باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى ikin بۇ تېمىنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-05-28)
فىزىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى يىتةكلشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى توغرىسىدا
مةمتىمىن ئابدۇراخمان
(مةكىت ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مةكتةپ)
قىسقىچةمةزمۇنى:ماقالىدا فىزىكا ئوقوتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى يىتةكلةشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان بۇلۇپ ئوقۇغۇچىلارنى يىتةكلةش،دةرىسخانىنى باشقۇرۇش ،ئىككىنچى دةرىسخانىنى تةشكىللةش قاتارلىقلارنىڭ فىزىكا ئوقۇتۇشىدىكى رولى ئةتىراپلىق تةھلىل قىلىنغان. ئاچقۇچلىق سۆزلةر: فىزىكا،ئوقۇتۇش، ئۈگىنىش ئۇسۇلى،دةرىسخانا باشقۇرۇش فىزىكا -تةبىئةت ھادىسلىرى ۋة ئۇلارنىڭ ھةرىكةت ھالىتى،قانۇنىيةتلىرى،ماددىلارنىڭ ھةرقايسى قةۋةت تۈزىلىشى،ئۆز-ئاراتةسىرلىرىنى تةتقىق قىلىدىغان شۇنداقلا ئىنسانىيةت، شةيئىلةر تةرةققىيات جةريانى ۋة تةرةققىيات قانۇنىيتى توغرىسىدىكى ئىلمىي نةزىريلىرىنىڭ يىغىندىللىرى تةجىرببىللىرى ئاساسىدا مةيدانغا كةلگةن ئةمىلىيةتچانلىقى كۈشلۇك بولغان پةن. فىزىكا ئوقۇتۇشتىكى مةخسةت - فىزىكىلىق مةسىللةرنى چۈشۇنىش،ئةقلىي خۇلاسة قىلىش،ئۇنۋىرسال تةپةككۇر قىلىش،ماتىماتىكىلىق بىلىملةردىن پايدىلىنىش،تةجىربىلارنى لاھىلةش ۋة قول سېلېپ ئىشلةش ئىقتىدارلىرىنى يىتىلدورۈش. ھةممىمىزگة مةلۇمكى ئوقۇغۇچىلاردا كونا ئوقۇتۇش ئوسۇلىنىڭ تةسىرىى تۈپةيلىدىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېغېزدىن چىققىنىنى،دةرىسلىك كىتاپتا يېزېلغىنىنىڭ ھةممىسىنى توغرا دةپ قارايدۇ.شۇنداقلامۇتلةق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلاركىتاپتىكى بىلىملاردىن قةتئىي گۇمانلانمايدۇ،دة قارىغۇلارچة ئۈگىنىش ئةھۋاللىرى مةۋجۈت بىراق ھازىرقى زامان مائارىپى ۋة دةۋىرنىڭ تةلىپىنى بو خىل ئۈگىنىش ئۇسۇلى قاندۇرالمايدۇ . خوش!يۇقارقى مةخسةتكة يېتىش ئۈچۈن نىمىلةرنى قىلىشىمىز كېرةك؟ ئوتتۇرا مةكتةپ ئوقۇغۇچىللىرى فىزولوگىيلىك ئۆزگىرىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا ئولارنىڭ ئابىستىراكىت تةپةككۇر ئىقتىدارى ناھايىتى تىز تةرةققىي قىلىۋاتقان بولىدۇ ،جۈملىدىن بىز ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تةپةككۇر ئۇسۇلىغا يىتةكلىسةك ئولاردا شۇنداق تةپةككۇرنى تېزلايىتىلدۇرگىلى بولىدۇ.دىمةك توغرا بولغا ن ئىلمىي يىتةكلةش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا فىزىكا ئوقۇتۇش مةخسىدىنى ئةمةلگة ئاشۇرغىلى بولىدۇ.تۈۋةندة مول تةجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۈگىنىش،ئةستايىدىل تةتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۈزۈمنىڭ ئوقۇتۇش ئسۇسۇلۇم بىرلةشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى يىتةكلةشنىڭ ئىلمى ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش ۋة ئةمةلىي ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۈنۈمگة ئىرىشكةن موھىم ئۇسۇللارنى ئوتتۇرغا قۇيىمةن . 1 . ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇش. فىزىكا دةرسىلىكى (بولۇپمۇ يېڭى دةرىسلىك)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئةتىراپلىق تةرةقىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۇشنى مةخسةت قىلغان .ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىكا بىلىملىرى ۋة ئىلمىي ئىزدىنىش جةريانىنى بېشىدىن ئۆتكۇزۇش ئىلمىي ئىزدىنىش ئۇسۇلىنى ئۈگۇنىش،شۇنداقلائةمىلىي قابىليةت ۋة يېڭىلىق يارتىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش تةشةببۇس قىلىنغان شۇنىڭ ئۈچۇن بىز ئوقۇغۇچىلاردا ئىزدىنىش خاراكتىرلىك ئۈگۈنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرىشىمىزكېرةك . ئىزدىنىش خاراكتىرلىك ئۈگۈنىش-مةسىلة ۋة ھادىسىلةرنى بايقاش، مةسىلة ۋة ھادىسىلةر ئۈستىدة ئىزدىنىش،ئۇگةنگةن قانۇنىيةتلةر ئاساسىدا مةسىلة ۋة ھادىسىلةرنىڭ ماھايىتىنى ئىگةللةش،ۋة ئةقلىي خۇلاسة چىقىرىشتىن ئىبارةت قةدةممۇ-قةدةم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۈگىنىش ئۇسۇلى. ئوقۇغۇچىلار بوخىل ئۇسۇلنى ئىگةنلىگةندة ئوقۇغۇچىلاردا ئۈگنىنش تةشةببۇسكارلىقىنى يۇقىرى كۇتۇرۇپ،تةپةككۇرىنى بېيىتىپ،ئۇگةنگةن بېلىملىرىنى ئةمىلىيةتتةقوللىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپ،ئۈگىنىش جةريانىنى ھىس قىلدۇرۇپ،باشقىلار بىلةن ھةمكارلىشىش،ئىتىپاقلشىش،روھىنى يىتىلدۈرگىلى بولۇپمۇفىزىكا پىنىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ئوقۇغۇچىلاردا ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىزدىنىش خاراكتىرلىك ئۈگۈنىش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشتة تۈۋةندىكىلارگة ئالاھىدة ئةھمىيةت بىرىش كېرةك. ①ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا نىشانلىق تىما (مةسىلة،سۇئال)تاشلاپ بىرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تةسةۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكة ماھىر بولۇش كېرةك. فىزىكا دةرىسى ئةمىلىي تۇرمۇشقا زىچ باغلىنىشلىق بولغان ئونۋىرساللىقى ۋة ئةمىلىيةتچانلىقى كۈچلىك بولغان پةن. فىزىكىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلنىپ ئوقۇغۇچىلارتةسةۋۋۇر قىلالايدىغان تۇرمۇشقا يېقىن بولغان تىمىلارنى تاشلاپ بىرىش كىرةك مةسىلةن :‹‹سۇركىلىش كۈچى››دىگةن دةرىسنى ئۈتۈشتىن ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارغا نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ،‹‹سۇركىلىش كۈچى دىگةن نىمة؟›› ‹‹سۇركىلىش كۈچىنىڭ ھاسىل بولۇش شةرتى؟››‹‹سۇركىلىش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قايسى ئامىلغا مۇناسىۋةتلىك ؟›› دىگةنگة ئوخشاش سۇئاللارنى تةھلىل قىلىپ كىلىشىنى،تةھلىلىگة ئاساسةن تةجىربة لاھىيسىنى تۇزۈشى قول سېلىپ ئشلشى ،ۋة تةجىربة خۇلاسىسىنى يېزىپ چىقىشىنى ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرساق، ھةمدة ئوقۇغۇچىلارنى رىغبةتلةندۈرۈش بىلةن بىرگة دةرىسنى ئومۇملااشتۇرۇشىمىز كېرةك . ② دةرىس مةزمۇنىغا ئاساسةن مةشىقلةندۈرۈشكة ئةھمىيةت بىرىش كېرةك ئوقۇغۇچىلارنى مةشىقلةندۈرۈش ئارقىلىق ئۈگةنگةن بىلىملىرىنى مۇستةھكةملىگىنى بولۇپلاقالماستىن ئۇلارنىڭ ئۈگةنگةن بىلىملىرىنى ئۇنتۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىنى ،شۇنداقلائۈگةنگةن ئائىدة قانۇنىيةتلةرنى ئةمىلىي مىساللاردا قۇللىنالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدۇ .شۇڭا دةرىس مةزمۇنىغا ماس بولغان يانداشما مةشىق،ئالىي مةكتةپ ئىنتىھان سۇئاللىرى بىلةن مةشىقلةندۈرۈشكة ئةھمىيةت بىرىش كېرةك.ئۇنىڭ ئۈستىگة ئوتتۇرا مةكتةپ ئوقۇغۇچىللىرىدا ئۈزىنى كۆرسىتىش پىسخىكىسى كۈچلىك بولىدۇ .بۇ ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى مۇۋاپىق بولغان رىقابةتكة سېلىش ئارقىلىق مةشىقلةندۈسىمۇ بولىدۇ. 2.دةرىسخانىنى باشقۇرۇشقا ئةھمىيةت بېرىش كېرةك. ئوڭۇشلۇق،ئۈنۇملۇك دةرىس ئۈتۈشنىڭ ئاساسىي دةرىسخانىنى ياخشى باشقۇرۇش.ئوقۇتقۇچىنىڭ دةرىسنى مۇۋاپىق لاھىليةلمةسلىكى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش مۇھىتى ،ئائىلة تةربىيسى ئوخشاش بولمىغاسلىقى ۋة جةمىئةتنىڭ ئۇلارغا بولغان ھةرخىل تةسىرلىرى تۈپةيلىدىن دةرىسخانىنىڭ نورمال كةيپىياتىغا تةسىر يىتىدىغان ئةھۋاللار يۈز بىرىدۇ. بۇخىل ئةھۋاللار ۋاختىدا بىر تةرةپ قىلىنمىسا دةرىس ئۈنىمىگة زور تةسىر كۆرسىتىدۇ. دةرىسخانىنى باشقۇرۇشتا تۈۋةندىكى بىر قانچة ئامىللارغا دىققةت قىلىش كېرةك ⑴ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۈزىگة مايىل قىلىش كېرةك.ئوقۇغۇچى قابىليةتلىك،ئاكتىپ،پائالىيةتچان ۋة بىخةتةر ئۈگىنىش مۇھىتىنى ساقلايدىغان شۇنداقلامةسھۇلىيةت تۇيغۇسى كۈچلىك ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمةتلةيدۇ.مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دةرىس ئۈتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئۈزىگة مايىل قىلىش ئۈچۈن يۇقارقى شةرىتلةرنى ھازىرلىشىمىز كېرةك. ⑵ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىكا دةرىسىگة قىزىقتۇرۇپ ئۈگۈنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرىشىمىز كېرةك.ھةرقانداق بىر پةندة نةتىجة يارتىشنىڭ ئاساسى شۇ پةنگة بولغان قىزىقىش موھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقىشىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ①ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىكا دةرسىگة بولغان قورقۇشىنى تۈگىتىشىمىز كېرةك.سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا ‹‹فىزىكا ئۈگىنىش تةس!؟››دىگةن قاراش مةۋجۈت بولۇپ ئۇلار فىزىكا دةرىسىنى ئاڭلىماي تۇرۇپلا خۇدۇكسىرةش ،پةيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار فىزىكا دةرسىنى باشلاشتىن بۇرۇن فىزىكا دةرىسىنىڭ تةس ئةمةسلىكىنى ،پةقةت كۈڭۈل قۇيۇپ ئةستايىدىللىق بىلةن ئۈگةنسىلائۈگةنگىلى بولىدىغانلىقىنى تۇنىتىش بىلةن بىرگة فىزىكىنىڭ ئةمةلىي قوللىنىشچانلىقىنى ۋة تۇرمۇشىمىزنىڭ موھىم بىر قىسمى ئىكةنلىكىنى ئةمةلىي مىساللار بىلةن چۈشةندۈرۈشىمىز كېرةك.②دةرىسنى قىزىقارلىق ئةمىلىيةتچىل ئۈتۈشمۇ فىزىكا دةرىسىگة بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشنىڭ ئۈنۈملىك ئۇسۇلى .③ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ يىڭىچة بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش،ئۇنۇملىك ياردةم ۋة يىتةكلةش بىلةن تةمىنلةش كېرةك.④ئوقۇتۇش جةريانىنى مۇۋاپىق باسقۇچلۇق ئىلمىي تةشىللةشكة ماھېر بۇلۇش كېرةك ئوقۇتقۇچى يۇقارقى نوختىلارغا ئةھمىيةت بىرىش بىلةن بىرىپ مۇئةييةن ئائىدة تۈزۈملةرنى باشتىن ئاخىرئىزچىللاشتۇرۇپ ۋة ئىجرا قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش قابىلىيتى قىزىقىش دائىرسىگة ئاساسةن ئۇقۇتۇش ئېلېپ بارسا دةرىسخانىنى باشقۇرۇش ئۈنىمىنى يۇقىرى كۈتۈرگىلى بولىدۇ. 3.Ⅱ-دةرىسخانا پائالىيةتلىرىگة ئاكتىپ تةشكىللةشكة ئالاھىدة ئةھمىيةت بىرىش كېرةك. Ⅱ-دةرىسخانا پائالىيى يۇقارقى ئىككى چوڭ تۈرلىك يىتةكلةش ئۇسۇلىنىڭ مۇستةھكةملىنىشىدىكى ھالقىلىق ئۆتكةل .ئوتتۇرا مةكتةپ ئوقۇغۇچىللىرىنى ئۈگةنگةن فىزىكا بىلىملىرىنى ئةمةلىي قوللىنىشقا تةشكىللىسةك ئولار ناھايىتى ئاكتىپچان بولىدۇ.شۇڭا ھةرقايسى مةكتةپلةرنىڭ ئۆزىنىڭ ئةمةلىي ئةھۋالىغا ئاساسةن ‹‹فوتو-سۈرةتچىلىك كۇرژۇكى››‹‹ فىزىكا ئىجادىيةتچىلةر كۇرژۇكى››‹‹ئائىلة ئىلىكتىر تورى ۋة ئائىلة ئىلىكتىر سايمانلىرىنى قۇراشتۇرۇش ۋة ئشلىتىشنى ئۈگىتىش پونكىتى›› قاتارلىق كۇرژۇكلارنى تةشكىللةش ۋة ئىچىملىك سۇ بىلةن تةمىنلةش ئىدارىسى ،ئېلېكتىر ئىستانسىسى،ھاۋا رايى ئىستانسىسى ،تېلىگىراف ئىدارىسى،قاتارلىق ئورۇنلارنى ئىكىسكۇرسىية قىلىشقا تةشكىلةش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تةپةككۇرىنى ئۇرغۇتۇپ فىزىكا دةرسىگة بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ فىزىكا ئوقۇتۇشىدا ياخشى ئۈنۈمگة ئېرىشكىلى بولىدۇ. دىمةك بىز يۇقارقى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئىلمىي يىتةكلىگةندة ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئةتىراپلىق تةرةققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى ،فىزىكا بىلىملىرىنى ۋة ئىلمىي ئىزدىنىش جةريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگىلى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئةمةلىي قابىليةت ۋة يېڭىلىق يارتىش ئىڭىنى يىتىلدۇرگىلى ھةم فىزىكا ئوقۇتۇش مةخسىدىگة يةتكىلى بولىدۇ. |