شىنخۇا ئاگىنىتلىقى تىھران تىلىگىراممىسى، ئىران ئاخپارات تىلىۋىزىيە كانىلىنىڭ تۈنۈگۈن تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا ئىران شەرقىدىكى شەھىستانەيى بەلۇجىستاننىڭ مەركىزى زاھىدان شەھرىدە بىر مەسچىد پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مەسچىتتە ئىبادەت قىلىۋاتقان كىشىلەردىن 20كىشى نەخ مەيداندا قازا قىلىپ 55كىىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىدار بولدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا پارتلاشتىن كىيىن قۇتقۇزغۇچىلار ۋە قوغدۇغۇچىلار يىتىپ كىلىپ كىشىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغان.پارتلاش مەسچىت قۇرۇلىشىنى زىيانغا ئۇچراتقان. تېخى ھازىرغىچە ھىچبىر تەشكىلات بۇ ھۇجۇمنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى جاكارلىمىدى.
ئىراننىڭ شەرقى قسىمى پاكسىتان ۋە ئافغانسىتان بىلەن چىگرىلىنىدىغان بۇلۇپ دۇنياغا داڭلىق ''ئالتۇن ھىلال ئاي '' زەھەر ئىشلەپچىقىشىرىش رايۇنىنىڭ ياۋرۇپاغا مال يۆتكەيدىغان ئېغىزى ھىساپلىنىپ كەلگەن. بۇ جاينىڭ خەۋىپسىزلىك ۋەزىيىتى ئىزچىل ناچار بۇلۇپ ئافغانىستاننىڭ كونتۇرۇلسىز رايۇنلىرىدا ياسالغان ئەپيۇن ۋە خىرۇئىن ئەتكەسچىلىرىمۇ بۇ رايۇندا تىنىچسىزلىق ئامىللىرى يارىتىپ تۇرىدىكەن.
http://news.sina.com.cn/w/2009-05-29/025317909011.shtml[ بۇ يازما yalangayaq تەرپىدىن2009-05-29 11:39دە قاي ]