سىز بۇ تېمىنىڭ 548 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: مائارىپىمىز نىمە ئۈچۈن چىقىش يۇلى تاپالمايدۇ؟ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

turditohti
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 58030
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 654
شۆھرەت: 714 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6634 سوم
تۆھپە: 111 نۇمۇر
ياخشى باھا: 173 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1714(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 مائارىپىمىز نىمە ئۈچۈن چىقىش يۇلى تاپالمايدۇ؟

                                                  تۇردى توختى

مائارىپنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بۇلۇپ،ماھىيەتتە دۇنيادا مائارىپقا چېتىلمايدىغان ھىچقانداق كەسىپ ۋە ھىچقانداق يەككە ھەركەت بولمىسا كېرەك.(ئەلبەتتە بالىنىڭ ئانىنى ئىمىشىگە ئوخشاش ھەركەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا)
مائارىپمىزنىڭ تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق دىن بىلەن سىياسەت مائارىپىمىزغا ئەڭ زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ،مائارىپىمىزنىڭ تەرەقىيادى ۋە چىقىش يۇلىنى تۇسۇپ،مائارىپ تارىخىمىز ۋە نەتىچىلىرىمىزنى ئۈزۈپ قويغان.
  مەسىلەن: بىز دىننىي تارىخىمىزنى ئەسلەيدىغان بولساق مىللىتىمىز ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ بىرنەچچە دىنغا ئېتىقات قىلغان ياكى ئېتىقات قىلغان دىنىدىن ۋاز كەچكەن.مانى دىنى-يۇرۇقلۇق ئاساسى مەنبە قىلغان دىن،نېستىرۇيان دىنى-ماريەنى ئىلاھى ئانا دەپ ئىتىراپ قىلماي،خىرىستوسنى ھەم ئىلاھ ھەم ئادەم(پەيغەمبەر) دەپ قارايدىغان دىن،تويىن دىنى-تەرىقەت دىنى، بۇددا دىنى -بۇتنى ئىلاھ دەپ ئۇلۇغلايدىغان دىن ،ئىسلام دىنى...قاتارلىقلارغا ئېتىقات قىلغان بۇلۇپ،بۇ دىنلارنىڭ ئالمىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ،مەدىنىيەتىنىڭ زەنجىرسىمان باغلىنىپ تەرەققى قىلىشىنى ئۈزۈپ قويغان،بۇ دىگەنلىك ئۇيغۇرلار ھەر بىر دىننى دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن مەدىنىيەت ۋە مائارىپ نەتىچىلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ ماڭغان.
بۇ ئاساسەن مۇنداق ئىككى خىل كۈچنىڭ قۇدرىتىدىن بولغان.بىرسى دىننىڭ بىرىنى يەنە بىرى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشتەك ئىنكارچىلىق كۈچى(دىننىي كۈچ)،يەنە بىرسى بولسا دىننىي ھاكىمىيەتنىڭ ئالدىنقى دىنلار ياراتقان بارلىق نەتىچىلەرنىڭ ئىزىنى يۇقۇتىۋېتىشقا چۈشۇرگەن پەرمانلىرى (دىننىي سىياسەت).بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى بىزنىڭ بۇنداق يىنىكلىك بىلەن قىلغان مەدىنىيەتنى يوقۇتۇش ھەركەتلىرىمىز ،خەلىقنى نادان قۇيۇش بىلەن بىرگە شانلىق تارىخى ئىزىمىزنى ئۈزۈپ قۇيۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغاندىن كىيىنمۇ مائارىپىمىز ۋە مەدىنىيىتىمىزگە بىر قىسىم سۇپىي-ئىشانلارنىڭ پەتۋالىرى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىپ،مىللىتىمىز ياراتقان بۇددا مەدىنىيەتىگە ئائىت كىتاپ-ماتىرياللارۋە يىتىشكەن ئالىملارغا نىسپەتەن ئېغىر تالاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن(بۇنىڭدا بەك ئۈزۈن توختالمىساممۇ بۇ ئىشلار ھەممىزگە تۇنۇشلۇق)
  نىمە ئۈچۈن بۇگۇنكىدەك زامانىۋىلاشقان دەۋرىدىمۇ مائارىپىمىز چىقىش يۇلى تاپالمايدۇ؟
مەن بۇ مەسىلىنى يۇقارقى مەسىلىلەر ئاساسىدا تۈۋەندىكى ئىككى تەرەپتىن ئوترىغا قۇيۇپ ئۆتىمەن.
  1.يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيادىغا توسقۇنلۇق قىلىش مەسىلىسى
   مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدىمۇ بەك تەپسىلى توختىلىپ كەتمەيمەن،بۇنىڭ مائارىپنىڭ تەرەققىيادىنى چۈشەپ، ئورنى ۋە رۇلىنى خۇنۇكلەشتۈرىۋەتكەن ئەھۋالىنى ئازراق ئوترىغا قۇيۇپ ئۆتەي.
   مۇشۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇنداق ئۈچ قېتىملىق پاجىئەنى ئىككى قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىش كەلتۈرۈپ چىقاردى.بىر ئوبدان ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى قوللىنىپ كىلۋاتقان ئۇيغۇرلار بىرىنچى قېتىملىق لاتىن يېزىقىنى ئۇيغۇرلاشتۇرۇپ قوللىنىش ھەركىتىدە پۇتۇنلەي ئۇيغۇر ساۋاتسىزلىرغا ئايلىنىپ مىللەتنىڭ مەدىنىيەت ساپاسى بىراقلا چۈشۇپ،مىللىتىمىز يارالغاندىلا قالاق،ياۋايى مىللەت ئىدى دىگەن <<شەرەپلىك>>نامغا ئىرىشتى.ئىككىنچى قېتىم 1982-يىلدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەركىتى بۇلۇپ ئۇ مۇنداق ئىككى خىل پاجەنى مىللىتىمىزگە ئاتا قىلدى. بۇنىڭ بىرى 10نەچچە قوللۇنۇلغان لاتىن يېزىغى ئاساسىدىكى ئۇقۇتۇش بىراقلا يىمىرىلىپ يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېڭىدىن ساۋاتسىز قىلىپ قويدى.يەنە بىرسى بولسا مەكتەپلەر مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقىنى ئۆزگەرتىشتەك ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كىلىش بىلەن بىرگە يەنە يېڭى ساۋاتسىزلارنى ئۇقۇتۇشتەك ۋەزنى ئېغىر،قىلىش تەس بولغان يەنە بىر خىل خىزمەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى...
  2.مىللى مائارىپىمىزدىكى ئىسلاھاتلارنىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ يوق بۇلۇشى
   يېقىنىقى يىللاردىن بىرسى بۇلۇپمۇ 1990-يىللاردىن كىيىن مائارىپىمىزدا ئارقا-ئارقىدىن مائارىپ ئىسلاھاتلىرىنى قارىغۇلارچە قوللىنىپ،بىرەر قېتىملىق ئىسلاھاتنىڭ نەتىچىسىنى راست گەپ قىلغاندا ھىچقانداق بىر ئەۋلات ياكى مائارىپ خىزمەتچىلىر ۋە ياكى ئىسلاھ قىلىشنى ئوترىغا قويغان ئىسلاھاتچىلار كۈرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدى.
نىمە ئۈچۈن مائارىپىمىزدا يولغا قۇيۇلغان ئىسلاھتلار مائارىپىمىزغا چىقىش يۇلى تېپىپ بېرەلمەيدۇ؟
بۇ نوختىنىمۇ ھۈكۈمەتنىڭ، شەخسىنىڭ(تەسىرى زور شەخسىلەر) ئارزۇسىنى چىقىشى قىلىپ،ئوترىغا قۇيغان سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقاردى.چۈنكى دۆلىتىمىزدە قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش تۇلۇق ئەمەلگە ئاشمىغان،سىياسەت بىلەن باشقۇرلىدىغان دۆلەت بۇلۇپ،ھەرقانداق بىر مەمۇرى باشلىقنىڭ كىتىپ بېرىپ دەپ قويغان گىپى دۆلىتىمىز قانۇنلىرىدىن ئۈستۈن ئابرۇيغا ئىگە بۇلۇشتەك رىياللىق مەۋجۇت بولغاچقا مائارىپىمىز قانۇنىيەتنى بۇزۇپ ئاشۇ يانچۇق سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ئۈزىنىڭ چىقىش يۇلىنى تېپىشتەك رىياللىقتىن مۇستەسنا بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.
بىز تۈۋەندىكى رىياللىقا قاراپ باقايلى
  90-يىللارنىڭ بېشىدا يولغا قۇيۇلغان نىشانلىق ئۇقۇتۇش (ئۇقۇتقۇچى سىنىپقا دوسكا يۇدۇپ كىرىپ ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇقۇتۇش)ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى مائارىپىمىزنىڭ نەتىچىلىرىنى يوققا چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتائۈزىنىڭ رۇلىنى نامايەن قىلالمىدى.چۈنكى ئۇ ئۈزىنىڭ رۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ بولغۇچە يەنە بىر سىياسەتنىڭ تەسىرى بىلەن ساپا مائارىپى مەيدانغا چىقىپ،نىشانلىق ئۇقۇتۇشنىڭمۇ،ئەنئەنىۋى ئۇقۇتۇشنىڭمۇ ھەممە تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلىپ،ئوخشىمىغان ئوبىكتىغا قارىتا ئوخشىمىغان تەربىيەنىڭ رۇلىنى كۈچەيتىپ،ھەم ئۇقۇغۇچىنىڭ خاسلىغىنى ھەم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى ساپالىق قىلىش نىشانىنى ئوترىغا قۇيۇپ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر قەدەر ئەركىنرەك ئىزدىنىپ،دەرس ئۆتىشىنى تەلەپ قىلغان بۇلۇپ،ئۇقۇتقۇچىلار ئەمدىلەتتىن بىر ئازادىچىلىك ھىس قىلىپ بولغۇچە،يېڭى دەرس ئىسلاھاتى دەيدىغان يەنە بىر ئىسلاھات يىتىپ كىلىپ،ئۇقۇتقۇچىلارغا چىرايلىق نوقتا ياساپ شۇنى ئۇلارغا سېلىپ قويدى.بۇنداق نوقتا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجدىھات بىلەن دەرس تەييارلىشى ۋە ئۈتۈشىدىكى قىزغىنلىققا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ساپا مائارىپى دىگەن ئەندىزىنى سۇسلاشتۇرۇپ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كاللىسىنى قاتماللاشتۇرىۋەتتى.ئەمدى بۇ قېلىپقا كۈنۈپ قالىلى دىۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلارغا <<قوش تىل>>ۋەسۋىسىسى چۈشۈپ،مەكتەپلەردە قوش تىل ئۇقۇتۇشى يولغا قۇيۇلۇپ،مىللى ئۇقۇغۇچىلار خەنزۇچە سوزلىيەلەيدىغان ھالەت بارلىققا كەلسىلا بۇ نەتىچە دەپ قارىلىۋاتىدۇ.ئۇيغۇرچە ساپاسى بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوقتەك ۋەزىيەت بولىۋاتىدۇ.تەبىكى قوش تىل ئۇقۇتۇشى رايۇنىمىزدا يۇز بەرگەن مائارىپ ئىسلاھاتلىرىنى ئۈزۈنغا قالمايلا بىزگە ئۇنتۇلدۇرۇدۇ...(بەزى تەتقىقاتچى ۋە مائارىپ مەمۇرىلىرى يۇقىردىكى ئىسلاھاتلارنى ئاقلاپ،ئۇ مائارىپىمىزدىكى تەرەققىياتنىڭ ئۇمۇمى جەريانى،بىرى-بىرىنى تۇلۇقلايدۇ،ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈشمەكتە)
  يۇقىردىكىسى ھەممىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن رىياللىق.مائارىپىمىز مۇشۇنداق يېڭىدىن باشلاشتەك تەكرارچىلىقنىڭ ئاسارىتى ۋە يانچۇق سىياسىتىنىڭ قۇربانى بۇلۇپ تۇرىۋاتسا،ئۇ قانداقمۇ ئۈزىگە خاس خاسلىقنى يارتىپ،ئۈزىنىڭ چىقىش يۇلىنى تاپالىسۇن.

پايدىلانغان ماتىريال:نۇرمەھەممەت توختىنىڭ<<ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئېتىقات قىلغان دىنلىرى>>دىگەن ماقالىسى

ئۆز يازمام
[ بۇ يازما turditohti تەرپىدىن2009-05-29 12:08دە قاي ]

شەبنەم ناخشىسى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-29 11:53 |
ئىزنا سودا بازىسى
BAOAN
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 56380
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1649
شۆھرەت: 1650 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 16490 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 602(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

يېڭى  يازغان  تىيمىكەن  بۇنىڭغا  مائارىپچىلىرىمىز  بىر  نەرسە  دىسۇن ئەڭ  ياخشىسى  ئالتۇننى  زەگەر  سوققان  تۇزۇك     

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 12:00 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
كۆراگان
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69298
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 86 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 436(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

بۇ ئۇلۇغ ،دانا ماۋجۇۇشى ئاتىمىزنىڭ توھپىسى ئىكەنغۇ؟ مەن بىرماقالىدا بۇنى ھىس قىلدىم ،كۆپلەپ يېزىق ئىسلاھاتى قىلىش مىللەتنىڭ مەدنىيىتىنى يۇقۇتۇشنىڭ ئۇنۇملۇك ئۇسۇلى بۇلۇپ،شۇ مىللەتنى ئاسمىلاسسىيە قىلىپ يۇقۇتۇشنىڭ بىرتۇرلۇك چارىسى .شىنجاڭ جۇڭگۇ تەۋەلىكىگە ئۆتكەندىن كىيىن ماۋزىدۇڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىقىنى قوللۇنۇپتىكەنمىز ،بۇ مەخسەتلىك قىلىنغان سىياسىي تەشەببۇس بۇلۇپ ،ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ تىلىنى ،مەدنىيىتىنى يۇقۇتۇش ،ئاسمىلاسسىيە قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىي بولغان ،شۇ ۋاقىتتا ھاكىمىيەت تۇتقان ئۇيغۇر لىرىمىز بۇ نىڭ ئارقىسىدىكى نىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلمىگەن ئىكەن .كىيىن ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن مەرگەز ياخشى چاق بۇلۇش ئۇچۇن قەدىمكى يېزىقىمىزنىئەسلىگە كەلتۇرۇپ بىرىپتىكەن .ھازىرقى بىرتۇركۇم ئۆزىنى زىيالىي تەتقىقاتچى دەپ چاغلايدىغان دۆلەت سىياسىيۇنلىرى بۇنى مەرگەزنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتنىڭ نامۇۋاپىقلىقى دەپ يەكۇنلەپتۇ.تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز ،مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 12:17 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
yalangayaq
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 89115
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 138
شۆھرەت: 138 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

بىراق نۆۋەتتە يېزىق ئىسلاھاتى قىلمايمۇ بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 13:05 |
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
MUSAJAN3477
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 35122
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 79
شۆھرەت: 80 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 227(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

ئوقۇتۇش مىتودى ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر مەزگىللىك جاپالىق ئىزدىنىش جەريانى   ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.قوش تىل سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلار  ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. تىل بىلىدىغان  ئوقۇتۇش مىتودى يېتىلمىگەن، بىر تۈركۈم ياشلار ئوقۇتۇش سىپىگە كىرىپ ئوقۇتۇش  پائالىيەتلىرىدە رول ئويناۋاتىدۇ. تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلار تىل سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش جەريانلىرىغا يېتەكچىلىك قىلالمايدىغان ئەھۋالدا تۇرىۋاتىدۇ.  بۇ ئەھۋال سەھرا مەكتەپلىرىدە تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ ، سىياسەتكە ئاۋاز قوشۇپ  قوش تىلنىڭ نىمىلىگنى چۈشەنمەي ،قوش تىل سىنىپلىرىنى ئارقىمۇ -ئارقىدىن ئېچىۋىلىپ ، ئوقۇغۇچىلار 2-،3-يىللىققا چىققاندا  قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى يىتىشمەي ئادەتتىكى سىنىپقا ئايلاندۇرىۋالدى . يىزىلاردا  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 95 تى بالىلىرىنى خەنزۇ سىنىپقا بىرىۋىتىپ ،مىللى سىنىپلاردا بالىلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتتى دەپ نومۇس قىلماي زارلىنىدۇ.

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 13:17 |
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
MUSAJAN3477
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 35122
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 79
شۆھرەت: 80 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 227(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

بىز ۋە بىزنىڭ بالىلىرىمىز تەجىربە ئوبۇكتى بولۇپ كېتىپ بارىدۇ.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 13:20 |
شەبنەم ناخشىسى
ASMITULLAA
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41181
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 235
شۆھرەت: 237 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 238(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

بىزلەرنىڭ سۆزىمىزنى قىلىدىغان بىرەر باشلىقنىڭ بولماسلىقىدىن، باشلىقلىرىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇنى  بويىچە ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ئېغىزىدىكى يېڭى پەيدا قىلغان قانۇنى ئارقىلىق ئىدارە قىلغان بولغاچقا، بىزنىڭ ھالىمىز بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدى. بەلكىم بۇنىڭدىن كىيىن بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەر بىزنى قۇچىقىنى يوغان ئېچىپ كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندۇ. چۈنكى بىز تەرەققى قىلساق بولمايدۇ، كەلگۈسى پەرزەنتلىرىمىز بىلىملىك بۇلۇپ كەتسە تېخىمۇ بولمايدۇ. مانا بۇ ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدىغان ھەقىقەت.
چەتئەللەردە ھەممە مىللەت ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بىلەن ساۋاتلىق بۇلۇپ ئاندىن باشقا تىل ۋە بىلىملەرنى ئۆگەنمىسە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىلمى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ زور نەتىجىلەر قازىنىلغان بولسىمۇ، لىكىن رايونىمىزدا بىر قىسىم باشلىقلىرىمىز ئۆزلىرىنى جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قۇشىۋاتقان قىياپەتتە كۆرسىتىپ مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. كەلگۈسى پەرزەنتلىرىمىز تېخىمۇ بەك ساۋاتسىز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، چۈنكى ئۆزىمىزنىڭ جان بىلەن كىرگەن تىل يېزىقى بىلەن ئاران ساۋاتلىق بۇلىۋاتسا، نەدىكى ئۆزلىرىمۇ بىلىپ بۇلالمايدىغان باشقا بىر يېزىقنى ئۆگۈنىسەن دەپ مەجبۇرلىسا ئەلۋەتتە ساۋاتسىز بۇلۇپ قالىدۇ. بەلكىم ئىلگىركىلەردىن بەكىرەك ساۋاتسىز ھالەت شەكىللىنىشى مومكىن.

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 14:07 |
شەبنەم ناخشىسى
tursun88
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 73780
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 162
شۆھرەت: 162 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1620 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

ماروداغا ئوخشاپ قالدۇققۇ بىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 14:54 |
kimbildi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 89920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 51 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

مەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ، بىزنىڭ مائارىپىمىز زادى نىمە ئۇچۇن راۋاجلانمايدۇ؟
سوئالنىڭ سالمىقى ھەقىقەتەن ئىغىر، كۆپ قىسىم گەپلەرنى ئىغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ،لىكىن شۇنەرسە ئىسىمىزدە بولسۇنكى :يارىتىش ئاللادىن بولسا يارىلىش ئۆزىمىزدىن...قاچانغىچە باشقىلاردىن رەنجىپلا يۇرىمىز...
تارىخ داڭلىق شەخىسلەرنى يارىتىش بىلەن بىرگە پەسكەش ئادەملەرنىمۇ بىللە يارىتىدۇ..........

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 16:24 |
kaspi2008
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 90844
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

رەخمەت سىزگە.
ھەقىقەتەن مائارىپىمىز ئىغىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.
قوش تىل بىز ئۇيغۇرلاغا قارىتىلغان يوقۇتۇش سىياسىتى.
يوقالسۇن ئاتالمىش قوشتىل!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!               !!!!!!!!!!

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 16:39 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 7736
شۆھرەت: 7980 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 858997339 سوم
تۆھپە: 142 نۇمۇر
ياخشى باھا: 321 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1766(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

مىنىڭچىمۇ تۇيتۇق يولغا كىرىپ قالدىمىكىن

./read.php?tid-62328.html
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 18:51 |
tewelgha
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 73538
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 160
شۆھرەت: 160 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 694(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

مېنىڭچە يېڭى ئۇيغۇر مائارىپى ھەقىقىي مەنىدىن ئىسلاھ قىلىش باسقۇچىنى بىشىدىن ئۆتكۈزمىدى .
ئىسلاھات ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ناھايىتى زورۇر بولغان باسقۇچ،ئىسلاھات بولمىسا تەرەقىيات بولمايدۇ .خۇددى چاچ ئۈچۈن  تارغاق زورۇر بولغىنىدەك .تارغاق بولمىسا چاچ چىگىش بولۇپ كىتىدىغىنى ئىنىق . بىزنىڭ مائارىپىمىز  دۆلەت مائارىپى 8 قىتىملىق ئىسلاھات بورىنىنىڭ ھەر بىر قىتىمىدا ،پەقەت 1-2 بال شامالنىڭ تەسىرىگىلا ئۈچرىدۇق خالاس.دۆلەت مائارىپى ئىسلاھاتنىڭ ئىدىيە ،نىشانلىرى خەنزۇ مائارىپى  ئۈچۈن  زور بۇرۇلۇش ،نەتىجىلەرنى ئىلىپ كەلگىنى بىلەن (گەرچە ئۆزلىرى ئانچە رازى بولمىسىمۇ)،بىزدە ھىچقانچە تەسىر پەيدا قىلالمىدى. بىز60 يىلدىن بىرى چوڭ پادىغا ئەگىشىپ، يىتىم قوزىدەك نىشانسىز تەمتىلەپ  مېڭىپ،پۇرسەت ۋە ۋاقىتنى قولدىن بىرىپ قويدۇق  .(ئىنىقىنى ئىيتقاندا  ئوقۇتقۇچىلىرىمىز 50-يىللاردا شەكىللىنىپ ،ئادەتكە ئايلانغان كونا سوۋىت مائارىپ  ئوربىدىسى بويىچە ھەركەتلەندى،زامان ،ماكان تەلىۋىگە لايىقلىشالمىدۇق ) .شۇڭا مائارىپ سۈپۈتىمىزدىكى پەرىق تەدرىجى چوڭلاپ كەتتى.ئاخرىدا قوش تىل مائارىپىدىن ئىبارەت زور توپان بالاسىغا  ئۇچرىدۇق.
ئەمدى..................

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 18:54 |
MALIKAY
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 87129
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

مېنىڭمۇ ئەندىشەم شۇ ئىدى.بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىز <<قوشتىل ئوقۇتىشىنىڭ>>قۇربانى بۇلۇپ كېتەرمۇ؟

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 21:24 |
زةپةر406
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 91256
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 157
شۆھرەت: 157 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

Quote:
بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىyalangayaqنىڭ2009-05-29 13:05 دە يوللىغان يازمىسى   :
بىراق نۆۋەتتە يېزىق ئىسلاھاتى قىلمايمۇ بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.

سىزچە قانداق قىلساق بۇلار،يېزىقىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يەنە باشقا يېزىق ئىشلەتسەك بەك خۇش بۇلۇپ كىتىدىغان ئوخشىمامسىز،سىز بىلگەن يېزىقىنى باللىرىڭىز بىلمىسە قالتىس ئىش بۇلدىكەن ھە؟!

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 22:00 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 7736
شۆھرەت: 7980 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 858997339 سوم
تۆھپە: 142 نۇمۇر
ياخشى باھا: 321 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1766(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

مىللى مائارىپىمىزنى تۇيۇق يولدىن ئېلىپ چىقىدىغانلار بىر كۈنلەردە چىقىپ قالا، پارتىيىمىز ھەممىگە ئادىل

./read.php?tid-62328.html
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-30 12:52 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » مائارىپ ۋە بىز
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-30 15:01, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ