ساردىن قوغدىنىش
بۇ ئويۇننى ئون نەةچچەة بالا بىرلىشىپ ئوينايدۇ. ئۇلار مەةيداننىڭ ئوتتۇرىدىن بىر يەرنى پەةللەة قىلىپ ياسايدۇ. ئاندىن بالىلاردىن بىرسى «سار» قالقانلىرى «چۆجەة» بولىدۇ. چۆجىلەةر مەيداندا دانلاشقا باشلايدۇ. سار شۇ چاغدا پەةللىدىن چىقىپ دانلاۋاتقان چۆجىلەرگەة قاراپ ئېتىلىدۇ. ئۇ ئىككى قولىنى كەةڭ كېرىپ ھەةم پۇلاڭلىتىپ (سارنىڭ ئۇچۇشىنى دوراپ) چۆجىلەرنى «چىل... لىگ... لىگ... لىگ... لىگ... ...»دةپ قوغلايدۇ. چۆجىلەةر سارنى كۆرۈش بىلەنلا ھەةر تەةرةەپكەة پىتىراپ قېچىشقا باشلايدۇ، سار قوغلپ يۈرۈپ قايسى چۆجىگەة يېتىۋالسا، شۇنى شىللىسىدىن تۇتۇپ پەةللىگەة ئېلىپ كېلىدۇ-دەة، يەةنەة باشقىلارنى قوغلاشقا باشلايدۇ. (چۆجەة بولغان بالىلار پەةللىنى ئايلىنىپ قاچىدۇ، يىراق يەةرگەة قاچمايدۇ) شۇنداق قىلىپ سار تا چۆجىلەرنى تۇتۇپ بولغىچەة ئويۇن داۋاملىشىدۇ.
چۆچۈرة قاينايدۇ
بالىلار دۈگلەك بولۇپ تىزىلىدۇ. ئارىدىن يېشى چوڭراق بىرسى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ-دەة، چۆچۈرة تۈگۈش ھەةركىتىنى قىلىدۇ. ئەةتراپتا دۈگلەةك بولۇپ تۇرغان بالىلار ئۇنى ئايلىنىپ قوشاق ئېيتىدۇ:
چۆچۈرة قاينايدۇ،
ئانىكام بەرمەةيدۇ.
بەةرمىسەة بەةرمىسۇن ،
ئىشىكنى تاقاپ يىسۇن.
ئالقانلىرىم بار،
پىيازلىرىم بار.
ئاق تامدا،
كۆك تامدا،
زىلەةيخانىڭ بېغىدا،
بىر تال ئالۇچا.
ئالۇچىغا قونۇپتۇ،
بىر توپ سۇڭگۈلچا.
سۇڭگۈلچانىڭ پۇتلىرى
بوغۇم- بوغۇمكەةن.
بويۇنلىرى ئالىبالداق،
تۇغۇم- تۇغۇمكەن.بالىلار قوشاقنى ئېيتىپ بولۇپ، گۈررىدەة ئانىنىڭ قېشىغا يىغىلىدۇ-دةە:
- چۆچۈرة پىشتىمۇ؟- دةپ سورايدۇ. ئانا
- پىشتى، مەن ئاچچىقسۇ ئەةكىلەةي،- دةپ ماڭىدۇ.بالىلار ئانا كېتىشىگىلا ئانىنىڭ چۆچۈرىسىنى يەةۋالىدۇ. ئانا بىر دەةمدىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ-دەة، بالىلارنى قوغلايدۇ. بالىلار پىتىراپ قاچىدۇ ئانا ھەممىسىنى بىر-بىرلةپ تۇتۇپ: «سەةن قانچەة چۆچۈرة يىدىڭ؟» دةپ سورايدۇ ھازرىقى بالىلىرىمىز بۇ ئويۇننى بىلمەيدۇ. مەنمۇ بۇ يىل 16 گە كىردىم مەنمۇ مۇشۇ ۋاقىتقىچە چۆچۈرە قاينايدۇ دەيدىغان ئويۇننىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. بۇ تىما ئوماق بالىلىرىمىزنىڭ خەلىقئارا بىرىنچى ئىيوندىكى بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ يوللان تىما
www.xabnam.com
مەنبە: سەلكىن تورى
[ بۇ يازما ئۈمۈد007 تەرپىدىن2009-05-29 21:57دە قايتا ]