ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى، شىمالىي كورىيىگە يېڭى ئىمبارگولارنى يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى
خەلقئارا جەمئىيەت، بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا يەر ئاستى يادرو سىنقى ئېلىپ بارغان شىمالىي كورىيە (چاۋشەن)گە قارشى ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى، شىمالىي كورىيىگە يېڭى ئىمبارگولارنى يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە پرىنسىپ جەھەتتىن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىمبارگولار ئىچىدە بۇ دۆلەتكە ھەر تۈرلۈك قوراللارنى سېتىشنىڭ چەكلىنىشى، دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ توختىتىلىشى ۋە ئىقتىسادىي تەدبىر قاتارلىق بار ئىكەن.
ئىككى كورىيىنى (شىمالىي ۋە جەنۇبى كورىيىلەر) ئايرىپ تۇرىدىغان قورالسىز رايوندا داۋالغۇشلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شىمالىي كورىيىنىڭ كورىيە ئۇرۇشىنى خاتىمە بەرگەن ئۇرۇش توختىتىش ئەھدىنامىسىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، جەنۇبى كورىيە ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە كۈچلىرى سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى كۈچەيتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، شىمالىي كورىيىنىڭ يەر ئاستى يادرو سىنقىنىڭ، 2006- يىلىدىكى يادرو سىنىقىغا سېلىشتۇرغاندا، 5 ھەسسە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مەنبە:
www.trt.net.tr