« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1122 - كۆرۈرمىنى
sabiha
bbs.xabnam.com
ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 12131
نادىر تېما : 15
يازما سانى : 1078
شۆھرەت: 1397 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11129 سوم
تۆھپە: 1038 نۇمۇر
ياخشى باھا: 653 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 772(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

 باياۋان بىلەن سۆھبەت

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما saadat تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-05-29)
باياۋان بىلەن سۆھبەت




ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! شەبنەم مۇنبىرىدىكى ئەزىز تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟

شەبنەمدىكى تىما چولپىنى باياۋان بىلەن بالىلار بايرىمى يىتىپ كىلىش پەيتلىرىدە باياۋان ئۇكامنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىغا ئۆز - ئارا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەشكەچ ، قىسقا ئۇچۇر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق . قىزىقساڭلار ، نەزىرىڭلار 15 كۈندە بىر قېتىم ئىلىپ بىرىلىۋاتقان شەبنەم تورداشلار سۆھبىتىنىڭ 51- سانىدا بولسۇن :



ئەسالامۇ ئەلەيكۇم باياۋان ئۇكام
سۆھبىتىمىزنى سىزنىڭ تەرجىمىھالىڭىزدىن باشلىساق قانداق ؟


ۋائەلەيكۇم ئەسسالام سەبىخە ھەدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، شەبنەم مۇنبىرىدىكى بارلىق دوسىتلار ، مەن ئەزالار زىيارىتى سەھىپىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سانىدا ھەممىڭلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن .
مةن 1982-يىلى7-ئاينىڭ 15-كۈنى قاراقاش ناھىيسىدە دۇنياغا كةلگةن . تةكلىماكاننىڭ باغرىغا جايلاشقان بۇ ئانا يۇرت مصنى زور كۆپ نةرسىلةرگة مۇيةسسةر قىلدى ، مةن كىچىكىمدىن باشلاپلا كىتاپ ، گصزىت - ژۇرناللارنى ئۇقۇشقا ناھايىتى ئامراق ئىدىم ، بۇلۇپمۇ تارىخ –جۇغراپىيىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرگەندە بېلىق سۇغا ئۇلاشقاندەك بۇلۇپ كىتەتتىم .كىچىكلىكىتىن باشلانغان ئائىلىۋى ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيىسى ، قويۇق ئەنئەنىگە ئىگە ئىجتىمائى مۇھىت مېنى ئىشچان ، ئىلىمخۇمار ، زىيالى سۈپەت كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇشقا ئامراق قىلىپ تەربىيلىدى . يازى قاتتىق ئىسسىق ، قىشى قەھرىتان سوغۇق بۇلىدىغان تەكلىماكان قوينى كىشىلەرنى راسىتچىلىققا ، بىر-بىرىگە ھەمدەم بۇلۇشقا ، چىدامچانلىققا ، ئاددى-ساددىلىققا ئۈندەيدۇ . مەن بالىلىق دەۋىرلەردىن باشلاپلا ئىجتىمائى پەنلەرگە قاتتىق ھەۋەس قىلىمەن. بالىلىقتا كىلاسسىكلاردىن شەيىخ سەئىدىنىڭ گۈلىستان ، نەسرىددىن رابغۇزىنىڭ " قىسسەسۇل ئەنبىيا " ، "چاھار دەرۋىش " ، " ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى " قاتارلىقلارنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ ئەدەبى مۇھىتتا ئۈزۈپ يۈرگەن ئىدىم . مېنىڭ كىچىكىمدىن باشلاپلا ئۇقۇتقۇچىلارغا بەك ھەۋەس قىلاتتىم ۋە مېنىڭمۇ چوڭ بولغاندىن كىيىن مۇشۇنداق بىر جاپاكەش باغۋەن بۇلۇپ ، ياش نوتىلارنى تەربىيلەش ئارزۇيۇم داۋاملىق ۋۇجۇدۇمدا غەلىيان كۈتۈرەتتى . بۇ ئارزۇيۇم ئاخىرى ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك قىلاتتى .1995-يىلى 8-ئايدا تۇلۇقسىزدىن ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمى پەن كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغاندىكى خوشاللىقنى دىمەيلا قۇياي ، شۇنداق قىلىپ بۇ مەكتەپتە ئۈچ يىل ئۇقۇدۇم . بۇ جەرياندا مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ياشلىق مەزگىلدىكى بىر ئۆمۈر تەپەككۇر ، ئادەمنىڭ ھاياتى پائالىيىتىدە قوماندانلىق رول ئوينايدىغان دۇنيا قاراش تىكلەش باسقۇچى بولدى .
مەن بۇ ئانا مەكتىۋىمىزدىمۇ بېكىتىلگەن دەرسلىكلەردىن كۆپراق ۋاقتىمنى يەنىلا تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى كىتاپلارنى ئوقۇشقا قاراتتىم . مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىدىن ئىشقىلىپ ئىسمىنى ئاڭلىغان كىتاپلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تولۇق تېپىلاتتى . مەن بۇ ئۈچ يىللىق ئۆمرۈمنى ھەرخىل رومان ، پوۋېسىت ، ھېكايە ، تارىخلار بىلەن تولغان چوڭ توپلاملارنى ئۇقۇش ، تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن ۋاسكىتبول ئويناش ، يېقىن دوسىتلار بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن كۈڭۈللۈك ئۆتكۈزدۇق .
1998-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە تۇغۇلغان يېزامغا يەنە كىلىپ باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلندىم . تا ھازىرغىچە مۇشۇ مەكتەپتە ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن . بۇ كۆزنى يۇمۇپ –ئاچقۇچە بولغان 11 يىلدا ئىككى قارار ئۇقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇپ بولدۇم . ئالدى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇيدۇ .كەينىدىكىلىرىمۇ تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولدى .مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۈرۈدىغىنىم كىتاپ ئوقۇش ، ۋالىبول ئويناش ، ناخشا ئېيتىش ۋە دىيارىمىزنىڭ ئىلگىرى بارمىغان ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەت قىلىش . مەن ئارتۇقچە مال-دۇنيانى ئۆزگە يۈك ، پەقەت كىشىگە ھاجىتىڭ چۈشمىسە ، كۈنۈڭ خاتىرجەم ئۆتسە ئەڭ ياخشى دەپ قارايمەن . كۆرەلمەسلىكنى ، باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن گەپ-سۆز تارقىتىشنى بەك ئۆچ كۆرىمەن .



سىز قانداق بولۇپ ئۇيغۇرچە تور مۇنبەرلىرىگە ئىشتىراك قىلىپ قالدىڭىز ؟ ئۇيغۇرچە تور مۇنبەرلىرىگە ئىشتىرك قىلغاندىن بۇيان خىزمەت ، تۇرمۇشلىرىڭىزدا قانداق تەسىرلەر بولدى ؟

1996-يىللىرى مېنىڭ پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم بۇلۇپ ،ئەينى ۋاقىتتا پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ھەرقايىسى كەسىپلىرىگە كومپىيۇتېر مەشغۇلاتى دەرسلىكى تەسىس قىلىنغان ئىدى ، Windows95 مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلىۋاتقان ، كومپىيۇتېرنىڭ باشلانغۇچ دەۋرى ئىدى ، بىزنىڭ سىنىپقا كومپىيۇتېر دەرسى بېرىدىغان خالمۇرات ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىمىز بۇلىدىغان ، ئۇ بىزگە كومپىيۇتېردىن نەزەرىيە دەرسى ئۆتكىلى كىرگەندە كومپىيۇتېر ۋە تور بىلىملىرى ھەققىدە شۇنداق تەسۋىرلەيىتتىكى -، بىز ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ، گويا كومپىيۇتېر بىلەن دۇنيادىكى ھەممە ئىشنى ھەل قىلىۋەتكىلى بۇلىدىغاندەك بىر تۇيغۇغا كېلەتتۇق . مەشغۇلات دەرس ۋاقتىمىزمۇ ناھايىتى قىس بۇلۇپ ، ئايدا ئىككى قېتىمدەك ، ئىككى سائەتتىن كومپىيۇتېر مەشغۇلات ئۆيىگە كىرىپ ، كوماندىلارنى ئىجرا قىلىش ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى بېسىشنى ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلارنى بىلىشكە باشلىغان .
بىراق ، كومپىيۇتېرنى كۈرۈپ ، بۇ ھەقتە دەرس ئاڭلاپ ، مەشغۇلاتلارنى قىلىپ يۈرگەن بولساقمۇ ، ئۇۋاقىتتا كومىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ، مەشغۇلات سىستېمىلىرى تەرەققى قىلمىغان ، ئۇيغۇرچە دېتاللار بولسا يوقنىڭ ئورنىدا بولغاچقا بىز ئوقۇغۇچىلارغا كومپىيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىش ئۇنى ئەمىليەتتە ئىشلىتىش بەك قىيىن ئىش بىلىنەتتى ، ھەتتا بىر-بىرىمىزگە : كومپىيۇتېر بىز ئىشلەيدىغان يېزا-سەھرالارغا بېرىپ بولغىچە ساقال ئەستاغپۇرۇللاغا يېتىدۇ ، ئاڭغىچە پىنسىيە يېشىغا تۇشۇپ مەكتەپتىن چىقىپ كىتەرمىز دەپ ، خام خىيال قىلىپ يۈرگەنىكەنمىز .
ئارىدىن ھەش-پەش دېگۈچە 6-7 يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ئۇنداق ئاسان ئىش نەدە بولسۇن ؟ جەمىئەت ، دۇنيا جۈملىدىن دىيارىمىز ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى ، ئېلىكترون ، ئۇچۇر دەۋرى مىسلىسىز يۈكسەلدى . كىشىلەر ئىلىمگە ئىنتىلىدىغان ، ھەممە ئىشلارنى ، كەسىپلەرنى ماشىنا ئارقىلىق بېجىرىدىغان ، بىر تەرەپ قىلىدىغان ھال شەكىللەندى . كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بارغانچە كېڭىيىپ ، ئالەم قاتنىشى ، سۈنئىي ھەمرا ، ئاتوم ...قاتارلىقلاردىن باشلاپ تاكى ئائىلىلەرگىچە كومپىيۇتېردىن ئايرىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا بېرىپ يەتتى .
قوليازما دەۋرى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئاستا-ئاستا ئېلىكترون ، ئۇچۇر ئەسلىھەلىرى دەۋرىگە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى . دېمەك ، تۈرلۈك تەتقىقات ، مائارىپ ، نوپۇس ، پىلانلىق توغۇت ، پوچتا ، توك سودا-سانائەت ...قاتارلىقلار كومپىيۇتېرنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ، راۋاج تېپىش قەدىمىنى پۇختىلاش ئۈچۈن ئاساس قىلدى .
كومپىيۇتېر ھەتتا يىمەك –ئىچمەك ، كىيىم-كېچەك ، تىككۈچىلىك ، كەشتچىلىك ...ساھەلىرىگە قەدەر بۆسۈپ كىردى .
مەن 2002-يىللىرىدىن باشلاپ ناھىيىگە ، شەھەرگە بارغان ۋاقىتلاردا تورخانىلارغا كىرىپ ناخشا ئاڭلاش ،چۈشۈرۈپ ساقلاش ، كىنولارنى كۈرۈش ، ئويۇن ئويناش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن ، تەدرېجى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، تەرەققى قىلغانسېرى مۇنبەرلەرنى ئارىلاپ ، مۇنبەرلەرگە يوللانغان تېمىلارنى بىر-بىرلەپ كۆرىدىغان ، ھەتتا ساقلىۋېلىپ ئەكىرىپ خىزمەت ئورنۇمدا كۆرىدىغان بولدۇم .
بۇنىڭدا ئاساسلىقى –شېئىرلار ، يېڭى خەۋەرلەر ، ياخشى يېزىلغان پوۋېسىت، ھېكايە ، مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى ، مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخى قاتارلىقلار ئاساسى ئورۇندا تۇراتتى .
بۇلارنى ئوقۇپ ، ئانالىز قىلىپ ، ئىلگىرى ئوقۇغان كىتابلارنىڭ مەزمۇنلىرى بىلەن سېلىشتۇراتتىم . دوستلىرىمغا كۆرسىتىپ يۈرگەن ئىدىم . ئۇنىڭدىن باشقا كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈپ ئەكىرىپ كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلەتكەن .
لېكىن بۇ ۋاقىتلاردا مۇنبەرگە ئەزا بولمىغان ، ئەزا بۇلۇشنى ھەم بىلمەي يۈرگەن . ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرى يېزىمىزغا تېلگراف شىركىتى تور سىمىنى تارتىپ رەتلىدى . ئىنتېرنېت تورىغا ئۇزۇندىن بۇيان ئىشتىياق باغلاپ يۈرگەچكە تورنى ئائىلىمىزگە ئەكىردىم . دەسلەپتە يايلاقتا قىيغىتىپ يۈرگەن تايچاقتەك ، تورنىڭ قايسى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىشنى بىلەلمەي ئۇيان-بۇيان چۆرگىلەپ يۈردۈم .ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتۈپ ، دوستۇم ikin مۇشۇ شەبنەم مۇنبىرىنى تەۋسىيە قىلدى . مەن بۇرۇن شەبنەمدىكى ياخشى تېمىلاردىن ھوزۇرلۇنۇپ يۈرگەن بولساممۇ ئەمما ، مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇشنى ئۇقمىغاچقا زىيارەتچى سۈپىتىدە كىرىپ تۇرغان . شۇنداق قىلىپ 12-ئاينىڭ 28-كۈنى شەبنەمگە يۇرتىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا « باياۋان » نامىدا تىزىملىتىپ ئەزا بۇلۇپ كىردىم .
ئەلۋەتتە ، مەن باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئەزا بولدۇم ، مەسىلەن : چىمبۇلاق مۇنبىرى ، مىسرانىم مۇنبىرى ، گۈلدەستە مۇنبىرى ...قاتارلىقلاردا ھەم بار.
ئۇيغۇرچە تور مۇنبەرلىرىگە ئىشتىراك قىلغاندىن كىيىن مېنىڭ خىزمەت ، تۇرمۇشىمدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى .

1)ئەخلاق ، كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە : باشقىلار بىلەن دوسىتلىشىش ، مۇناسىۋەت قىلىش ، ئىجتىمائى ئالاقە قاتارلىقلاردا سەمىمىي بۇلۇش ، ئاقىلانە بۇلۇشنى ئۈگەندىم ، شەبنەم مۇنبىرىدىدە يەنە بىر ھىس قىلغان تەرىپىم بۇ مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ھەر خىل ساھەدىكى سۆيۈملۈك دوسلارنىىڭ كۆپلۈكى بۇلۇپ مۇنبەردە –زىيالىيلار ، يازغۇچى-شائىرلار ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، ئىلىم سۆيەر كىشىلەر كۆپ بۇلۇشى بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىددىيىسىنىڭ ئىلغار ، سەۋىيەسىنىڭ ئۆستۈن ، جانلىق تەپەككۇر قىلىشى مىنى باشقىچە جەلىب قىلدى بۇلۇپمۇمۇنبەردىكى ، زاكىرە،توغرۇل ، ئۈمۈد007 ، ئەرك زات ، سەبىخە ، ئۇيغۇرجان ، uygurjan ، چىمبۇلاق ، ئىشەنچ ...قاتارلىق نۇرغۇن دوستلاربىلەن مەۋھۇم دۇنيادا بولسىمۇ ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئالاقىلىشىپ تۇرۇش ئارقىلىق دوسلۇق رىشتىسى مەندە شەكىللەندى. .

مەن مۇنبىرىمىزدىن كىشلىك مۇناسىۋەت ھەققىدە ھېكمەتلەر ، ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيىسى ، نادىر يازمىلاردىن تەرمىلەرنى ئوقۇدۇم ، كۆردۈم ، تورداشلىرىمىزىنىڭ بىر-بىرىگە قىلىشقان ئىززەت-ئىكراملىرىدىن سۈيۈندۈم ، تېمىلاردىن كۆرە مۇنبەردىكى يۇقۇرى سەۋىيەدىكى دوسلارنىڭ يوللىغان ياخشى ئىنكاسلاردىن تەسىرلەندىم . چوڭ سۈپەت كىشلىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۈزۈمگە ئۆرنەك قىلدىم .
سۆز قىلغاندا ئۇنىڭ سالمىقىغا ، ۋەزنىگە ، قاراتمىلىقىغا دىققەت قىلىدىغان بولدۇم .
ھەم بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك ئىككى مۇھىم ئىش بۇلۇپ بىرسى مۇنبەردىلا ئەمەس بەلكى ئەمىليەتتىمۇ كىچىكىمدىن تارتىپ بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ۋە ھازىرغا قەدەر بىر يەردە ئىنتايىن قەدىناس ئۆتىۋاتقان دوستۇم يەنى مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى ikin(ئىكىن) نىڭ بۇ مۇنبەر توغىرىسىدىكى ھەقىقى قاراشلىرى بىلەن ئۆزۈمنىڭ تۇنۇشىنىڭ بىريەردىن چىقىشى مىنى تۇلىمۇ سۈيۈندۈرىدۇ. بۇ دۇستۇمغا ھەقىقى مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ئۆتۈشىمىزگە ئىشىنچىم بار.
يەنە بىر مەسىلە شەبنەم تور رادىئۇسىنىڭ ئىككى ساندا ئىلان قىلىنغان ئىككى پارچە ماقالە بۇلۇپ مەن بۇنىڭدىنمۇ تۇلىمۇ مىننەتدار. ھەم بۇ ئىش ماڭا بەكمۇ ئىلھام بولدى. مەن بۇ يەردە ئەسىرىمنى ئاڭلاتقان تاھىر، زۇبەيدەلەرگە ، ھەم شەبنەملەرگە چىن دىلىمدىن مىنننەتدارلىقىمنى ئاددى بولسىمۇ يەتكۈزمەكچى .
قىسقىسى ، شەبنەمدىن ئىبارەت خەلقئارالىق بۇ سەھنە مەن ئۈچۈن كۆزۈمنى ئاچىدىغان بىر سورۇن بولدى .

2)تونۇشۇم ئۆستى، بىلىمىم چوڭقۇرلاشتى : شەبنەمدە ئويغانغان ، مىللەتنى سۆيىدىغان ، ئەقلى تەپەككۇرى چوڭقۇر ، يىراقنى كۆرەر بۇرادەرلەر كۆپ .
ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئەسەلىرىدە مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنى ، جەمئىتىمىزدە مەۋجۇت بۇلۇۋاتقان تۈرلۈك ئىش-ھەركەتلەر ھەققىدە ماھىيىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا تەپسىلى توختىلىپ ، ئۇنىڭ دىئاگنوزى ، ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان . شەبنەمدە ئېلان قىلىنغان ھەم قىلىنىۋاتقان تارىخ ، مەدەنىيەت ، پەلسەپە ھەققدىكى تېمىلار ئادەمنى ئىختىيارسىز ئويلنىشقا ، تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ . شېئىرىيەت ، ھېكايە ، تەرمىلەر سەھىپىلىرىمۇ ماس ھالدا تەرەققى قىلىپ ، ئادەمگە ئىستېتىك زوق ، توغرا بولغان جەمىئەت ھەققدىكى قاراش ، تەن ساغلاملىقى ، تۈرلۈك ساۋاتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ .ئۇنتۇلغان ، بىلمەي ئۆتكەن بىلدۈرگىلەرنى ئىگەللىدىم .
3) خىزمەتتىكى ئالدىراشلىق كۆپەيدى : مەسئۇل بولغان خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، مۇنبەركىرمىسەم تازا بىر نەرسە كامدەك ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم. . مۇنبەر مىنى خۇددى ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ ،
كۆزۈمنىڭ كۈرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىش سەۋەبىدىن بىر مەزگىل كىتاب –ژۇرناللارنى بېسىپ ئوقۇشقا كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالمىغان ئىدىم . بىراق ، مۇنبەرنىڭ ئىشتىياقى سەۋەپلىك ، ئەھمىيەتلىك تېمىلار بىلەن مۇنبەرداشلارنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن كىتابخانىلاردا سەيلە قىلىدىغان ، نادىر كىتابلار بولسا سېتىۋالىدىغان بولدۇم . بۇ ھەم ئۈزۈم ئۈچۈن ،شۇنىڭدەك ئەۋلاتلار ئۈچۈنمۇ پايدىلىق .
4) ئائىلىدىمۇ مۇنبەردىن ئايرىلالمىدىم : ئەتىگەن ۋە كەچتە 1-2 سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا كومپىيۇتېرنى ئېچىپلا مۇنبەرنى ئارىلاپ ، يېڭى تېمىلارغا ، چۈشكەن ئىنكاسلارغا كۆز يۈگۈرتىمەن . سىرىتتىكى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمنى تۈگىتىپلا مۇنبەرنىڭ ئالدىغا چاپىمەن . مۇنبەردىكى يىڭىلىقلار ، ئېسىل تېمىلار ، نادىر ئىنكاسلارنى مەكتەپكە بېرىپمۇ خىزمەتداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ، مۇنازىرە يۈرگۈزىمىز . ئۈزۈم ئەدەبىياتتىن ياخشى زوق ئالالىساممۇ ، بىراق ، ياخشى يازالمايمەن ، يازغانلىرىمنى مۇنبەرگە يوللىغاندىن كىيىن مۇنبەردىكى دوسىتلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ –پىكىرلىرى ئارقىلىق يىتەرسىزلىكلەرنى كۈرۈپ يەتتىم . مەزمۇن ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتىمۇ ئۆرنەك ئالدىم .
ئىشقىلىپ ، مېنىڭ ھاياتىمدا ، ئىش مەشغۇلىيىتىمدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى ، ئىلگىرىكىدەك ئەھمىيەتسىز كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى ، ئايىغى چىقماس قۇرۇق-گەپ سۆزلەردىن خالىي بولدۇم .
بىراق ، مۇنبەرگەئىشتىراك قىلغاندىن بۇيان خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا بەزى ئەكىس تەسىرلەرمۇ بولدى . مەسىلەن ، كۆپ ۋاقىتنى مۇنبەر ، تورلارغا سەرپ قىلغاچقا ، ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە بۇلۇش پۇرسىتى ئاز بولدى . ھەتتا بەزىلىرىنى نارازى قىلىپمۇ قويدۇم . ئەتىدىن كەچكىچە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىلا ئولتۇرىۋالدىكەنسىز ،-دەپ ھەممسى قاقشايدۇ .
يەنى دوستۇم ئىكىنمۇ دەپ ئۆتكەن بىزنىڭ يېزىمىزدا ياش بالىلار توپ ئويناش پائالىيەتلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ. شۇ پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك ئىتەلمىدىم. مەن بۇنى چۇقۇم ياخشى بىتەرەپ قىلىمەن.
خىزمەتتىمۇ مۇنبەرنىڭ خىيالىدا يۈرگەچكە ، سەل ئۇنتۇغاق بۇلۇپ قېلىپ ، بەزى ئىشلاردا سەل مەسئۇلىيەتسىز بۇلۇپ قالدىم .
ئەڭ مۇھىمى شۇكى ، تورغا ئىشتىراك قىلىشتا ۋاقىتنى تەڭشەپ ، پىلانلىق ، تەرتىپلىك بۇلۇش كېرەككەن ، شۇندىلا ھەممە ئىش ئۆز رېتى ، جايى بۇيىچە بۇلىدىكەن .



تور ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە قانداق قارايسىز ؟


ئىنتېرنېت تورى ئاممىۋىيلىقى ئەڭ كۈچلۈك ، ھەرخىل يېڭىلىق ۋە ئۇچۇرلارنى تارقىتىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بىللە باشقا ئەدەبىيات –سەنئەت ۋاستىلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ . ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تور ساھەسىدە مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .
تور ئەدەبىياتى ئەلۋەتتە تور دۇنياسىنىڭ مۇھىم تەشكىلى قىسمى . ئۇيغۇرچە تور مۇنبەرلىرى تور ئەدەبىياتى جەھەتتە بىخ ھالەتتىن يىڭىلىنىپ ، ئەدەبىياتنىڭ ھۈجەيرىلىرىدىن شېئىرىيەت ، پوۋېسىت ، نەسىر ، ئاخبارات ، خەۋەر-ئۇچۇر ، تەزكىرە-تەرجىمىھال ...قاتارلىق نۇرغۇن ژانېرلاردا كۆپلىگەن ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ . مېنىڭچە تور ئەدەبىياتىدا خاسلىققا ئىگە بولغان تىپىك خاراكتىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يارىتىۋاتىدۇ . ھەمدە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى داڭلىقلارنىمۇ بىردىن-ئىككىدىن مۇنبەرگە جەلپ قىلىۋاتىدۇ .جۈملىدىن تور مۇنبىرىنىڭ سەھىپىلىىرى خېلى مۇكەممەللىككە ئىگە بۇلۇپ ،ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ ھەر خىل ژانىرىدىكى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى گەۋدىلىك بۇلىۋاتىدۇ.
« ئورخۇن تورى » مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ئۈستىدە ، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت ، دىن ، مەشھۇرلىرىمىز ، مەدەنىيەت تارىخىمىز ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ .
شەبنەم ،دىيارىم ، سەلكىن مۇنبەرلىرىمۇ تور ئەدەبىياتى جەھەتتە ئاز بولمىغان ئەدەبى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى .ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، مۇھەممەتجان راشىدىن ، روزى سايىت ...قاتارلىق ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائىرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى توپلاندى . بىرقانچە مۇنبەرلەردە مۇكاپاتلىق تېما مۇسابىقىسىنى يولغا قۇيۇپ مۇئەييەن غەلبە قولغا كەلتۈرۈلدى .
بىراق ، تور ئەدەبىياتى تېخى ھەممە رازى بولغۇدەك دەرىجىدە ئومۇمى جەھەتتىن ئىزچىللقنى قولغا كەلتۈرۈپ چوڭ يۈكسېلىشنى بارلىققا كەلتۈرەلىگىنى يوق .
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، مۇنبەرلەردە كۆپىنچىمىز ھەۋەسكار ، قەلىمىمىز تېخى پىشمىغان ، تۇغما تالانتىمىز ، تالانت ھۈجەيرىمىز كەسپى قەلەمكەشلەردەك تەرەققى قىلىش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولغاچقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان نۇرغۇن ئەسەرلەر بەدىئىيلىك ، مەزمۇن ، ئىزچىللىق جەھەتلەردىن كاۋاك قېلىشتەك ھادىسىلەر كۈرۈلمەكتە .
كونىلاردا « قۇچقاچ سويسىمۇ قاسساپ سويسۇن ! » دېگەن گەپ بار . مەتبۇئاتقا بېرىلىدىغان ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ قولىدا نەچچە پىششىقلىنىپ ، قايتا-قايتا تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ قولىغا چۈشىدۇ ،سۈپەت ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلىدۇ ، ئۇيەردىنمۇ بىرنەچچە رەت ئىشلىنىپ بۇلۇپ ئاندىن باسمىغا يوللىنىدۇ ، كىتاب-ژۇرناللارغا بېرىلىدۇ . شۇڭا ئوقۇغان ئادەمگە بىرخىل ئستېتىك زوق ، مەنىۋى ھۇزۇر بېغىشلايدۇ .
نامى چىققان بىر ئەدىب بىرئاي ياكى بىر نەچچە ئايدا بىرەر پارچە شېئىر ياكى بىرەر پارچە ھېكايە ، پوۋېسىتنى يېزىپ پۈتتۈرگەن بولسا بىز ھەرقايسى ئەزالار كۈنىگە بىر ياكى بىر نەچچىدىن شېئىر ، ھېكايە ...لەرنى يوللاۋاتىمىز ، ساننى ھەددىدىن زىيادە قوغلاشتۇق . ئۆزىنىڭ ئازراق كەچۈرمىشلىرىنى يېزىپ قۇيۇپ ، بىرنەچچە گەپنى قوراشتۇرۇپلا شېئىر يازىدىغانلارمۇ بار بولدى . قىسقىسى ، قاملاشتۇرۇپ يازىدىغانلار ئاز بولدى . .
مۇنبەردە ئۈلگە قىلغۇدەك قەلەمكەشلىرىمىز بەك ئازلىق قىلىۋاتىدۇ ، بىزدە داڭلىق يازغۇچى ، ئالىم ، شائىر ، مۇتەپەككۇرلار ئانچە ئازمۇ ئەمەس . ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ، كۆمۈلۈپ قالغان ئالتۇندەك دوستلىرىمىزمۇ نۇرغۇن . ئۇلارنى تورغا ، مۇنبەرگە جەلپ قىلىش كېرەك . ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ ، نادىر يازمىلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلسە مۇنبەر ئەزالىرىمۇ ئۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ ، يازما سەۋىيىسىنى ئاشۇرىدۇ . تەپەككۇرى تىرەنلىشىدۇ . مىللىتىمىز ئىچىدىكى مۇشۇنداق ئەدەبىيات ئۇستىلىرى مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىنسا ، ئۇلارنى لايىقىدا ھۈرمەتلەپ ، قابىلىيىتىدىن تۇلۇق پايدىلانساق ، ئۇيغۇرچە تورلارنى قوللاش نىسبىتى ئاشسا چوقۇم تور ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى پارلاق بۇلۇشىغا ئىشەنچىم كامىل . ئۇندىن باشقا توردىن ئىبارەت بۇ ۋاستىدىن پايدىلىنىپ ، مىللىتىمىزنى دۆلىتىمىزگە ، دۇنياغا يۈزلەندۈرگىلى بۇلىدۇ . نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدىغان ئىستېدات ئىگىلىرى بولسا مەسىلەن ، دىلمۇرات تەلئەتتەك .
توردۇنياسى يەرشارىنى قاپلىغان بولغاچقا ئېسىل ئەدەبىيات مېۋىلىرىمىزنى تەرجىمە قىلىش يولى بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ تورىغا بەرسەك ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنى چۈشىنىدۇ ، تەتقىق قىلىدۇ ، قىسقىسى ،« ئۇيغۇر » دىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ يەر شارىدا مەۋجۇتلىقىنى بىلەلەيدۇ . ئۆز-ئارا چۈشىنىش ، ئالاقە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ . تور ئەدەبىياتى ئويلاپ باقمىغان تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن . بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلىشى كېرەك .


بەزىلەر : < بىزدە كۈلدۈرەلەيدىغان ۋە يىغلىتالايدىغان ئەسەرلەر كۆپ ، بىراق ئويلاندۇرالايدىغان ، تەپەككۇرىمىزنى ئىچىشقا ياردەمدە بولىدىغان ئەسەرلەر يوق دىيەرلىك > دىيىشىدىكەن . سىز بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز ؟

ئەدەبىيات تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ باقىدىغان بولساق ، بىزنىڭ «مەڭگۈ تاش» لارغا پۈتۈلگەن يازما يادىكارلىقلار ، « ئوغۇزنامە » لەردىن تارتىپلا يېزىق ئارقىلىق ئەدەبىيات بايلىقلىرىنى يارىتىۋاتقىنىمىزغا ناھايىتى ئۇزاق زامانلار بولدى . ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردە ئىجات قىلىنغان ئەدەبىيات نەتىجىلىرى ھامان شۇ كىشىلەر توپى ياشىغان تارىخى شارائىتنىڭ ، تۇرمۇش شەكلنىڭ ئىنكاسى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . يازما ئەدەبىياتىمىزدا بۇرۇندىن تارتىپلا باتۇرلۇق ، قەھرىمانلىق ، مۇھەببەت ، ئاتا-ئانىنى ھۈرمەتلەش ،ۋەتەن ، خەلقنى سۈيۈش، تەبىئەتنى سۈيۈش ، گۈزەللىكنى مەدھىيلەش ، رەزىللكنى يوقىتىش ...ئاساسى تېما بۇلۇپ كەلدى .
مىللىتمىز ئەجداتلىرى ھەرگىزمۇ مىشچان ، قورقۇنچاق ، چىدامسىز ئەمەس ، دۇنياغا داڭلىق قامۇس خاراكتىرلىك ئىككى كاتتا ئەسەر « تۈركى تىللار دىۋانى » ، « قۇتادغۇبىلىك » لەردىمۇ جەڭگىۋارلىق جۇلالىنىپ تۇرىدۇ .
بۇ ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت تىپىك خاسلىققا ئىگە بۇلۇپ ، ھازىرغىچە دۇنيا مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىغا ، ئۈگىنىشىگە لاياقەتلىك بۇلۇپ كەلمەكتە .
17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ مىللىتىمىز ئىچىدە پەيدا بولغان ئەقىدە قەھەتچىلىكى ، مەزھەپۋازلىق ، يۇرتۋازلىق ، تەپرىقچىلىك ...قاتارلىق مەنىۋى ئىللەتلەر روھىمىزغا ئاجرىماس كىشەنلەرنى « ھەدىيە قىلدى » .تەڭرىتاغ ئاسمىنىدا قارا بۇلۇتلار ھۆكۈم سۈردى ،ئاناتارىم بارغانچە مۇڭسىراپ ئاقتى .جۇلدۇر-كېپەن ، ساياق بەندىلەر چۈمۈلىدەك يامرىدى . بۇ دەۋىردە يېزىلغان ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئاقتۇرۇپ باقىدىغان بولساق بۇلاردىن بىرخىل غېرىپ مۇھەببەت ، ،تەركى دۇنياچىلىق، ئاجىز ئىسيان پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ . بۇخىل تىپتىكى يارىتلغان ئەسەرلەردە مەنىۋى قۇللۇق زەنجىرى بوينىمىزغا ئېسىلغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ، ئىدىيە ئەركىنلىكىنى بۆسۈپ چىقالمايدۇ .
غەربى ياۋروپادا سانائەت ئىنقىلابى پارتلاپ ، تەرەققىياتتا يىڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان ۋاقىتلاردا مىللىتىمىزنىڭ ئەزىز پەرزەنىتلىرى مانا مۇشۇنداق سەرسانچىلىقلار قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگەن . جەمىئەتنى ئۆزگەرتىش ، تەرەققى تېپىش خىيالى ، تەپەككۇرى گەۋدىلىك ئېچىلمىغان .
بۇنىڭ زەرەرى ھازىرغىچە بار دەپ ئويلايمەن . ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتى مىللىتمىزنى ئەقلى تەپەككۇر ، ئىقتىساد ، ئەدەبىيات ۋە باشقا ساھەلەردە مۆلچەرلىگۈسىز كەينىگە چېكىندۈرىۋەتكەن .
ئەدەبىيات-ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ئوبرازلىق بەدىئىي ئىنكاسى بولغاچقا ئەنە شۇنداق پاراكەندىچىلىكلەر خەلقىمىزگە تىترەڭگۈ ھېسسىياتنى تەقدىم ئەتتى .
ئازاتلىقتىن كېيىن مىللىتىمىز ئەدىبىياتىدا يىڭى دەۋىرىگە ماس بىرخىل ئۇسلۇب شەكىللىنىپ ، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋىيەت ساھەسىمۇ يىڭى باشلىنىش يولىغا كىردى . بىراق بۇ خىل يىڭى يولغا باشلىنىش بىراقلا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئالەمشۇمۇل يىڭىچە ئويغا باشلايدىغان ،ئويلاندۇرالايدىغان ئەدىبى ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كىلىشىدىن دىرەك بەرمىدى. ئاسساسلىقى ھەممىسىدە ئازاتلىقنى كۈيلەش ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى جەنۇب ۋە شىمالىي شىنجاڭ خەلقى تۇرمۇشى ، رېئال ئىجتىمائى ئەھۋاللار ئەكىس ئەتتۈرۈش مۇھىم مەركىزى ئىددىيە قىلىندى. بۇ دەۋرلەردە روھىيەت غەزىنىسىنى بېيىتىدىغان ، تەپەككۇر باياۋانىغا باشلايدىغان ئەسەرلەر ئاز بولدى .ئەدەبىيات تارىخىمىز يۇقاردا ئېيىتقاندەك ئۈزۈكچىلىككە ۋە ئېتىقادىي زەخمىلەرگە يولۇققاچقا مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈزبەردى .
مەشھۇر يازغۇچىمىز ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈر ، ھاجى ئىمىن تۇرسۇن،رۇزى سايىت،ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنلەر تەپەككۇر دۇنياسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ مەڭگۈ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان نۇرغۇن نادىر ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى .
90-يىللاردىن كېيىن ئەدەبىيات ساھەيىمىزدە زوردۇن سابىر،جالالىدىن بەھرام، مەمتىمىن ھۇشۇر، ئابدۇقادىر جالالىدىن ، ئەسئەت سۇلايمان،ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى ، ئەختەم ئۆمەر ، ئادىل تۇننىياز ،يالقۇن رۇزى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدىبلىرىمىز ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ مىللەت روھىيىتى ،ئۆزىنى تونۇش ، ئىجتىمائىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالدى ، مىللەت مەنىۋىيتى ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز ئىزدەندى ، ئېسىل ئەسەرلەرنى ئاممىغا تەقدىم ئەتتى .
بۇ جەھەتتە سەركەردىلىك رول ئويناۋاتقان مەتبۇئات ئورنى « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلى خادىملىرىغا ۋە بۇ نادىر ژۇرنالنى ئۆزىنىڭ ئېسىل يازمىلىرى بىلەن بېزەپ كىلىۋاتقان تۆھپىكارلىرىمىزغا چىن دىلىمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .
قىسقىسى ، بىزدە كۈلدۈرەلەيدىغان ، يىغلىتالايدىغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپ ، تەپەككۇرغا باشلايدىغان ، ئويلاندۇرالايدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئازراق بۇلۇشى يۇقارقىدەك تارىخى شارائىتقا مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن .
ئەمما شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى ، مىللىتمىز زىيالىيلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ ، دۆلىتىمىز ۋە دۇنيانى قايىل قىلغان ئالىملىرىمىز بىر-بىرلەپ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ . ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش ھەربىر مىللەت پەرزەنتىگە يار بۇلىدۇ ، كەلگۈسىمىز چوقۇم گۈزەل بولغۇسى .


ئەگەر باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارالسا قايسى كىتاپنى تەۋسىيە قىلىسىز ؟ ( نىمە ئۈچۈن ؟ تەپسىلىيراق توختالسىڭىز ، ئوقۇپ چىققان بولسىڭىز تەسىراتىڭىز قاتارلىقلارنى يازسىڭىز بولىدۇ )

مەن ئەگەر باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشقا تىگشلك دەپ قارالسا يۇقۇردا قەيىت قىلىپ ئۆتكەن ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئاكا، ئالىم ئابدۇرېھىم تېلەشۇف ئۆتكۈر، ئەدىب زوردۇن سابىرى، جالالىدىن بەھرام، ۋە ياش پەيلاسوپ ئابدۇقادىر جالالىدىنلارنىڭ ھەممە كىتاۋىنى تۇلۇق تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ئەسەرلەرگە ھېچقانداق ئۇبىكتىپ سەۋەبلەر پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ھەم تەپسىلى توختىلىشىنىڭ بەك زۈرۈيىتى يوق. بۇ ئاشكارە ھال. ئەمدى ھازىرقى دەۋىرىدە كونكىرىتراق ئېيىتساق
ياش دوكتۇرىمىز ظةسظةت سذلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
كىتاب ھەققىدە
ئۆزلۈكنىڭ چاقىرىشى
بىز كىم، بىزنىڭ مەدەنىيەتلەر جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇۋاتقان
بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىمىز ۋە سالاھىيىتىمىز نېمە، بىز بۈگۈنكى يەر شارى كەنتىدە باشقا نۇرغۇن خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆزلۈكىمىزنى ۋە كىملىكىمىزنى قانداق ئىپادە قىلىمىز؟
شىمالىي ياۋروپادا ياشىغان بىر يىل جەريانىدا مەن بۇ سوئاللارنى ئۆز _ ئۆزۈمدىن تالاي قېتىملار سورىدىم. كۆك رەڭلىك ياۋروپانىڭ سوغۇق ۋە ھۆل رېئاللىقى ئىچىدىن يىراقتىكى ئانا يۇرتۇمنىڭ قۇرغاق كەيپىياتىغا نەزەر تاشلىدىم. ياۋروپا قىرغاقلىرىنى بويلاپ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمنى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋى يالتىراقلىرى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىدە ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا باغلانغان بىر قەدىمىي خەلقنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ كۆزەتتىم. ئۆزۈمنى، ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى ۋەتىنىمدە ۋە خەلقىمنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ ياشىغان شۇنچە ئۇزۇن يىللاردا ئەمەس، بەلكى ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇساپىرەتتە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ بىر يىل جەريانىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم...
يىراققا سەپەر قىلدىم ھەم قايتىپ كەلدىم.
قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ياۋروپادىكى خاتىرىلىرىم ئاساسىدا بىرەر كىتاب يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇزاققىچە يازالمىدىم. تەسىراتلىرىممۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلاپ بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. دوستلىرىم كۆپ قېتىم مېنىڭ ياۋروپادىكى تەسىراتلىرىم ھەققىدە كىتاب يېزىشىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سەمىمگە سېلىپ تۇرۇشتى. بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىممۇ ماڭا يازغان خەتلىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىمىپ كەتكەنلىكىمنى تىلغا ئېلىپ، <<نېمە ئۈچۈن كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىڭىزنى يازمايسىز؟>> دەپ سوراشتى.
كۆپ ئويلاندىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ساياھەت خاتىرىلىرىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ قەلەم تەۋرىتىش ئويۇمدىن يالتىيىپمۇ قالدىم. راستىنى ئېيتسام، چەت ئەللەردىكى كۆرگەن _ بىلگەنلىرىمنى پەش قىلىپ، ياۋروپانىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يالتىراقلىرى بىلەن باشقىلارنى مەھلىيا قىلىدىغان تاشقى پوستىنى كۆپتۈرۈپ يېزىپ، ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ <<ياۋروپا چۈشى>> نى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىشنى خالىمىدىم.
بىر يىلغا يېقىن ۋاقتىم دېلىغۇللۇق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرىدا
ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ، ياۋروپادا كۆرگەن _ بىلگەنلىرىمدە
ئوقۇرمەنلىرىمنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىدا
يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ بېخىللىق بولىدىغانلىقىنى، تەسىراتلىرىمنى ئەينى
قىياپىتى بويىچە خەلقىمگە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمنىڭ بارلىقىنى
ھېس قىلدىم.
كىتابتىن تەرمىلەر
مەن شۋېت ئارخىپلىرىغا كۆمۈلگەن يېقىنقى زامان
تارىخىمىزدىكى ئۇنتۇلغان بەتلەرنى ۋاراقلىغانسېرى، بىزنىڭ 20 _ ئەسىردىن بۇيانقى روھىيەت تارىخىمىزنىڭ شۇنچىلىك مۇرەككەپ ۋە سىرلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ
تارىختا نۇرغۇن دىنلارغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ھەمدە مۇشۇ دىنلارغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەتلەر بىلەن دىئالوگلاشقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. مىلادىيە 8 _ ، 9 _ ئەسىرلەردە خرىستىئان دىنىنىڭ نېستورىيان مەزھىپىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىغا تارقالغانلىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نېستورىيان دىنىغا دائىر مۇقەددەس ناخشىلار ۋە <<ئىنجىل>> نىڭ
پارچىلىرىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدىن تېپىلغانلىقى بۇ نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ۋەھالەنكى، ئۇيغۇر خەلقى مىلادىيە 10 _ ئەسىردىن
بۇيان ئۇزاق مەزگىللىك ئىسلاملىشىش جەريانىنى بېشىدىن
كەچۈرۈپ، پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىسلام دىنىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دىنىي ئېتىقادى قىلىپ تاللىغاندىن كېيىنمۇ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە شىمالىي ياۋروپادىن كەلگەن خرىستىئان دىنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى زەرەتلىشىگە ئۇچرىشى بىزنى ئويغا سالماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

مىللەتپەرۋەر ،دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ئۆزىنىڭ شېۋىتسىيە ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئىلىم ۋە ئۆزلۈك ئىزدەش جەريانىدىكى ئىشلار خاتىرىلەنگەن بۇ كىتاب مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىدى . مەن خۇددى مۇئەللىپ دېگەندەك : ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلۇغ يۇرتىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا بىللە شۇڭغىدىم . 19-ئەسرىنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى مىللىتىمىزنىڭ سىياسى ، مەدەنىيەت ھالىتى ...مېنىڭ كۆز ئالدىمدا بىرمۇ بىر زاھىر بولغاندەك بولدى . ..
كىچىك ۋاقتىمدا كۆرگەن «سېھىرلىك ئالما » فىلىمى ۋە مەن قىزىقىپ ئوقۇغان چۆچەكلەر مېنىڭدە ،يۇرتىمىز ۋە خەلقنىڭ قەدىمىي سېھىرلىك تۇرمۇشىغا قىزىقىش ۋە سېغىنىشنى ئىپتىدا قىلغان بولۇپ ، بۇ سېغىنىشلىرىم بۇ كىتابتا تەسۋىرلەنگەن قەدىمىي يۇرت سۈرەتلىرى بىلەن گىرەلىشىپ مەندە تېخىمۇ يالقۇنلۇق تىنىقلارنى پەيدا قىلدى.
بۇ كىتاپتا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى شىۋىت مىسسىئونېرلىرىنىڭ قەشقەر ،يەكەن ،يېڭىسار قاتارلىق جايلاردىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى ۋە شۇ جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ھالىتى شۇنداقلا ياۋروپادىكى باشقا ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ يۇرتىمىز ۋە خەلقىمىز ھەققىدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇچۇرلىرى ئىپادىلەنگەن . كىتابتا ئەسئەت سۇلايماننىڭمۇ ياۋروپادا ئاساسلىقى شۇ دەۋىردىكى مەدەنىيەت ۋە ھەرىكەتلەرنى تەتقىق قىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
مەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ ، تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئۆزىنىڭ قويۇق ئوتتۇرا ئەسىر پۇرىقىنى يوقاتمىغان قەشقەر ،يەكەن قاتارلىق قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بۇرۇنقى تار ،توپا كوچىللىرىنى تەنھا كەزگەندەك بولدۇم.
بۇ ئېسىل كىتابتا يەنە مىللىتىمىز بىلەن ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ تۇرمۇش شەكلى ، مەزمۇنى ، پىسخك ئالاھىدىلىكلىرى ، دۇنيا سەھنىسىدە تۇتقان ئورنى روشەن ھالدا سېلىشتۇرۇلۇپ ئادەمنى چوڭقۇر تەپەككۇرغا باشلايدۇ . نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ ،ئۆزلۈككە چاقىرىدۇ . دوسىتلارنىڭ مەزكۇر كىتابنى زېرىكمەستىن بىر قېتىمدىن ئوقۇپ چىقىشىنى ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .


ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ سىز ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىستىمال قىلۋاتقان مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلىرىدىن گۇمانلار بولسا شۇنداقلا بۇ گۇمان مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە ، سىزنىڭ مىللى كارخانىلارنىڭ گۈللىنىشىگە بولغان ئارزۇ - ئارمانلىرىڭىز كۆپۈككە ئايلىنامدۇ ؟

بۇ خىل مەسىلە پەقەتلا ، سودا جەھەتتىكى ئەپسۇسلىنىش مەسىلىسى بولماستىن بەلكى بىر خىل ئىتىقاد، مەدىنيەت جەھەتتىن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە بۇلۇپ قالىدۇ. مىنىڭچە بولغاندا سىز دىگەندەك ئەھۋالنىڭ كېلىشىنى قەتئى خالىمايمەن. ئەگەر شۇنداق بۇلۇپ قالسا دىگەن بىر خىل ئىھتىماللىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بۇنداق تىجارەتنىڭ قەتئى ئەھمىيتى يوق . ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك مىللىتمىزنىڭ ئىسلامغا كىرگىنىگە بىرمىڭ يىلدىن ئاشتى ، ئۇنىڭ ئېڭىمىز ، تەپەككۇر شەكلىمىز ، تۇرمۇشىمىز ، ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ، يىمەك-ئىچمەك ، كىيىم-كېچەك چەكلىمىلىرىمىزگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر . ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ئېتىقاد ھادىسىسى بىر پۈتۈن خەلقنىڭ ئىجتىمائىيەت ئەھۋالى ، تەرەققىيات نىشانى ، كىشلىك قاراش ، قىممەت قارىشىغا نىسبەتەن رولى ئىنتايىن چوڭ . ئىشەنچ بولمىسا ھېچقانداق ئىش نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ ، گۇمان بىلەن قىلغان ئىشتىن چوقۇم مەسىلە يۈز بېرىشى مۇمكىن .
مىللى كارخانىلىرىمىز يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، ئۆز جايىمىزدىن ھالقىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئاقار يۇلتۇزدەك ئاستا-ئاستا يامراشقا ، قەدەم سېلىشقا باشلىدى .
سانائىتى يوق مىللەت ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە دۇنيادا ئورنى ، ئىناۋىتى يوق مىللەت بۇلۇپ قالدى . باشقاچوڭ ، غوللۇق سانائەتلەرگە تېخى سان يوق ، شۇ يېنىك سانائەتلەردىن يىمەك-ئىچمەك ، كىيىم-كېچەك ، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك دېگەندەك ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش قىممىتى بار بولغان كەسىپلىرىمىز بىر قەدەر تەرەققى تېپىش باسقۇچىغا كىرىۋاتىدۇ .
ئەگەر راستىنلا سىز سوئالدا ئوتتۇرىغا قويغاندەك ئەھۋال يۈز بەرسە مېنىڭ ، مىللى كارخانىلارنىڭ گۈللىنىشىگە نىسبەتەن بار بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرىم بەربات بولمايدۇ . بۇنداق مەسىلە بەلكى ئاسانلا جاۋاب بىلەن قانائەت تاپىدىغان مەسىلە بولماسلىقى مۇمكىن. بەلكى بۇنىڭغا مۇئامىلە قىلغاندا پەقەت مەنپەئەت نوقتىسىدىنلا ئەمەس بەلكى ھەقىقى تەرەققىيات نوقتىسىدىن سۆز ئېچىشىمىز لازىم.
مېنىڭچە مىللىتىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپ كارخانىچىلىرى بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ قېنىدا ھامان ئۇيغۇرنىڭ قېنى بار ، ئۇلار يالغۇز ئەمەس ، بىرسى ھالاكەتكە يۈز تۇتسا چوقۇم باشقىچە يول تۇتقان تالانىتلىق بىرسىنىڭ مىللى كارخانىلىرىمىزنى ئامما رازى بولغۇدەك ساغلام تەرەققىيات يولىغا باشلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
.

ئەگەر سىز تىرىشچانلىقىغا ۋە كەسپى ئىخلاسىدىن مەمنۇن بولىدىغان ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىڭىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئىجتىمائى ئەخلاققا خىلاپ بىر ئىشنى سادىر قىلغان بولسا ھەم بۇ ئىش راست بولغان بولسا سىزنىڭ ئۇ ئوقۇغۇچىڭىزغا بولغان كۆز قاراشلىرىڭىزدا بىردىنلا ئۆزگىرىش بولامدۇ ؟ قانداق تەدبىر قوللىنىشىڭىز مۇمكىن ؟

مېنىڭچە ئىنسان پەرزەنتى بۇ دۇنياغا كەلگەنىكەن ، ئۇچۇقۇم خاتالىق سادىر قىلىپ سېلىشتىن خالىي بۇلالمايدۇ . چۈنكى ئىنسان تەبىئىتى نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك بولغان پىسخىك بايلىققا ، روھى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاندىن تاشقىرى يەنە ئاسانلا ئاچچىقلىنىش ، خوشاللىق ، روھى خاپىلىق ، مەنىۋىيەت قالايمىقانلىشىش ، ئىندىۋىدۇئاللىقنىڭ مايىللىقى ۋە پارتلاپ چىقىشى ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ، كىشىلىك تۇرمۇش قاتارلىقلاردا ھېسسىياتنىڭ تۈرلۈك جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرمەي قالمايدۇ . ئىنسان ھامان ھېسسىياتقا ئىگە مەخلۇق بولغاچقا ئۇنىڭدا تەبىئەتتىكى خىلمۇ-خىل شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيە تۇتىدۇ . مەلۇم كىشىلەر توپى ئىچىدە ياشىغان بولغاندىكىن ، ئۇنىڭ ياشاش جەريانى ، ئۇسۇلى ، قىلىۋاتقان ئىش –ھەركەت ، مەشغۇلات قاتارلىقلاردا شۇ ئۆزى تەۋە بولغان كىشىلەر توپى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بۇلىدۇ .
كىشى خاتالىق سادىر قىلىش ۋە خاتالىقنى تۈزىتىپ ، يىڭىچە يولغا قايتىش ، ئىلگىرىلەش ئىچىدە ياشايدۇ .
مېنىڭ تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىم ئىچىدە ئۆزۈم ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا ۋە كەسىپكە بولغان بېرىلىشىگە قايىل بولغان ، بۇ جەھەتتە ئۇنى ياخشى كۈرىدىغان ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بۇلىدۇ –دەپ قارىغان بىرەر ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندىن كىيىن ، ئىجىمائى ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىشى ئەلۋەتتە مەن قەتئىي خالىمايدىغان ئىش .
ھازىرقىدەك تۈرلۈك-تۈمەن تۇرمۇش ئېزىتقۇلىرى ، ناشايان ئىشلار ، چاكىنا ئەخلاق قاتارلىقلار بىلەن تولۇپ كەتكەن جەمىئەتتە جامائەت ئەخلاقىغا زىت ئىش-ھەركەتتىن ، گەپ-سۆزدىن ساقلانماقنىڭ ئۆزى خېلى چوڭ گەپ . نەپسى-خاھىش دېگەن ئادەمنى ئويلىمىغان ئىشلارغا ، تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئاقىۋەتلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ .
بىزدە :
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ ،
كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ .
سەمەرقەنت ئالمىسىدەك بىر كۈن ،
ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ .

ناملىق بىر شېئىر بار . بۇنىڭدىمۇ نەپسىنىڭ يۈگەنلىرىنى چىڭ تۇتمىغانلارنىڭ دەرگاھىنىڭ باياۋان چۆلى بۇلىدىغانلقى ، ئۇنىڭ چوقۇم ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەتلەر بېرىلگەن .
ئەگەر قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان بىرەر ئوقۇغۇچۇم راستىنلا باشقا ساۋاقداشلىرى ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ نەپرەتلىنىشىگە ئۇچرايدىغان ، ئىجتىمائىيەتكە يات خاتالىقنى سادىر قىلسا ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىم بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ . ئەپسۇسلۇق ، ئېچىنىش ھېسسىياتىدىن كىيىن چامىمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا روھىي جەھەتتىن ئەدەپ-تەربىيە بېرىپ ، ئۇنىڭ ئۆزى تۇنۇشى ئۈچۈن ، خاتالىقنى قايتا بارلىققا كەلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن ، يامان يولدىن قايتۇرۇش ھەققىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن . ياشاش يولى ، ئەخلاق مىزانلىرى ، جەمىئەتنىڭ راۋاجلىنىش قانۇنىيىتى ، مىللەت پىسخىكىسى ،ئەخلاق تىجارىتىدىن سەسكىنىش ، ئېتىقاد رامكىسى ، قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ، قاباھەتلىك جىنايى قىلمىشلاردىن چەتلىشىش جەھەتلەردە ئۇنىڭ قايمۇققان تەرەپلىرىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن ئۇستازلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن .
ئۇنىڭغا ئەسلىنى ئۇنتۇماسلىق ، ئاقىلانە بۇلۇش ، ئادىمىي شەيتانلارنىڭ دامىغا چۈشمەسلىكنى ئۆگىتىمەن .
دۇنيارىمىز تەرەققى قىلدى ، بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىجتىمائى تۇرمۇش ۋاستىلىرىمۇ ، كىشىلەرنىڭ ئاڭ-تەپەككۇرىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەپ كەتتى ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىمۇ ئۆزگىرىشچان بىر دەۋىرنى يىڭىلاۋاتىدۇ . ئىنسانلارئىدىيە ، ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش سەپىرىدە بارغانچە كۆپ قۇتۇپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ .بۇنداق ئۆتكۈنچى دەۋىردە بەل قۇيۇۋېتىشكە ، ھۇرۇنلۇق ، سۇسلۇق قىلىشقا ئەسلا يول يوق .
مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان زىيالىيلار بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيىتمىسە قەتئى بولمايدۇ . نەپسىنىڭ قۇلى بۇلۇپ قالغان بايقۇشنىڭ قولىدىن قانداقمۇ چوڭ ئىشلار ۋۇجۇتقا كەلسۇن ؟ زىيالىيلار مىللەتنىڭ مەنىۋى سەركسى ، ئۇلار چوقۇم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى كېرەك . ھازىرقى شارائىت بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ياخشى ، قولايلىق . پۇرسەت ئۆزىنى چىڭ تۇتقانلارغا قۇچاق ئاچىدۇ . يول -ئاچقۇچىلارغا ، نەتىجە تىرىشىقانلارغا مەنسۇپ .


ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە تېخنىكا شارائىتى ۋە ئىقتىسادى شارائىت يار بىرىپ سىزگە تور بىكەت جۈملىدىن تور مۇنبەرلىرى قۇرۇش پۇرسىتى تولۇق يار بەرسە سىز قايسى خىل تور بىكەت (مۇنبەر) قۇرۇپ چىقىشىڭىز مۇمكىن ؟ كونكېرت تەدبىرلىرىڭىزنى بىلىپ باقساق بولامدۇ ؟

ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن بۇنداق تور بېكەت ( مۇنبەر ) قۇرۇش شارائىتىغا ئىگە بولسام ، ئالدى بىلەن ، بىزنى خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ئەمەلى ئەھۋالىغا ماسلاشقان ، خەلققە بىۋاستە پايدىسى تېگىدىغان ، جەمئەتتە بايقاش پۇرسىتىگە ئىگە بولمىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ، يېڭى تەدبىرلەرنى ، ئىسلاھات كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان ئاڭ يېتىشتۈرۈشكە پايدىسى يېتىدىغان ، ھەقىقى نەرسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان يولنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇنبەر قۇرۇش قارىشىنى تىكلەپ بۇ ئىشقا ئاتلىنىمەن .
ئاساسلىقى پەن تېخنىكا ، مەرىپەت ، ئۆزلۈك تۇيغۇغا مۇناسىۋەتلىك تۈرنى چىڭ تۇتۇپ ، مىللى پەن-تېخىنكىدىكى زور نامايەندىلەرنى ئىپادىلەشكە ھەمدە بۇ يولدا ئىزدىنىۋاتقان ئوت يۈرەكلەرنى تەشۋىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمەن .
مۇمكىن بولسا تور مۇنبەر يۈزىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەرساھەدىكى ، تۈرلۈك كەسىپلەردىكى ئەڭ نەمۇنىلىك ئوغۇل-قىزلارنى جەلپ قىلىپ ، مۇنبەر مۇھىتىنى ئەمەلىياتچانلىققا ئىگە قىلىمەن .
ئۆلۈك ھالدىكى ئىچ پۇشۇق چىقىرىش ، قارغۇلارچە زىددىيەتلىشىش ، ئەھمىيەتسىز تالاش-تارتىشلارنى قىلىش ، تېتىقسىز ئىنكاسلارنى توپلاشتىن ساقلىنىپ ، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭلا ئەمەس ، يۇقىرى ساپالىق كىشىلەرنىڭمۇ ياخشى كۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان ھەقىقى رىقابەت كۈچىگە ئىگە تور مۇنبىرى قۇرۇشقا يۈزلىنىمەن . ئەلۋەتتە ، بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس . غايەت زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ . مەن ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇنداق بەدەل تۆلەشكە رازى .
ئەلۋەتتە ، مۇمكىن بۇلۇپ قالسا ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان قاراشلىرىمدۇر .

!

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(قاپىيەجان)
  • شۆھرەت:+5(dil-rus)
  • تۆھپە:+10(ئۈمۈد007) ئالقىشلانغا ..
  • شەبنەم ناخشىسى
    بىلىم قىمىتىنى بىلىملىك بېلۇر،
    ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-28 23:44 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    sabiha
    bbs.xabnam.com
    ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 12131
    نادىر تېما : 15
    يازما سانى : 1078
    شۆھرەت: 1397 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11129 سوم
    تۆھپە: 1038 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 653 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 772(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

     

    شەبنەم تورىغا جۈملىدىن شەبنەم مۇنبىرىگە قانداق تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىز بار ؟



    تەكلىپ –پىكىرلىرىم ئەلۋەتتە كۆپ ، بۇنىڭ ھەممىسىنى دېيىش ئۈچۈن خېلى ئىش كېتىدۇ . بۇ يەردە مېغىزلىق قىلىپ ھازىرقى مۇنبەر ئەھۋالىغا قارىتا ئويلىغان تەكلىپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قۇياي .
    1.    مۇنبەردە ياخشى تېمىلار سالمىقى ئومۇمى تېمىنىڭ ئىچىدە تۆۋەن نىسبەتنى تەشكىل قىلىدۇ . بۇ مېنىڭلام قارىشىم ئەمەس ، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق قارىشى . مەن مۇنبەر قۇرغۇچىلىرىدىن تارتىپ ھەممە ئەزاغا سەمىمىيلىك بىلەن يەتكۈزمەكچىكى مۇنبىرىمىزدىكى ھەققى ساپالىق ئەزالارنى ھۈرمەتلىسەك ! ئۇلارنى پەقەت يۈزەكى جەھەتتىن ھۈرمەتلەش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن ئەمەلى ماددىۋى شەرت-شارائىت يارىتىپ ، قىلغان ئەمگىكىنىڭ قەدرىنى قىلساق ! مۇنبەردىكى ھەقىقى ئورنىنىڭ  ئەڭ ھۈرمەتلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرسەك .
    2.    مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئەزالارغا ھەقىقى كۈيۈنۈشنى ئىشقا ئاشۇرسا ! ئەزالارنىڭ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ياخشى ئەسەرلىرىنى ، ياخشى قاراشلىرىنى قېزىپ چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەقىقى ساپ مۇنبەر مۇھىتى يارىتىشقا تىرىشسا ، ئەھمىيەتسىز ، ئەخلەت ئىنكاسلارنى تازىلاپ ماڭسا ! ئەزالار بىلەن ھەرۋاقىت بىردەكلىكنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرسە !
    3.    مۇنبەردىكى 90 مىڭدىن ھالقىغان ئەزالارغا دەيدىغىنىم : مۇنبەر ئىچىدىكى ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىشقا ئەھمىيەت بەرسە ! شەخسىيەتچىلىك قىلىشتىن ، گورۇھۋازلىق قىلىشتىن ، ئەخلاقسىزلىق قىلىشتىن ساقلانسا ! شۇنداق ياخشى تېمىنى كۈرۈپ تۇرۇپمۇ قەستەنگە پۇتاقلىتىپ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمىسا ! مۇنبەرنى مەۋھۇم دەپلا بىلگىنىنى قىلماي ئۆز سەمىمىيىتىنىڭ جۇلاسىغا ئايلاندۇرسا !
    4.    ئاخىرىدا بىرگەپ ، شەبنەم باش شىركىتىدىكى مۇنبەر مەسئۇل خادىملىرى ھوشيارلىقنى چىڭ ساقلىسا ، مەغرۇرلانمىسا ، تېما يوللاپلا بولدى قىلىپ ، ئەزالارنىڭ ياخشى ئەسەرلىرىگە ئىنكاس قايتۇرمايدىغان ناچار ئىللەتنى ئۆزگەرتسە ! سەۋەبى –ئۇلار مۇشۇ مۇنبەرنىڭ نېنىنى بىۋاستە يەيدىغانلاردۇر .


    شەبنەم مۇنبىرىدە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان « تورداشلار بىلەن سۆھبەت » سەھىپىسىگىگە قانداق قارايسىز ؟ قانداق قىلغاندا بۇ سەھىپە تىمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ىىلىپ بىرىپ تورداشلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بىيىتقىلى  بولىدۇ ؟

    مېنىڭچە مۇنبەر « تورداشلار بىلەن سۆھبەت » سەھىپىسى سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزدا ياخشى كېتىپ بارىدۇ . بۇ سۆھبەت پروگراممىسى قارىماققا ئاددىدەك كۈرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتكى مۇنبەر ئىچىدىكى ئەزالارنىڭ كۆڭلىنى بىۋاستە تۇنۇتىدىغان ، كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان سەھىپە . شۇنداق ئىكەن ، بۇنى پەقەت نادېرلاش ، بىرنەچچە كۈن كۆرسىتىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن شۇ ئەزانىڭ كۆز قارىشىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بىلىپ بولغىچە تولۇق شەرت-شارائىت ھازىرلىساق . ئەمدى مۇشۇ يەردە ، بىزنىڭ مۇنبەر پەقەت ئاددىلا شارائىتقا ئىگە ئەمەس ، ئەسلىھەلىرى تولۇق ، كەسىپىلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن چوڭ مۇنبەر . شۇنداق بولغاچقا چولپانلار زىيارەت سەھىپىسىگە ئوخشاش ھەر پەسىلدە بولسىمۇ ئالاھىدە بىر سان تۇرغۇزۇپ مۇنبەردىكى نەتىجىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان بىرنەچچە ئەزالارنى ئۈرۈمچىدەك ئورۇنغا يىغىپ «سۈرەتلىك سۆھبەت پروگراممىسى » ئىشلەپ تارقىتىپ ، ئۇلارنى جانلىق تۈردە ئۆز قارىشىنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا شارائىت ياراتساق ! مۇنبەر شۇندىلا تېخىمۇ جەلپكارلىققا ئىگە بۇلىدۇ .

    ئاخىرىدا تورداشلارغا ئېيتىدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار ؟



    مەن مۇشۇ يەردە ئوچۇق شۇنداق دېمەكچىكى ، تور مۇنبىرى ھەممەيلەن ئۈچۈن بىر ۋاستە ، بىز بۇيەردە يۈز كۈرۈشمەي تۇرۇپ تونۇشتۇق . مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خوشال ، ئەمدى پەقەت مۇنبەرداشلا ئەمەس ، ئەمەلىيەتتىمۇ كۈندە كۈرۈشۈپ تۇرىدىغان قۇيۇق ئارىلىشىدىغان پىكىردىشىم ، دوستۇم ، قۇردىشىم ھەم خىزمەتدېشىم ikin ( پەرھات مۇھەممەتئىمىن ) گە ھەقىقى مىننەتدارلىقىمىنى ، سالامىمنى يەتكۈزمەكچى ، سەۋەبى «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماڭ» دەيدىغان گەپ بار . مېنى مۇشۇ مۇنبەرگە ئەكىرگەن ، شۇئارقىلىق شەبنەمنى تونۇتقان بۇ دوستۇم دەل شۇ ئەقلىيە سۆزگە مۇناسىپ . ئىشەنچىم كامىلكى ، بۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ دوسىتلىقىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ ، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ . ئەمدى يەنە مۇنبەردىكى شەبنەم ،qimbulak ، رىياسەتچى تاھىر ، زۇبەيدە ، ئىشەنچ ، سىز ، ئەركزات ، دەۋران ، پەرۋىن ، ئەركھون ، تىم0998 ، تۇغرۇل ، زاكىرە ، سائادەت ، سۈزۈكئاي ، ئۇيغۇرئاي ، شەبنەم003 ، چاقچاق قىلسا داۋاملىق مەن بىلەن ikin نى ئۇنتۇپ قالىدىغان توغراق ، قاپىيە ، دېلداش قاتارلىق چاقچاقچى دوسىتلار ، سۇمرۇغ0991 ، جۇدا ، دۇنيا ، ماتىماتىكا ، رۇجەك ، ئەركىنلىك ھەم شەبنەمدىكى بارلىق دوسىتلارغا مەن بەكمۇ مىننەتدار . تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق شەبنەم مۇنبىرىنى ھەقىقى گۈللەندۈرۈشكە ئىشەنچ ئاتا قىلالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن . ھەممەيلەن شەبنەمدە كۆكلەيلى ! باياۋانمۇ شەبنەمگە ئىنتىزار .
    ئاخىردا شەبنەمدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ ئائىلىسىگە بەخت ئىشلىرىغا ئۈتۈق تىلەيمەن!

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    بىلىم قىمىتىنى بىلىملىك بېلۇر،
    ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 23:44 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    ASAN-YUSAN
    يـەھـيـا
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 798
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 3178
    شۆھرەت: 3628 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 410 سوم
    تۆھپە: 243 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 297 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1215(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

      كەچۈرۈڭ تىما ئىگىسى ۋە مۇنبەر ئەھلى ، ئامالسىزمەن ، مېنىڭ كومپىيۇتىرىمدا تۇيۇقسىز مۇنبەردىكى خەتلەت ئۆزگىرىپ كىتتى ، بۇ خەتلەرنىمۇ تەستە يېزىۋاتىمەن ،بەلكىم سىلەرگىمۇ ششۇنداق چىقىدىغاندا ياكى ئۇنداق ئەمەستۇ ، ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار بارمۇ ؟ ؟ ؟

    كەچۈرۈڭلار.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    تەر تۆكسەم خۇدا بەردى 
    بەرمىدى << خۇدا بەردى >> . . .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 23:51 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    _Malika_
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29977
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1121
    شۆھرەت: 1127 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2147483647 سوم
    تۆھپە: 21 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 985(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    باياۋان ئەپەندىم بىلەن تونۇشقىنىمدىن تولىمۇ خوشالمەن،بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن! سەبىخە ھەدەمگە رەھمەت!
    مەندەك سىڭلىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ھە

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 23:57 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    sabiha
    bbs.xabnam.com
    ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 12131
    نادىر تېما : 15
    يازما سانى : 1078
    شۆھرەت: 1397 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11129 سوم
    تۆھپە: 1038 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 653 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 772(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

     

    Quote:
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكى_Malika_نىڭ2009-05-28 23:57 دە يوللىغان يازمىسى   :
    باياۋان ئەپەندىم بىلەن تونۇشقىنىمدىن تولىمۇ خوشالمەن،بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن! سەبىخە ھەدەمگە رەھمەت!
    مەندەك سىڭلىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ھە

    ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
    سىزدەك ئوماق سىڭلىمنى قانداقمۇ ئۈنتۇپ قالاي،سىزنى ئۆزۈم بىر قوللۇق سۆھبەت ئىلىپ باراي دىگىچە {ئۈمۈد007 } ئۇكۇم چاققان چىكەتتى ئەمەسمۇ

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    بىلىم قىمىتىنى بىلىملىك بېلۇر،
    ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 00:04 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    uyghuriya77
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 85836
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 58
    شۆھرەت: 58 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 580 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 157(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    باياۋان ئەپەندى ھەقىقەتەن ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ. بۇ سۆھبەت ئادەمنىڭ خېلى ئەقلىنى ئاچىدىكەن.ئەجرىڭلارغا كۆپ رەخمەت.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 00:06 |
    شەبنەم ناخشىسى
    qqopp
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 21610
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1001
    شۆھرەت: 1032 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9925 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 40 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1757(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    پەيزى چىقىپتۇ ، يەنە بىر توردىشىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقىپتۇق .
    سەبىخە ھەدىمىزنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت .
         سوراپ باقسام  باياۋان ئەپەندىم 1982-يىلى تۇغۇلۇپ 1998-يىلى خىزمەتكە چىققانمۇ ؟
      ھىساپتا 16 ياش ۋاختىڭىزدا خىزمەتكە چۈشۈپ بالا مۇئەللىم بولغان ئىكەنسىز ، ئۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇش تۈزۈمى ھازىر قىغا ئوخشىمامتى ؟

    سۇ جىم تۇرسا تىنىپ تۈگەيدۇ ، ئادەم جىم تۇرسا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ .
      دەرەخ كۆچسە ئۆلىدۇ ، ئادەم كۆچسە كۆكلەيدۇ .
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 00:08 |
    شەبنەم ناخشىسى
    باياۋان
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 69469
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1225
    شۆھرەت: 1299 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 12189 سوم
    تۆھپە: 101 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 130 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1545(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    Quote:
    بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىqqoppنىڭ2009-05-29 00:08 دە يوللىغان يازمىسى   :
         سوراپ باقسام  باياۋان ئەپەندىم 1982-يىلى تۇغۇلۇپ 1998-يىلى خىزمەتكە چىققانمۇ ؟
      ھىساپتا 16 ياش ۋاختىڭىزدا خىزمەتكە چۈشۈپ بالا مۇئەللىم بولغان ئىكەنسىز ، ئۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇش تۈزۈمى ھازىر قىغا ئوخشىمامتى ؟


    نىمىشقا ئوخشىمىغۇدەك ، ئەلۋەتتە بىردەك ، بىراق بۇ ، ئەمەلىيەت . تۇلۇقسىزدىنلا ئوتتۇرا تېخنىكومغا بارغانمەن .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    http://izdax.xjalexa.cn/news.jpg
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 00:15 |
    ziyaliy
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 40943
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1378
    شۆھرەت: 1400 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 13725 سوم
    تۆھپە: 21 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1349(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    گەرچە شەبنەم مۇنبىرىگە يوللانغان خەتلەر تولۇق چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما باياۋان ئەپەندىنىڭ    ئىشلىرىدىن خەۋەردارمەن،   مەن باياۋان ئەپەندى بىلەن بىر ناھىيدىن، باياۋان ئەپەندى  مەخسۇس  يېزام  تورى  دەپ بىر تور بېكىتى قۇردى،  مەزمۇنى خېلى ياخشى.          

       ماۋۇ شەبنەم  شىركىتىدكى  پەن - تېخنىكا خادىملىرى  نېمە ئىش قىلىدۇ دەيمەن،  نېمىشقا بىزنىڭ  ئىلىخودا    ئۇيغۇرچە  خەت تونۇمايدۇ،   مۇشۇ ئىنكاسلارنىمۇ پەرق ئىتلەمەي   يازدىم.    دىيارىم، سەلكىن تورلىرىنى ئاچسام ئۇنداق چىقمايدۇ.   پەقەت شەبنەم شۇنداق

    دىل ئازار- خۇدا بىزار
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 00:29 |
    ئۈمۈد007
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20241
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1729
    شۆھرەت: 1746 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 100006990 سوم
    تۆھپە: 196 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 92 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 676(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    بۇ تولىمۇ ياخشى زىيارەت بوپتۇ. مۇخبىر ئاچاشقا كۆپتىن كۆپ رەھمەت

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى


    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 00:44 |
    ئۇيغۇرا
    ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!!!
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 12271
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1668
    شۆھرەت: 1839 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10 سوم
    تۆھپە: 334 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 419 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3356(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    Quote:
    بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىASAN-YUSANنىڭ2009-05-28 23:51 دە يوللىغان يازمىسى :
      كەچۈرۈڭ تىما ئىگىسى ۋە مۇنبەر ئەھلى ، ئامالسىزمەن ، مېنىڭ كومپىيۇتىرىمدا تۇيۇقسىز مۇنبەردىكى خەتلەت ئۆزگىرىپ كىتتى ، بۇ خەتلەرنىمۇ تەستە يېزىۋاتىمەن ،بەلكىم سىلەرگىمۇ ششۇنداق چىقىدىغاندا ياكى ئۇنداق ئەمەستۇ ، ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار بارمۇ ؟ ؟ ؟

    كەچۈرۈڭلار.


      « ماتېرىيالىم » دىن كىرىپ ، بەتنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئۇسلۇپ تاللاشنىڭ سول تەرىپىگە قاراپ ، كاتەكچىدىكى خەتنى wind5 كە ئۆزگەرتىپ ، ئاستىدىكىنى  « قولايلىق تەھرىرلىگۈچ » كە تەڭشەپ سىناپ بېقىڭ !

    شەبنەم خەلقئارا گېزىتى !
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 00:57 |
    Gulzohra
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 82501
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 983
    شۆھرەت: 986 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9830 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 269(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    يەنەبىر توردىشىم بىلەن تونۇشقىنىمدىن خوشالمەن..............

    خوشاللىق سىز ھەم بىزگەياربولسۇن!
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 01:02 |
    UYGHURAAA
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 62532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1860
    شۆھرەت: 2390 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17643 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 798(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    ھەممىڭلارغا رەھمەت،سىزنىڭ سۆھبىتىڭىز مىنىڭكىدىن ئەتراپلىىق بولۇپتۇ.

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 01:36 |
    中校
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 91641
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    شۆھرەت: 6 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 03:17 |
    kumux
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 1070
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 90
    شۆھرەت: 433 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 690(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    باياۋان ئەپەندىم بىلەن تۇنۇشقانلىقىمدىن ناھايتى خۇشالمەن .

    كۈمۈشجان
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 04:45 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » ئەزالار زىيارىتى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-30 03:56, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ