پاھىشە قەدىمدىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان كەسپ، بىر ئىقتىسادى ھادىسە، ئىپتىدايى جەمىيەتتىن خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك جەمىيىتىگە ئۆتكەن ۋاقىتتىن باشلاپلا ئىنسانلار ئارىسىدا پەيدا بولغان بىرخىل تۇرمۇش شەكلى، پاھىشەنىڭ ئەڭ ئومۇمىلاشقان ۋە ئەڭ ئاساسى ئىپادىسى تېنىنى پۇلغا تېگىشىش. ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس بارچە مىللەتتە، ئايرىم بىر شارائىتتا ئەمەس، تارىخنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىدە، ئاياللاردىلا ئەمەس ئەرلەردىمۇ مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ھادىسە. زويا دەك قەھرىمان قىزلار چىققان رۇسلاردىمۇ، دۇنياۋى ئىلغار مەدىنىيەتلىك سانىلىۋاتقان ئېنگىلىسلاردا بولسۇن، فرانسۇسلاردا بولسۇن ، ياپون ياكى جوھۇدى ئېۋرېيلاردا بولسۇن، ئەرەپ- پارىسلاردا بولسۇن... پاھىشىنى كەسپ قىلغانلار مەۋجۇت. دىمەك بۇ بىر ئىقتىسادى ھادىسە.
ئەلۋەتتە پاھىشىلەرنىڭ تەقدىرىگە ھىسداشلىق قىلىشىمىز بىلەن بىرگە بۇ خىل كەسپكە نەپرەتلىنىمىز، بىزلا نەپرەتلىنىپ قالماي بارچە مىللەتتىكى كىشىلەر نەپرەتلىنىدۇ. ئىچكىرىدە كۆرىۋاتىمىز، يۇقۇرى يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان پاھىشىلەرلا ئەمەس، رۇستىن كورىيەلىكتىن ھەتتا... ھەرخىل مىللەتنىڭ پاھىشىلىرىنى تاپقىلى بولىدىكەن.
پاھىشىلىك بىر ئىقتىسادى ھادىسە ئىكەن بۇنى ئومۇمى مىللەتكە، ئومۇمى مىللەتنىڭ تەقدىرىگە ياكى قىممەت قارىشىغا يۈكلىۋېلىش، ياكى مىللەتنىڭ زەئىپلىشىۋاتقانلىغىغا سىمۋول قىلىۋېلىش مېنىڭچە تازا لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
فرانسۇزلاردا داڭلىق بىر مىللى قەھرىمان " مۇقەددەس قىز جېئان"( Jeanne d'Arc--- 圣女贞德) ئىسىملىك بىر تارىخىي شەخس ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنى پۈتۈن يورۇقلۇقتىكى فرانسۇزلار مۇقەددەس بىلىپ ياد ئېتىشىدىكەن. بەلكىم فرانسۇزدىن چىققان قاراڭغۇلۇقتىكى چاكىنا ، پەس كىشىلەر ( خۇددى ھەرقانداق مىللەتلەردە مەۋجۇت بولىۋاتقىنىدەك) بۇ مۇقەددەس قىزنىڭ ئىسمى قويۇلغان پاھىشە توغۇرلۇق سېرىق فىلىملەرنى، ياكى چاكىنا رومانلارنى يازغان بولىشى مۈمكىن. لېكىن بۇنى فرانسىيە قانۇنى سورايدۇ، شۇ ئىسىمنى خۇددى سىمۋوللۇق يوسۇندا قويىۋېلىپ ئەدىبى تىپ يارىتىدىغانلارنى :" مىللىتىمىزنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلدىڭ" دەپ قاماققا ئالىدۇ.
ئەمدىلىكتە رىندان، سىزگە مۇشۇ مۇنبەردىكى كىچىك بالىلار پەقەت بىرخىل گاڭگىراش، ئېسەنكىرەش ھىس قىلىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشى مۈمكىن. لېكىن سىزگە ھازىرچە قانۇن يوق، شۇڭا خاتىرجەم يېزىۋەرسىڭىز بولىدىكەن.
چۈنكى سىزگە ئايان. " نازۇگۇم" بۇ ئىسىمنى مەيلى قانداقلا سۈيئىستىمال قىلىڭ، بىز پەقەت غەزەپلىك ھىسسىياتىمىزنى، ياكى " ياخشى يېزىپسىز" دەپ قويۇشتىن باشقا سىزنى ھىچقانداق تەقىپ قىلالمايمىز، ئەرز قىلساق ( مەسىلەنگە ئالايلى
) بۇ توغۇرلۇق قانۇن يوق، ھىچكىم سورىمايدۇ. سىز بۇنى چوڭقۇر چۈشىنىسىز.
...