سادام ھايات بولسا ئىسرائىليە گازاغا ھۇجۇم قىلماس ئىدى
0 يەر شارى ۋاقىت گىزىتنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى لى چىيۇ خېڭ خەۋەر قىلىدۇ:ئىسرائىلىينىڭ گازاغا قۇزغىغان ھەربى ھەركىتگە خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى.ھازىرغا قەدەر 702ئادەم ئۈلۈپ 3000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.سابىق ئېراق ھاكىميىتدىكى ئىككىنچى نۇمۇرلۇق شەخىس ئىبراھىم 6-يانۋار ئۇھسىنغان ھالدا ئەگەرسادام ھايات بولسا ئىسرائىليە گازاغا ھۇجۇم قىلىشقا پىتنالماس ئىدى دىگەن.
ئىسرائىليە دۆلەت زىمىن گىزىتنىڭ 7-يانۋار خەۋەر قىلشىچە نۈۋەتتە يەنىلا قىچىپ يۈرگەن ئىبراھىم قاتار تىلىۋىزىيە ئىستانسى 6-يانۋار ئاڭلاتقان سىن لېنتىسدا گازا ۋەزىيىتى تۇغرۇلۇق مۇنداق دىگەن ؛ئەگەر سادام ھايات بولغان بولسا ئىسرائىليە گازاغا ھۇجۇم قىلىشقا پىتنالماس ئىدى .
گازادىكى ئەرەپلەرگە قارىتا چىكىدىن ئاشقان قىرغىن قىلىش بولسا ئېراق ۋە مىللى رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە رەھبىرى قەھرىمان سادام ھۈسەيىننىڭ يوق بولغانلىقنىڭ نەتىجىسى .بىز جەڭدە سىلەر بىلەن بىللە ،گازا غەلىبە قىلىدۇ،ئاللا سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقىلغاي.
ئىبراھىم شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:ئەگەر ئامىرىكا ئېراقتى قۇشۇن چىكىندۈرسە ،ھۈكۈمەتكە قارىشى قۇراللىق كۈچلەر ئامىرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
يېرىم ئارال تىلىۋىزىيە ئىستانسى ئىبراھىمنىڭ سىن لېنتىسنىڭ قانداق كەلگەنلىكنى چۈشەندۈرمىدى ھەم راستلىقنىمۇ ئىسپاتلاشقا ئامالسىز قالدى.
ئىبراھىم ئىلگىرى ئېراق ئىنقىلابى قۇماندانلىق كومتىتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ،ئېراق قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى ،شىمالى ئۇرۇش رايوننىڭ قۇماندانى بولغان.ئۇ ھازىر ئامىرىكا تۇتماقچى بولغان ئەڭ مۇھىم قاچقۇن .ئامىرىكا ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن 10 مىليۇن دوللار ئىنئام ئاجراتقان.
http://news.qq.com/a/20090107/000728.htm