سىز بۇ تېمىنىڭ 430 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: (غۇلجا) ئۈمىد مەكتۋىنى  قۇرغۇچى شەخىسلەر2 پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

arteken
ئوغلۇم ئەلقۇت
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 19860
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1539
شۆھرەت: 7000030 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 44922369 سوم
تۆھپە: 279 نۇمۇر
ياخشى باھا: 265 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 833(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

 (غۇلجا) ئۈمىد مەكتۋىنى  قۇرغۇچى شەخىسلەر2


ئابدۇرېھىم ئەيسا 2- ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخىدا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان پىشقەدەم مائارىپچى، ئىستىداتلىق مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ بىرى. 1909- يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىغا قاراشلىق ئۇيغۇر رايون (ناھىيە) غالجات يېزىسىدا تۇغۇلجان. دەسلەپتە غالجات يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، كېيىن ئالمۇتىغا كېلىپ زارۋات مەكتىپىدە ئوقۇغان .

  ئابدۇرېھىم ئەيسا 1928- يىلى ئائىلىسى بىلەن ئىلى ۋىلايىتى چاپچال ناھىيە يۇقىرقى جاغىستاي يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقنى ئويغىتىش، پەننىي مەكتەپ ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان .   1933- يىلى جاغىستايدىكى ھېزىزەم ئاخۇن ئوقۇتقان 32 بالىدىن بىر سىنىپلىق (تولۇقسىز ئوتتۇرا 1- يىللىق سەۋيىسىدىكى) مەكتەپ ئېچىپ، ئۇ بالىلارغا پۈتۈنلەي پەننىي دەرس ئۆتكەن.   1934- يىلى جاغىستايدا ئالتە سىنىپلىق بىرلىك مەكتەپ قۇرۇلغاندا ئابدۇرېھىم ئەيسا مەكتەپ مۇدىرى بولغان . ئابدۇرېھىم ئەيسا 1935- يىلى غۇلجا شەھېرىگە يۆتكىلىپ كىرىپ، ئۈمىد مەكتەپتە 1936- يىلغىچە ئوقۇتقۇچى، 1936- يىلدىن 1937- يىلغىچە ئىلمىي مۇدىر، 1937- يىلدىن 1941- يىلغىچە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇ ئۈمىد مەكتەپتە خىزمەت قىلغان مەزگىللىرىدە مەكتەپ دائىرسىنى كېڭەيتىش، تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، ياراملىق شاگىرتلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. ئابدۇرېھىم ئەيسا ئەينى چاغدا مەرىپەتپەرۋەر زات، مەكتەپ ئاتىلار كومىتېت ئەزاسى ئابدۇللا خەمىدىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 1941- يىلى ئۈمىد مەكتەپنىڭ نوۋىگوردتىكى 2- شۆبە مەكتىۋىنىڭ ئورنىدا خانىم قىزلار ھۈنەر مەكتىپىنى قۇرۇپ چىققان . بۇ مەكتەپكە ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئايالى مۈنجىيە خانىم مەسئۇل بولغان .

   ئابدۇرېھىم ئەيسا 1942- يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ قىزلار ئوتتۇرا مەكتىۋىدە خىزمەت قىلغان . 1943- يىلدىن 1945- يىلغىچە ئۈرۈمچىدىكى يەر ئاستى ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. شېڭ شىسەي بىلەن گومىنداڭنىڭ تۈرمىلىرىدە ياتقان، 1946- يىلى 11 بېتىمگە ئاساسەن تۈرمىدىن چىقىپ ئاقسۇدىكى سايلام ھەركىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن 1- دەرىجىلىك ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغان . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى، <<شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە دېمۇكىراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى>> نىڭ باش كاتىپى بولغان . ئازادلىقتىن كېيىن، 1958- يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ۋالىيسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋېىن ئوبلاسىت باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان .

ئۆمەرجان يۈسۈپ ئەينى يىللاردا غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن مەرىپەتۋەر زاتلارنىڭ بىرى ، شۇنداقلا ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى. ئۇ 1893-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن يېڭىچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ بىلىم ئالغان. كېيىنچە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1928-يىلى توغرا كۆۋرۈكتىن ئۈچ دەرۋازىغا كۆچۈپ چىققان. شۇندىن ئېتىبارەن << ئۈمىد مەكتەپ >> ئاتىلار كومىتىتىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى بولغان ۋە مەكتەپنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغان.  1929 -يىلى ئۆز ئىقتىسادى بىلەن ھازىرقى 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنىغا تۆت سىنىپ سېلىپ ئۈچ دەرۋازا مەكتەپنىڭ شۆبە مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن. ئەينى يىللاردا قۇدۇق قېزىش، كۆۋرۈك ياساش، تاشيول ياساش قاتارلىق جەمىيەت پاراۋانلىقىغا دائىر ئىشلارنى تەشكىللەش، ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى بىجانىدىل ئىشلەپ ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان . ئۇ يەنە ئۇ- قا -ق (ئۇيغۇر ،قازاق ،قىرغىز) كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ يۈكسىلىشىگە كۈچ چىقارغان .

1949-يىلى دادامتۇدىكى 50 مولۇق باغ يېرىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەش لاگىرى قىلىشىغا ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن .

ئۇ 1959-يىلى غۇلجا شەھەرلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئوبلاستلىق، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسى مەسلىھەت كېڭەشلىرىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .1967 -يىلى ۋاپات بولغان.

رەسىم يوق

ئابدۇراخمان خۇدا بەردى 1894- يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . بۇ چاغلاردا دادىسى خۇدا بەردى موللام (خەلپىتىم) غۇلجا مەدرىسە مەكتىپىدە مۇئەللىملىك قىلاتتى . ئابدۇراخمان ئوقۇش يېشغا يەتكەندە، دادىسى خەلپەتلىك قىلىدىغان مەدرىسە مەكتەپتە ئوقۇغان .     1908- يىلى 14 ياشقا كەلگەندە، مۇسابايوفلارنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيىگە ئوقۇشقا چىقىپ، 1915- يىلىغىچە (21ياش) ئىستامبۇل ئالىي مەكتىپىدە ئوقۇغان . ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاتۇشقا بېرىپ، ئېكساق<<ھۈسەينىيە>> مەكتىپىدە ئۈچ يىل (1918-يىلغىچە) ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. شۇندىن باشلاپ، ئابدۇراخمان ئەپەندى دەپ ئاتالغان ۋە <<شادى>> دېگەن ئەدىبى تەخەللۇسنى قوللىنىدىغان بولغان .     1918- يىلى ئىلىغا قايتىپ كېلىپ، شۇ يىلىدىن باشلاپ ئەلا باي مەسچىتى يېنىدىكى مەكتەپ ۋە توغرا كۆۋرۈك مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1920- يىلىدىن باشلاپ 1935- يىلىغىچە غۇلجا مەدرىسە يېنىدىكى يەتتە يىللىق يېڭىچە مەكتەپتە ۋە ئۈچ دەرۋازا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن . 1928- يىلدىن 30- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بۈلغان غۇلجىدىكى يېڭىچە مائارىپ ھەركىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى بولغان . ئۇ ئەينى يىللاردا يېڭىچە پەن- مائارىپنى قىزغىن تەرغىپ قىلىپ، خۇراپاتلىق جاھالەتكە قارشى تىغمۇ -تىغ كۈرەش قىلىپ، يېڭى مائارىپ ھەركىتىنىڭ قەيسەر جەڭچىسىگە ئايلانغان. غۇلجىدا تۇنجى بولۇپ تەنتەربىيە، ئىزچى پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەن ۋە تۇنجى بولۇپ پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرغان . ئۇ مۇتەئەسسىپلەرنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن بىر قانچە قېتىم قولغا ئېلىنغان . 1935- يىلى يەنە شۇنداق سەۋەپ بىلەن قولغان ئېلىنىپ، 1937- يىلى ئۈرۈمچىدە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە قۇربان بولغان .


ھۈسەيىن بەگ يۈنۈسوف 1890- يىلى غۇلجا شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1898-يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان . 1906- يىلىغىچە غۇلجا شەھەر توغرا كإۋرۈكتىكى ۋە شەھەر ئىچىدىكى يېڭىچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1907- يىلى يۇنۇس ئاكا ئوغلى ھۈسەيىن بەگنى يەتتە سۇغا ئوقۇشقا چىقارغان. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ، بىر مىللەتنىڭ پەن- مائارىپ تەرەققىياتىدا مەتبەئەچىلىكنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ، ۋەتەنگە قايىتقاندا مەتبەئەچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنى كإڭلىگە پۈككەن . 1918- يىلى ئوقۇشنى تۈگىتىپ قايتىشىدا بىر مەتبەئە ماشىنىسى، ھەرپ قۇيۇش ماشىنىسى ۋە بىر نەچچە خىل ھەرپ قېلىپى سېتېۋىلىپ ، كۈرەگە ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئىلىدا تۇنجى يېڭى مەتبەئە ماشىنىسى بارلىققا كەلگەن . ھۈسەيىن بەگ 1919- يىلى كۈرەدە << ھۆرسۆز >> ناملىق گېزىت نەشر قىلىپ، گېزىتنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئإزى ئۈستىگە ئالغان. كەسپىي ئىشلارنى پازىل يۇنۇس ئىككىسى ئىشلىگەن .1920- يىلى ئۇ مەتبەئەسىنى كۈرەدىن غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، ھازىرقى شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئارقىسىدىكى مەھەللىگە ئورۇنلاشتۇرغان. ھۈسەيىن بەگ غۇلجىغا كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن مەتبەئەچىلىك بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېڭىچە مەكتەپلەرنى قوللاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان  . 1924 - يىلى ھۈسەيىن بەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۈچ دەرۋازا مەكتەپتە ئاتىلار كومىتىتى قۇرۇلغان. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۈچ دەرۋازا( ئۈمىد) مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ، تەلىم- تەربىيە، ئوقۇش قوراللىرى، مەكتەپ قۇرۇلۇشى، تۈرلۈك رېمۇنت ئىشلىرى، ئوقۇتقۇچىلار تەمىناتى، يېتىم- يىسىرلارغا ياردەم قىلىش جەھەتلەردە يۈكنىڭ ئېغىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۈمىد مەكتەپنىڭ شەھەر بويىچە نەمۇنىلىك مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلۇشىغا ئإچمەس تإھپە قوشقان . ھۈسەيىن بەگ 1928- يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۈمىد مەكتەپكە يېڭىچە مائارىپ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زاللىق قىلىپ بەش سىنىپ، بىر ئىشخانا سالدۇرۇپ بەرگەن . ھۈسەيىن بەگ تەرەققىپەرۋەر مەرىپەتچى، جامائەت ئەربابى بولۇپلا قالماي، ماھىر سەنئەتچى ۋە سەنئەت يېتەكچىسى ئىدى ، ئۇسۇلنى ناھايتى چىرايلىق ئوينايتتى. ئاتىلار كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، ناخشا- ئۇسسۇل ۋە بىر - ئىككى پەردىلىك دىرامىلارنى تەييارلاپ كوپچىلىككە ئويۇن كۆرسىتىشكە يېتەكچىلىك قىلاتتى . ئۇ ئاشۇنداق سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىلى تىياتىرچىلىقىنىڭ ئاساسىي قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . ھۈسەيىن بەگ 1935- يىلى 4- ئايدا شېڭ شىسەي ئاچقان ئاۋام قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ قايتىپ كېلىۋېتىپ، يولدا ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان. مەرھۇمنىڭ جەسىدى غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە پۈتۈن شەھەر خەلقى زور قايغۇ ئىچىدە دەپنە قىلغان . 1936- يىلى ھۈسەيىن بەگ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەپ، <<ھۈسەينىيە>> ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنغان . بۇ كىتابتا ھۈسەيىن بەگنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرىغا يۈكسەك باھا بېرىلگەن. شۇ قېتىمقى خاترىلەش يىغىنىدا، ھۈسەيىن بەگنىڭ <<ئۈمىد>> مەكتەپكە سىڭدۈرگەن تۆھپىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەكتەپ نامى <<ھۈسەينىيە مەكتىپى>> گە ئۆزگەرتىلگەن. ھۈسەيىن بەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، 1935-يىلى 5- ئايدا ھۈسەيىن بەگنىڭ ئايالى زۆھرە ئاپپاي ھىلالىدىن ھاجىم، ۋاققاس ھاجىملار بىلەن بىرلىشىپ، <<ھۈسەيىن يۇنۇسوپ مەتبەئەسى>> پايچىكلار شىركىتى قۇرغان. 1935-1936 - يىللىرى مەتبەئەنىڭ تىجارىتى روناق تېپىپ، شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ 100 مىڭ نۇسخا ئېلىپبەسىنى بېسىپ بەرگەن.

كېۋىر نىياز 1921- يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1933- يىلىدىن 1937- يىلغىچە ئۈمىد مەكتەپتە، 1937 يىلدىن 1939- يىلغىچە ئىلى  مىللەتلەر گىمنازىيىسىدە ئوقۇغان. 1939- يىلدىن 1944- يىلغىچە ئانا مەكتىپى ئۈمىد مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچى، ئىلمىي مۇدىر، مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئۈمىد مەكتەپتە ئىشلىگەن ئاشۇ يىللاردا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ يېتىلىشى، مەكتەپ تەلىم- تەربىيە سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى جەھەتلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن .ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ نازارىتى، ئىلى ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمە، ئىلى تىياتىرى، مەدەنىي ئاقارتىش بۆلۈملىرىدە مەسئۇل خىزمەتلەردە بولغان . ئازادلىقتىن كېيىن غۇلجا رادىئو ئۇزىلى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، ئىلى تىببىي مەكتەپلەردە ئىشلىگەن . 1985- يىلى دەم ئېلىشقا چىققان .  كېۋىر نىيازنىڭ ھاياتى ئىلىنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ سېپىدە بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ ئۆتكەن ھايات . ئۇ ھەم شائىر، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋە ئازادلىقتىن كېيىن ئويغىنىش تېمىسىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ خەلقنى يېڭى دەۋىرگە يېتەكلىگەن. 50- يىللاردا ئۇنىڭ بىر شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان . كېۋىر نىياز ئىلى دىيارىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن نەشر بويۇملىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ ساقلىغان كىتاپ ، ژورنال، گېزىتلىرى ۋەقوليازما ماتېرىياللىرى سانىنىڭ كۆپلۈكى، سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى ، دەۋرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئالاھىدە داڭلىق ئىدى . لېكىن، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەجىرى بىلەن يىغقان ماتېرىياللىرى ئىككى قېتىم ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان . بىرىنچى قىتىمدا، 1940- يىلى شېڭ شىسەي زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈيدىكى يىغقان پۈتۈن كىتاپ،  گېزىت - ژورنال، قول يازما ماتېرياللىرى بۇلاپ كېتىلگەن . ئىككىنچى قېتىمدا، كېيىن يىغقان بىر نەچچە مىڭ پارچە كىتاپ، گېزىت- ژۇرناللىرى 1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا قىزىل قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈۋېتىلگەن . ئۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىنمۇ بۇ ھەۋىسىدىن توختاپ قالمىغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان كىتاپ، گېزىت - ژورناللار يەنىلا ئۇنىڭ كىتاب جاۋەنلىرىدە بىر قەدەر تولۇق ساقلانغان دېيىشكە بولىدۇ .

مەنبە :http://nazim.blogbus.com

تېما تەستىقلىغۇچى : qumqazi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-29, 02:27

 

شەبنەم ناخشىسى
كىچىكىپ كەلگەن باھارنىڭمۇ ئۆزگىچە لاتاپىتى بولىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-29 10:26 |
ئىزنا سودا بازىسى
BAOAN
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 56380
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1649
شۆھرەت: 1650 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 16490 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 602(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

ھەممىسى  داڭلىق  شەخىسلەركەن،توھبىسىمۇ  چوڭ-مەڭگەۇ  قەدىرلەش  ھەم  ھورمەتكە  سازاۋەر  ئۇيغۈر  پىشىۋالىرىمىزكەن     

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 10:40 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
arteken
ئوغلۇم ئەلقۇت
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 19860
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1539
شۆھرەت: 7000030 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 44922369 سوم
تۆھپە: 279 نۇمۇر
ياخشى باھا: 265 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 833(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

 

ئۆتكەنلەرنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىش -نەتىجىلىرىنى قەدىرلەش ئادىمىلىكنىڭ ئەڭ ئاددى ئۆلچىمى . بۇ ئۆلچەمگىمۇ چۇشمىگەن كىشىنى قانداقمۇ ئادەم دىگىلى بولسۇن

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
كىچىكىپ كەلگەن باھارنىڭمۇ ئۆزگىچە لاتاپىتى بولىدۇ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 11:05 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
ALi-music
ئەلى ئاخنىياز
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 13318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1067
شۆھرەت: 1078 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 880(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

مەن بىلمەيدىكەنمەندۇق سىزگە رەخمەت  

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 11:13 |
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
_Malika_
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29977
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1125
شۆھرەت: 1131 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2147483647 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 988(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

غۇلجا!!غۇلجا!! ھەقىقەتەنمۇ مەرىپەت باغۋەنلىرى كۆپ جاي!! تارىختىن بۇيان ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان بىلىم ئىگىلىرىگە ھەقىقەتەن قول قويىمەن

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 13:55 |
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
zulmat0999
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 26683
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 490
شۆھرەت: 491 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4546 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1342(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

مەن  مۇشۇ  مەكتەپتە  ئوقىغان

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 17:43 |
شەبنەم ناخشىسى
مةرية
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 82946
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 84(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

مەنمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان.......

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 22:02 |
شەبنەم ناخشىسى
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 7736
شۆھرەت: 7980 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 858997339 سوم
تۆھپە: 142 نۇمۇر
ياخشى باھا: 321 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1766(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

بۇنداق شەخسلەر ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك

شىنجاڭ تور مەكتىپى
./read.php?tid-62328.html
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 22:33 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » مائارىپ ۋە بىز
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-30 15:01, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ