا ئائىت كىتاپلاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان .كۆپ قىسىم ئىلمىي ماقالىلىرى خەلىقئارالىق نوپوزلۇق ژۇرنال SCIژۇرنىلىغا كىرگۈزۈلۈپ SCIژۇرنىلىغا تۇنجى بۇلۇپ ئۇيغۇر تىبابىتى ،دورىگەرلىكى ھەققىدىكى ماقالىلەرنى كىرگۈزگۈچى ھىساپلىنىدۇ .دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 9 پارچە كىتاب نەشىر قىلدۇرغان ئككى پاچە كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان .دۆلەتكە ئىلتىماس قىلىپ پاتنىتقا ئېرىشكەن تۈر18خىل بۇلۇپ 13 تۈرنى نەتىجىگە ئايلاندۇرغان .
مانا يۇقىرىقىدەك شان - شەرەپلەرنى قۇچقان، ئىلىم كۆكىدە مەغرۇر قانات قاققان ئۇيغۇر ئوغلى خالمۇرات غوپۇر يەنە بىر قېتىم شەرەپ قۇچۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ ئەلۋەتتە سىز بىلەن بىزگە ئوخشاش ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىنى سۆيىدىغان،ئۆز ئالىمىنى قەدىرلەپ، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغان ئىلىم - ئالىم شەيدالىرىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاج ئەلۋەتتە.
<< جۇڭگودىكى ئىلمىي خادىملار >> 2008 - يىللىق ئىلمىي خادىملارنى توردا بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ پائالىيەتنى تېڭشۈن تورى بىلەن باھالاش گۇرۇپپىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تولۇق ئاخىرلىشىدۇ. نۆۋەتتە دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا. قېنى سىزمۇ ئۆز ئاۋازىڭىز ئارقىلىق پەخىرلىك ئوغلانىمىزنى قوللاڭ!بېلەت تاشلاش مەنزىلى:
http://tech.qq.com/zt/2009/kexuerenwu/#topدوكتۇر خالمۇرات غوپۇرنىڭ بېلەت تاشلاش ئورنى ئاستىدىن سانىغاندا 5 - قۇردا ، يەنى بىئو - تېببىي پەنلەر گۇرۇپپىسىدا ( 生命科学与医药组 ).
دوكتۇرنىڭ بېلەت تاشلاش ئورنىدىكى رەسىمى
بىز كۆپچىلىكنىڭ بېلەت تاشلىغان تاشلمىغانلىقىنى مۇشۇ تېمىدا ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا ئاخىرقى نەتىجە بىلەن سېلىشتۇرۇشقا پايدىلىق. قېنى ھەرىكەتنى باشلاڭ!
مەزكۇر يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:
www.YusekBlog.cn