مەن شۇنداق ئادەم .
نىمىشقىكىن ئىچىمدىكى نۇرغۇن ئەلەملىرىمنى ئۆزئىچىمگە يۇتىۋىتىپ يەنىلار تۇرغۇن ھالىتىمنى ساقلارپ قالىمەن ، چۈنكى مەن ۋايساشنى ياقتۇرمايمەن ، مىنىڭچە ۋايساش ھىچكىشىگە قىلچىلىك پايدىسى تەگمەيدىغان ئەخلەت سۆزلەر قاتارىغا كىرىدۇ .
بولۇپمۇ ئەركىشى ۋايسىسا پەقەت ياراشمايدۇ . بەزىلەنىڭ ۋايساشلىرىمىزغا قاراپ قولۇمدىن كىلىشچە شئېردەپ بىرنىمىلەرنى يىزىپمۇ قويىمەن .
ۋايسىما
جاھاندا مۈشكۈل كۆپ يەڭگىن لىكىن ۋايسىما ،
ئارزۇ كۆپتۇر دەرمانسىز ئىنتىل لىكىن ۋايسىما .
قايغۇ كۆپتۇر شادلىقىقتىن چىدا لىكىن ۋايسىما ،
يۈكۈڭ ئىغىر يول يىراق يۈگۈر لىكىن ۋايسىما .
بەخىت يولى ئالدىڭدا چىدام -غەيرەت قولۇڭدا ،
ياشا جەسۇر ئاش داۋان يەنە لىكىن ۋايسىما .
ئاسان ئەمەس ئادەمگە ھەردەم كۈلۈپ ياشىماق ،
ياش تۆكسەڭمۇ ئۈن -تىنسىز ئەمما لىكىن ۋايسىما .
نىيەت - مەقسەت ئىنسانغا ماڭغىن دەيدۇ ئالدىڭغا ،
چارچاپ كەتسەڭ ناۋادا دەم ئال لىكىن ۋايسىما .
شاتلىقلىرىڭ يۈزئۆرۈپ يوقلاپ كەلسە ئەلەملەر ،
كەڭرى تۇتقىن كۆڭلۈكنى يۈت زەر لىكىن ۋايسىما .
ياشلىق دىگەن ئالتۇن تاغ قازغىن ئۇنى قەدىرلە ،
بۇزۇپ چاچساڭ ھەرياققا قىرىغاندا ۋايسىما .
كۆڭۈل دىگەن بىر شاش ئات تىزگىنىنى چىڭ تۇتقىن ،
چىقىپ كىتىپ تىزگىندىن ھەر بالانى تىرىغاندا ۋايسىما .
ھەر ئادەمگە ئۆزدەردى تاغدىن ئىغىر بىلەمسەن ؟
كۆڭۈلنى شاد ئەيلىگىن دەت ئۈستىگە ۋايسىما .
سەندىن ئىغىر كۈلپەتكە دۇچار بولغان ئادەم كۆپ ،
ئۆز دەردىڭنى ئۆزۈڭ يۇت دەت ئۈستىگە ۋايسىما .
شۇنداق ئالتۇن ۋاقىتتا قاقشاپ يۈرۈپ بىر ھازار ،
ھازىرنى چىڭ تۇتالماي ھىلى كىلىپ ۋايسىما .
ساقايساڭلا ياخشىسى تۇرۇپ كەتكىن ئورنۇڭدىن ،
پەقەت بىركۈن ئاغىرىپ ئۈچ كۈن يىتىپ ۋايسىما .
ئۇتتۇر ساڭمۇ چىلىشتا تۇرۇپ كەتكىن ئورنۇڭدىن ،
يىڭىلىشنى بىر نۆۋەت ئۈگەندىم دە ۋايسىما .
ئادەم دىگەن كۆپ ھالدا دەت ئىچىدە ياشايدۇ ،
ھىسابتا يوق ئىشلاغا داۋراڭ سىلىپ ۋايسىما .
ئىشقىلىپ بىرىگە ۋايساشنى ياقتۇر مايمەن .
نىمىشقا ؟
چۈنكى بۇدۇنيادا ۋايساش بىلەن ھىچ ئىش پۈتكەن ئەمەس ، ۋايسىغانننىڭ قىلچىلىك پايدىسى يوق ، ئادەم ئۆزىگە ئۆزى داۋاقىلىشى ، قىيىنچىلىقىنى ئىمكان بار ئۆزى تىرىشىپ ھەل قىلىشى ، ئۆزىنىڭ قۇدىرتى يەتمىگەندە داۋىراڭسىز ھالدا ئىشەنگەن دوس -يار -بۇرادەرلىرىدىن ياردەم سورىشى كىرەك ، ئەمما ۋايساشقا بولمايدۇ .
بىزنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرىمىزدە ۋايساش كۆپ .
ۋايسىمايلى !
تىرىشايلى !
ئۆزۈمگە ئۆزۈم ھەمىراھ بولۇپ قىيىنچىلىقلارنى بىردىن بىردىن يىڭىشنى ئويلايمەن .
پات پات ئۆزۈمگە ئۆزۈم : - غەيرەت قىل ، غەيرەت قىل دەپ قويۇشلىرىممۇ بار تىخى .
مەن مۇشۇنداق بىر ئادەم ، قىيىن تەس ئىشلارغا ۋايساپ كەتمەيمەن . تىرىشىپ باقىمەن .
تىرىشىپ بىقىش مىنىڭ ھوقوقۇم ، ۋايسىماسلىق مىنىڭ مەجبۇرىيىتىم ، چۈنكى ۋايساشقا ھەقىم يوق . يەتتە ئەزايىم بىجىرىم ساق سالامەت ئادەم تۇرۇپ روھىمنى مەجرۇھ قىلىپ ۋايساپ نىمىمۇ قىلاي ، تىرىشسام ھەل بوپ كىتەر ، بەك قىيىن ئىشلار يوققۇ ، ئۇرۇش مەزگىللىرىدىمۇ نىنى
كىشىلە ھەممىنى ئىچىگە يۇتۇپ قىرىنداشلىرى ئۆلسە ئۇلارنى دەپنە قىلىپ قويۇپ ئۆزلىرى جەڭگە ئاتلانغان ئەمەسمۇ ؟ ئانىسى كەتتى ، دادىسى كەتتى ، قىرىنداشلىرى كەتتى چىدىدى
يەنە نىمىگە چىدىمىسۇن كىشى ؟
يوقىلاڭ ئىشلارغا ۋايساش ، ئاھ ئۇرۇپ ئۆزىنى يوقۇتۇش خاتالىق ، ھەممىسى نورمال بولغىنى ياخشى ، نورماللىق ھەممىنىڭ ياخشىسى .
مەن مانا مۇشۇنداق ئادەم .
مەنبە : تۇرمۇش ھاسىلاتى .
[ بۇ يازما qqopp تەرپىدىن2009-05-28 21:18دە قايتا تە ]