ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 22قەۋەت bilga0992 كە 2009-06-11 17:31ئەۋەتىلدى :
ھەجەپ ماختاپ كېتىپسىلەرغۇ ؟؟؟؟
بۇ زامان كۆچۈرمىكەشنىڭ زامانى بولۇپ كەتتىمۇ -قانداق ؟
رىۋايەت شىركىتىگە تەكلىپ
بۇ ئېلانىڭلارنى تېلۋېزوردا كۆرۈپ ، ھەم قىزقارلىق ھەم غەلىتىلىك ھەم ئەپسۇسلۇق ھېس قىلدىم . سىلەرنىڭ يىنىكتەكلىك بىلەن قىلغان تەنتەكلىكىڭلارغا ئاچچىقىم كەلدى . ئويلاپ بېقىڭلار بۇ سىلەرنىڭ ئىجادىيىتىڭلارمۇ ؟ ئېلان - ئۆزىدىكى ئىجادىي مەزمۇنلار بىلەن خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ . شىركەتمۇ ئۆزىدىكى يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن باشقا رىقابەتچىلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ . سىلەر "خىمەن " فىلىمىنى مانا مۇشۇنداق ئاددىيلا ئۆزگەرتىپ ، بىزنىڭ دەپ ، ئارمان شىركىتىنى قاقتى - سوقتى قىلىپ جان باقساڭلار ، قانداق بولىدۇ . بۇنداق دوپپىسى بىلەن شەپكىسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىپلا ، بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىز دېسەڭلار ..... توۋا بۇنداق ئەخمەقلىققا ، تېتىقسىزلىققا قانداق مەيلىڭلار باردى . بۇ بىر ئۆز شىركىتىنىڭ ئىناۋېتىنى چۈشۈرگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەسقۇ ؟