سىلەرمۇ بــــاللىرىڭلارغا ئۈگىتەمسىلەر؟ ( 2 )
مىنىڭ نەزىرىمدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىز ئۇيغۇرئاي ئوماقلىرىمىزغا بالىلار قۇشىقى سۇغا قىپتىكەن.
مەن بۇنى تېمىنى كۆرۈپ، دىمىسىمۇ ئوماقلىرىمىزنى ئەقلىنى ئىچىشتا بالىلار قوشىقى، بالىلار ھىكايىسى، بالىلار چۆچىگى، بالىلار ناخشىسى، بالىلار تىپىشمىقىنىڭ بەكمۇ مۇھىملىغىنى ھىس قېلىپ قالدىم. مۇنبەرداشلار مۇشۇنداق تېمىلار ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ، مۇنبەردە ئوماقلىرىمىز ئۈچۈن بىر توپلام ھاسىل قىلساق، كەڭ ئاتا-ئانىلار بۇنىڭدىن ئازدۇر-كۆپتۇر پايدىلانسا ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ دەپ ئولۇدۇم. شۇڭا مانمۇ ئوماقلىرىمىز ئۈچۈن بىرنەچچە تىپىشماق سۇغا قىلاي.
بارچە قۇشلار ئىچىدە،
ئىسمى بەكمۇ قاملاشقان.
دەل-دەرەخنى داۋالاپ،
تىنىم تاپماس ھەرقاچان.
ئۇ نېمە؟
ئانىسى تۇپراق،
دادىسى قوياش.
ياتار سۇنايلىنىپ،
ئالتۇنغا ئوخشاش.
بۇرنى تىشىدا،
تىلى ئىچىدە.
تىلىدا باردۇر،
مىخلار زىچچىدە.
گۆشى شېرىندۇر،
تېرىسى يېغىر.
ياخشىسى شۇنچە،
بولىدۇ ئېغىر.
تىپىڭلارچۇ ئۇ نېمە؟
قات-قات ئۆزى،
ئاپئاق يۈزى.
يولى رەتلىك،
ئۈنسىز سۆزى.
ھوسۇللۇق يەر،
تۆكسەڭلار تەر.
ساڭا ئەقىل،
بىخش ئېتەر.
تىپىڭلارچۇ ئۇ نېمە؟
قېنى مۇنبەرداشلار، سىلەرمۇ ئاۋاز قوشقايسىلەر.