@ قىز ، ئىشىنەمسەن؟ كىرپىكىڭدىكى ياش ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى نازۇك قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى پاك مۇھەببەتنىڭ ، غۇبارسىز سۆيگۈنىڭ جۇلاسى. ئۇ تاڭ سەھەردىكى گۈل بەرگىسى ئۈستىدىكى بىر تامچە شەبنەم. يېگىت ، ئىشىنەمسەن؟ كۆزۈڭدىكى ياش بولۇمسىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس ، بەلكى يېگىتلىك غورۇرۇڭغا ، چىن ھېسياتىڭغا ئورۇلغان خەنجەر ياكى پىغانىڭنىڭ تەپكىن ئىپادىسى.
@ كىشلەر يالغۇزلۇقتىن ھەممىدىن بەك قورقىدۇ، ئەمما مەن يالغۇزلۇقنى ھەممدىن بەك ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى، مەن ئاشۇ يالغۇزلۇقتا مۇستەقىل ئالغا باسىمەن، مۇستەقىل پىكىر قىلىمەن، شۇنداقلا ئۆزۈمگىلا تەئەللۇق بولغان نەتىجە يارىتالايمەن. مەن توغۇلغاندىمۇ يالغۇز ئىدىم، كۆز يۇمغاندىمۇ يالغۇز بۇ دۇنيا بىلەن خوشلۇشىمەن.
@ ئايرىلىش مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىشنىڭ يارىشىغى بولمىغىنىدەك، مەھرۇم بولۇشمۇ قايتا كەلمەسلىكنىڭ يارىشىغى ئەمەس. مەھرۇم بولغاننى قايتۇرۋېلىش كېرەك، ئىگە بولغاننى قەدىرلەش كېرەك.
@ مۇھىم نەرسەڭ يېنىڭدا بولغاندا ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ھەم مۇھىملىقىنى ھېس قىلالمايسەن. سەن پەقەت ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا ئاندىن ئۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلىسەن، ئەپسۇس ، مىڭ ئەپسۇس، سەن ئۇنى تولىمۇ كېچىكىپ ھېس قىلغان بولىسەن. چۈنكى مۇھىم نەرسەڭ قانچە تىز يۇقاپ كەتكەن بولسا ، شۇنچە تەس قايتىپ كېلىدۇ.
مەنبە : كۈندىلىك خاتىرەم 3- بۆلۈم ( تۈندىكى ھېسلار) |