ئىناق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، <ئوت يۇرتى>نىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز
_تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دېڭ يۈمىڭ، شەھەر باشلىقى پەرھاد توختىنى زىيارەت --
<ئوت يۇرتى>دېگەن نامى ۋە ساياھەتچىلىكتىكى ئەۋزەللىكى بىلەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تونۇلغان تۇرپان شەھىرىنىڭ 17-قۇرۇلتاينىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى قانداق ئىشلەش توغرىسىدىكى يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى پىلانلىرىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە مۇخبىرلىرىمىز تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دېڭ يۈمىڭ، شەھەر باشلىقى پەرھاد توختىنى زىيارەت قىلدى.
دېڭ يۈمىڭ مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت بويىچە <قوش ھىمايە قىلىش>تىكى نەمۇنە شەھەر،<دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەر>، جۇڭگودىكى <مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى>دېگەن بىر قاتار شان - شەرەپلەرگە ئېرىشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، سانائەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىكىدە داڭلىق ماركا يارىتىش، ساياھەتچىلىكنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىناق تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىش تەپەككۇرىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. بۇ يىل شەھەر بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %18.05 ئاشىدىغانلىقى، دېھقان چارۋىچىلار كىشى بېشى كىرىمىنىڭ 4577 يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 498 يۈەن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. شەھىرىمىزگە نىسبەتەن، نۆۋەتتىكى مەركىزىي مەسىلە پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قانداق تەتبىقلاپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى. 17-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ ھەرىكەتتە، 17-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشتە، تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى <دوكلاتنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات تەپەككۇرلىرىنى يەكۈنلەپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىچە ئىلگىرىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش>تىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى چۆرىدەپ، قانداق تەرەققىي قىلىش ئاساسىي لىنىيىسى بويىچە ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق. بىز قۇرۇلتاي روھى ۋە مەركەزنىڭ ھۆججىتىنىڭ روھى بويىچە ئىشلىرىمىزنى ياخشى پىلانلاپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.
پەرھاد توختى قانداق قىلغاندا تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز سانائەتلىشىشنى نۇقتا، يېڭى يېزا بەرپا قىلىش بىلەن ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىككى قانات قىلىپ، تۈرلەرنى يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قىلىپ، تۈر كىرگۈزۈش، تېخنىكا ئۆزگەرتىش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا كۈچ سەرپ قىلىمىز. <ئىخچام، سەرخىل بولۇش>نى شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز؛ <ئىككى رايون، بىر بەلباغ>تەرەققىيات رامكىسىغا ئاساسەن، سانائەت رايونلىرىنى لايىھىلەش، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، كۆمۈرچىلىكنى قايتا تەشكىللەپ، كۆمۈر سانائەت كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؛ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىقلىرىنى ئېچىشقا جەلپ قىلىپ، ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ ۋە زورايتىپ، كان بايلىقلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈملىرىنى بايقاش، بىر تۈركۈملىرىنى ئېچىش، بىر تۈركۈملىرىنى تەييارلاش تەپەككۇرىغا ئاساسەن تۈرلەرنىڭ تېزراق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
يېزا ئىگىلىكى جەھەتتە <10چوڭ ئىستراتېگىيە>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شەھەر، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك مۇلازىمەت تورىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارغا يۈزلىنىپ، دېھقانلارنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپلىشىش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئالاھىدە باغۋەنچىلىك قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ، بايلىق، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچىنى ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن سانائەتلىشىشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىمىز.
ساياھەتچىلىكتە <چوڭ ساياھەتچىلىك، چوڭ كەسىپ، چوڭ تەرەققىيات>تەپەككۇرىنى چىقىش قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت، بوستانلىق ئېكولوگىيىسى، مەخسۇس ساياھەت قاتارلىق ئۈچ يۈرۈش ساياھەت قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ۋىلايەت يولغا قويغان <بىر بېلەت تۈزۈمى>گە ئاكتىپ ماسلىشىپ، تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرىمىز. شەھەر يوللىرىنى ئۆزگەرتىپ ياساش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش يوللىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قاتارلىق شەھەر مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشلىرىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىمىز. شەھەر ئىچىدىكى بەش ئاساسلىق يولنى قايتىدىن ياساش تۈرى شەھەر مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بىر تۈر بولۇپ، بۇ تۈر كېلەر يىلى 3 - ئايدا باشلىنىپ 7 - ئاينىڭ ئاخىرى تاماملىنىدۇ. بۇ يوللارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى سەككىز مېتىردىن 16مېتىرغا كېڭەيتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، زېھنىي كۈچ، مالىيە كۈچىنى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ياشاش مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىناق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، <ئوت يۇرتى>نىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
كېلېش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى