سەھرا بازىرىدىكى ھېكايە
بۇ سەھرا بازىرى دائىملا شۇنداق قاينام تاشقىنلىق مەنزىرىسى بىلەن ئۆز خېرىدارلىرىنى ئۇماچتەك پاتقاق ، ئۇپىدەك يۇمشاق توپىلىق كوچىلىرىغا جەلىپ قىپ تۇرىدۇ . بۇ بازارنىڭ كوچىلىرى پاراللېل كەتكەن ئۇزۇن ئۇزۇن كوچىلار بولۇپ ، ئادەملەر خۇددى ئەتىلا قىيامەت قايىم بولۇپ خەجلەيدىغان ئاقچىلىرى كېرەكسىز قەغەزگە ئايلىنىپ كېتىدىغاندەك پاتماي ، ئالدىراش ئاقىدۇ . بۇ كوچىدا كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىنى توسۇۋىلىپ ئالدىراش كېتىۋاتقانلارنىڭ بىلەكلىرىگە ، پاقالچاقلىرىغا ئېسىلىۋىلىپ خۇدانى شىپى كەلتۈرۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئاغرىق - سىلاقلىرى بىلەن باشقىلارغا تەھدىت سېلىپ ئىبرەت قىلىپ پۇل تەلەپ قىلىشىۋاتقان تىلەمچى سائىللارمۇ ، ئۈچبۇرجەك كوسار بىلەن ماز تىقىپ دىڭگايتىلغان باغىرداقلارنى قاتار ئېسىۋالغان يايما ھارۋىسى بىلەن يول توسۇپ ئولتۇرۇشقان يايمىچىلارمۇ ، كۈپكۈندۈزدە كوچىنىڭ ئوتتۇرسىدا يولغا لۆڭگە يېيىپ قويۇپ «قارا قىزىل « قارتا ئېچىپ ، چار گازىر تاشلاپ خەقنى قىمارغا قىزىقتۇرىۋاتقان قىمارۋازلارمۇ ، زىماتاڭ قاچىلانغان كىچىك سىۋەتلەرنى كۆتۈرىۋىلىپ ، بازار باشقۇرغۇچىلارنى كۆرسە پۇتلاشقان ئادەملەر توپىنى يېرىپ قاچالمايۋاتقان ، جىددىيلەشكەن ئۆسمۈر تىجارەتچىلەرمۇ ، ئەتراپتىكى مىژ مىژ ئادەملەردىن ھېچبىر ھېيىقماي يە ئىشتانغا ، يە كوسارغا تەۋە ئەمەس ، ساغرىلىرىنى چوڭ قۇيرۇقلۇق مەكىت قويىنىڭ قۇيرۇقىدەك پوسكايتىپ كۆرسىتىدىغان بىر نېمە كېيگەن ، يوتىسىنىڭ تۈۋىنى ئوچۇق پاچاقلىرىنى ، قولتۇق تۈكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان ئوچۇق كۆكسىلىرىنى لىغىرلىتىپ كېتىۋاتقان سەتەڭلەرمۇ ، يېنىدا پايپاسلاپ كېتىۋاتقان قارىمۇتۇق ، چىرايلىرىنى تەمرەتكە باسقان ، تاغاردەك قېلىن ۋە كەڭ كىيىم كىيگەن خوتۇنلىرىدىن ئوغرىلىقچە سەتەڭلەرنڭ ئارقىسىدىن قىزىقىش ۋە ئېچىرقاش بىلەن قارىشىۋاتقان شاپاق دوپپىلىق ياشلارمۇ ، شەھۋانىي مەزمۇندىكى سۈرەتلەر چۈشۈرۈلگەن كىچىك دورا قاپچۇقلىرى قاچىلانغان سومكىلىرىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ ، قانداقتۇر ئەرەب ،ھىندى ئەللىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ، ئايال زاتىغا يېقىنلىشىشتىن بەش مىنۇت بۇرۇن بىر تال يەۋالسا قۇترىغان بۇقىدەك يامان قىلىۋىتىدىغان مۆجىزاتلىرىنى مەدداھتەك سۆزلەپ كوچىنى بېشىغا كىيگەن ساختا قۇۋۋەت دورىسى ساتقۇچىلارمۇ ، لايىق تونۇشتۇرۇش قىزىق لىنىيسىنىڭ مۇلازىمەت ئېلانى يېزىلغان ۋەرەقىلەرنى تاقىتىپ يۈرگەن پىدائىي دەللاللارمۇ ، ئالدىغا ئون ئونبەش دانە مارجان دوپپىسىنى تىزىۋىلىپ ، ئالدىدىن ئايغىر ئاتتەك شاش قەدەملەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان دوپپىسىز ، كۆڭلەكسىز قىزلارغا چوڭ ئۈمۈت بىلەن تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان دۈمچەك مومايلارمۇ ، قايسىدۇر بىر كوچىدا ساۋاتسىزلىق تۈپەيلىدىن رەسمىيەت تولۇقلىمايلا بازارغا كىرىپ قالغانلىقىدىن كەچۈرۈم سوراپ ، يىڭنە سانجىپ قاداق بوپكەتكەن ئورۇق قوللىرى بىلەن دۇئا قىلىپ يالۋۇرىۋاتقان دوپپىچى مومايغا بازار باشقۇرۇش قائىدە نىزاملىرىدىن لېكسىيە سۆزلەپ ، دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان گۇناھلىرىنى تونۇتۇپ ھەيۋە قىلىۋاتقان بازار باشقۇرغۇچىلارمۇ ، نەدە جېدەل ماجرا ، مۇشتلاش بولاركىن دەپ كۆزلىرىنى ياغ سالغان چايدەك پارقىرىتىشىپ تىمسىقلاپ يۈرۈشكەن يانچۇقچىلارمۇ ، كۈن نۇرى چۈشۈۋېلىپ سۈرەت ئېنىق ككرۈنمەيۋاتقان تېلىۋىزور ئېكرانىدىكى قىزىل قىيامەتنى ئەسلىتىدىغان ھايت ھۇيت !تا ..تا..تات...لارغا قاراشقىنىچە قوللىرىدىكى سامسىلارنىڭ مايلىرى ئېقىپ ، توڭلاپ قالغىنىنى سەزمەي ئولتۇرۇشقان خېرىدارلارمۇ ...بار ئىدى.
بازارنى قاق ئىككىگە بۆلۈپ تۇرغان دۆلەت يولى بېسىق ئىدى . توپا چاڭ قونۇپ رەڭگى سۇس ھالغا كېپقالغان سانتانا ، تويۇتالارنىڭ ئىچىدە چىرايى بۇ دۇنيانىڭ غەم غۇسسىلىرىدىن مۇستەسنا ، خىرامان كۆرىنىدىغان خوجايىن سۈپەت ئەپەندىلەرنىڭ كۆز ئەينىكى بۇرنىغا چۈشۈپ قالغىنىنى سەزمەي باشلىرىنى ئارقىغا تاشلاپ ، ئاغزىنى ئېڭىكى چۈشۈپ قالغان ئۆلۈكتەك ئېچىشىپ ئۇخلاشلىرى تولىمۇ قىزىقارلىق كۆرۈنەتتى .
يولدىكى ئات ئېشەك ھارۋىلىرىنى يېرىپ ئۆتەلمەي جىلە بولۇپ تاماكىلىرىنى شورىغىنىچە تىتىلدىشىۋاتقان شوپۇرلارنىڭ ھەدەپ سېگنال بېرىشلىرى ، ئەزەلدىن ۋاڭ چۇڭنى كۆرسە ئاغرىيدىغان ئاجىز نېرۋامنى چىڭقالدۇرۇپ ، بېشىم ھەر ئۇۋىسىدەك غاژىلداپ ئاغرىپ ، بازارنىڭ خالىيراق چېتىگە سۈرۈلدۈم.
كوچىنىڭ بويىغىلا كىچىككىنە يايما ئېچىپ قويۇپ ئالدىدىكى خەقلەرگە ئۈمۈتلۈك نەزەر بىلەن تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ئون ئۈچ ئون تۆت ياشلاردىكى ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدىكى لامپۇچكىلارنى كۆرۈپ ، چەللە پېشايۋىنىمنىڭ لامپۇچكىسى كۆيۈپ كەتكەنلىكى ئېسىمگە كەلدى . ئېڭىشىپ لامپۇچكىدىن بىرنى ئېلىشىمغا بالا ئورنىدىن تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى .
- كەسىلە ئاكا ، ياخشى لامپۇچكا ، چوڭ زاۋۇتنىڭ ، ئاسان كۆيۈپ كەتمەيدا .
-قانچىغا ساتتىڭ؟
-بىژنى ئاسىلا ئىككى كوي ، ئىككىنى ئاسىلا ئۈچ يېرىم كوي .
-بولدى ، ماڭا بىرسىلا لازىم.
لامپۇچكىنى يانچۇقۇمغا سېلىپ ئۆرە بولغىچە بالىنىڭ سەل پەل جىددىيلەشكىنىنى بايقاپ ئارقامغا بۇرۇلغىچە تالون ۋە پارچە پۇل قىستۇرىۋالغان قىسقۇچلۇق تاختاي كۆتۈرگەن بىر ياش بالا مېنى قوپال جەينەكلىدى:
-ئىنداغ تۇرۇڭلا!
ئاستا چەتكە ئۆتتۈم . ياش بالا ئىشپىيۇندەك كۆرسىتىدىغان قاپقارا كۆزەينىكىنى تۈزەپ تۇرۇپ بالىغا تىكىلدى:
-كىنىشكاڭنى ئالە .
بالا دۇدۇقلىدى:
-كىنىشكام ...يوقتى.
-بوممىسا بولاپتا ، - ياش بالا قىسقۇچتىكى تالوندىن ئۈچنى قاتار يىرتىۋالدى -دە ،بالىغا ئۇزاتتى :
-15كوي بېرە.
بالا تاتىرىپ كەتتى.
- ئاكا ، مەن تېخى ئۇنچىلىك پۇل تاپمىدىم.
-نېمىشقا تاپمىدىڭ؟
- سودا يوق.
- ئالدىڭدا ئىدەم جىق تۇمامدا؟
بىردەمنىڭ ئىچىدىلا قىرىق ئەللىكچە كىشى قىستىلىپ تاماشا كۆرگىلى يىغىلغانىدى ، بالا بۇنچە جىق ئادەمنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھودۇقۇپ كېكەچلىدى:
- ئاكا ...بۇ لامپۇچكىنىڭ بىر دانىسىنى ئۈچ مودىن پايدىسىغا ساتىمەن .50تال ساتسام ئاران چىقىدىغان پايدىنى ئېپكېتەملا؟
-پايدىنى جىق تاپىمەن دېگەن ئىدەم رەسمىيەت بېجىسەڭ بوممامدا؟
-ئوقۇغۇچىلاغا تىجارەت رەسمىيىتى بېجىرىپ بەرمەيدىكەن ...يازلىق تەتىلدە ئازراق پۇل تېپىۋالاي دېگەنتىم شۇ...
- ۋىييى- ۋىيي! پۇل تاپما دېدىمما ؟ قانۇن بويىچە ھەق تۆلىۋىتىپ تېپىۋە.
- لېكىن ...15كوي ئېغىر بولاپكەتتى . ئاكا ، ئىۋۇ بىژ تال تالۇنغا تۆلەي ...
- ۋىييى ۋىييى ، قايلا مانى ؟ سەن ماڭا باھا قويامسەن تېخى ؟ بولە ..بولە...
بالا تېخىچە تېڭىرقاپ تۇراتتى . بالىغا سەل ئىچىم ئاغرىپ ئۆزۈمچە ئارىلاشتىم :
- بولاپتۇ دەپ قىيناشمىسىلا بالىنى ، ئوقۇغچىكەن ئەمەسما ، قىينچىلىقىنى ھەل قىۋاسۇن ، سىلىمۇ ئېغىر دەۋەتتىلە.
- ئېغىر كەگەن بوسا بۆلەك ئىش قىسۇن بازارنى پاخال قىمماي .
- كىچىك بولسىمۇ ھالال تىرىكچىلىك قىپتۇ مانا ، ئوغرىلىق قىلسا قانۇنغا خىلاپ ، ئتېىبار قىلسىلا ئەمدى.
ئكزۈمچە خېلى جايىدا سۈلھى قىلدىم دەپ كېرىلىپ تۇرسام ، ياش بالا قولىدىكى تالۇننى يەرگە ئاتقىنىچە ماڭا ھۆرپەيدى:
- ئېتىبار؟ بىزگىمۇ ۋەزىپە با ، ئادىشوي ! بېرىپ ئۇمىچىڭنى ئىچە ئىشىمىزغا ئارىلاشماي ! ما شەپكە بىلەن چاپاننى سېپبېرەيمۇ - يە؟
كۈتمىگەن يەردىن ئاڭلىغان يامان گەپ ھار كېلىپ ، ئادەم كۆپ جايدا ئوسال بولغىنىمدىن نېمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرسام بىرسى يېڭىمنى تارتتى . قارىسام ، ئىلگىرى بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ئىكەن.
- جۈرە ، - دېدى ئۇ مېنى شەرەتلەپ . ئوچۇقچىلىققا چىقىپ ئاندىن ساۋاقدىشىم ماڭا كۈلۈمسىرىدى :
-بۇنداق ئىشقا ئارىلاشما . ئۇ بالىغا يان باسىمەن دېسەڭ ئۇنىڭ رەسمىيىتى يوق تىجارەت قىلغان ئاجىزلىقى با. ئىچ ئاغرىتساڭ قانۇن ھېسسىياتنى ئېتراپ قىلمايدا.
- ئەمىسە رەسمىيەت كەتمەيدىغان ئوغرىلىق ، بۇلاڭچىلىق قىسا بولامتى؟
تېرىكىپ تۇرغىنىمدا ساۋاقدىشىمغا قاتتىق تەگدىم . بىراق ئۇ قىلچە ھار ئالماي كۈلۈمسىرەپ قويدى :
- قانۇن بۇنداق داڭقانپۇتى گەپنى ئېتراپ قىلمايدا . ئەڭ ياخشىسى خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما . جۈرە ، تاماق يەيلى.
ساۋاقدېشىم بىلەن كوچا بويىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق . قورسىقىم سەل ئاچقان بولسىمۇ بايا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا ئىزا ئاھانەت ئىشتىپ ئوسال بولغىنىم ھار كېلىپ تاماقمۇ تۈزۈك گېلىمدىن ئۆتمىدى . ساۋاقدىشىم ماڭا تىكىلىپ قاراپ بېشىنى چايقاپ كۈلدى:
- ئادەتتە بىر ئىشلانى بەك ئىچىڭگە ئېپكىتىسەن . كۆڭلۈڭنى چۈشىنىشكە بولىدا . لېكن ھەممە ئىش ئىدەمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولىۋەمەيدا . جۈرە ، چىقىلى.
دۇئا قىلىپ تالاغا چىقتۇق . ساۋاقدىشىم بازار ئىچىگە ، مەن ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن كىچىك بېكەتكە جۆنىدۇق . تېخىچە خاپىلىقىم تارىماي چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام ئىدىم . خيال بىلەن كېتىۋىتىپ بىر ئاپتوۋۇزنى ئورۇۋالغان توپقا كۆزۈم چۈشتى . بوينۇمنى سوزۇپ قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ سېرىلما ئىشىكى يېنىدا ئاپتوبۇس شوتىسىدىن چۈشمەي يەرگە قارىغىنىچە پوكاندەك ئېسىلگەن ئون بەش ئون ئالتە ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنى كۆردۈم . يۇمىلاق يۈزلۈك ، ئاقپىشماق كەلگەن ئۇماققىنە بۇ قىزنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرا ياش ، بۇرۇتلۇق بىر كىشى ھەدەپ ئاچچىقلاۋاتاتتى :
- بايام قاشقادىن چىققاندا ئوچۇق گەپ قىلماي چىقىتۇ . پۈتۈن كىرالىق ئورۇندا ئولتۇرىۋىلىپ يېرىم يولدا چۈشۈپ قالىتىمەن دېسە ماڭا زىيان بومامتا ئەمدى.
- ئەمىسە ئۇ قىز بالىنى خوتەنگە ئاپىرىۋەتسىلە ئۇستام ، - دېدى توپ ئىچىدىن بىرى چاقچاق قىلىپ.
ئولىشىپ تۇرغانلار پاراققىدە كۈلۈشتى .
- ئەدەمنى ئانداغ زاڭلىق قىمماڭلا ،نەدە ئاينداغ ئىش با؟
-ئەمىسە مېڭىۋەمەملا پۇلى يوق قىز بالىنى قىژنىماي.
- مەنمۇ يوغان تۆمۈگە بيىدىن ، بىيدىن ئەدەم سېلىپ توشۇپ ئالتە جاننى باقتىمەن قالاڭ.
قارىغاندا ، بۇ قىز يېزا بازىرىدا چۈشۈپ قېلىش ئۈچۈن ئۇقۇشمايلا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا چىقىپ قالغانىكەن . ئاپتوبۇسنىڭ ماڭلىيىدا قەشقەر - خوتەن دېگەن خەت كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئەمدى شەھەردىن يېزىغىچە بولغان پارچە كىرا بىلەن ئۇزۇن يوللۇق كىرا ھەققىنىڭ دەتالىشى بولۇۋاتقىنى ئېنىق ئىدى . ئادەم كۆپ يەردە گەپ سۆزمۇ كۆپ ، ھەرخىل بولىدىكەن . توپلاشقانلار غۇلغۇلىغا چۈشۈپ كېتىشكەنىدى:
- ئۇستامۇي ، ماشىنىلىرىنىڭ تىژ ئامان مېڭىشى ئۈچۈن بولاپتا دېسىلە ئەمدى.
-خوتەنلىك جايىل خەق . بىژنى بىژ دەيدا ، ئۇنىماسمىكىن.
-بىژ كىشىلىك ئورۇننىڭ كىراسىغا ئۇنچە قىپكەتمىسىمۇ بولىدا.
-كۆز دېگەن چوڭقۇ يەدە ، تويمايدىغان گۇي...
- ئىدەم دېگەن ئىنساپسىز بولاپكەتتى.
-ھەئە ، مېھرىبانلىق كۆتۈرەلەپ كەتتى.
-ما قىز بالىمۇ قويمىچى ئوخشىمامدا . لۆم لۆم ئورۇندا vcd كۆرەپ ئېغىناپ ئولتۇرىۋىلىپ ، ئەمدى كۆزىنى يۇمۇپلا تۇرۇۋالدىمۇ تېخى!
- ھازىر قىز باللىمۇ يامان ، بۆشۈكىدە قېرىپ قالىدا.
-بىژ نېمە دېگىلى بولمايدىغان بولدى.
- بۇ قىز ئۇنداغ ئەمەستەك.
-ئۆتەۋا ! ماڭلىيىغا يېزىقلىق بولامتى ؟ ئۆزى بىلىدۇ.
- شۇ ! ھەممە ئىشنى مۇشۇنداغ قىز بالىلا قىلىدا ھازىر.
قۇشقاچ كامىرىدەك قاراڭغۇ ئېغىزلار توختىماي مىدىرلايتتى . چۆرىسىنى ئېشەك چىمىدەك يىرىك ساقال باسقان دورداي كالپۇكلارنىڭ بىرلىرى ھىجايسا ، بىرلىرى پۈرۈشەتتى . پىلدىرلىشىپ تۇرغان خۈنۈك كۆزلەر توپنىڭ ئوتتۇرىسىدكى قىزنىڭ ياپراقتەك تىترەۋاتقان ، ئەمدىلا يېتىلىشكە باشلىغان بويىغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن تىكىلگەنىدى . توپلاشقانلاردىن ئۇيالغان قىز ئالىقانلىرى بىلەن يۈزىنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى. توختاۋسىز تىترەۋاتقان بەدىنى مۈكچەيگەندەك كۆرۈنەتتى.
باياتىن بېرىقى خاپىلىق بىلەن قوشۇلۇپ بۇ ئىش نېرۋامنى تېخىمۇ چىڭقالدۇرۇپ قوداڭشىتىۋەتتى . ئاۋۇ قىز مېنىڭ بۇيىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بارغان سىڭلىم دېمەتلىك كېلەتتى . تۇرۇپلا سىڭلىمغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى . ھەئە ، خۇددى سىڭلىم توپنىڭ ئارىسىدا ئۇر چاشقانغا قالغان ئىگىسىز بايقۇشتەك كۆرۈنۈپ ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولدى . سىڭلىم بۇنداق ۋەھىمىلىك سورۇندا تۇرسا بولمايتتى . بولۇپمۇ بىزدەك ، ھاي ، ھاي ، مەندەك ئاكىسى بار يەردە ئۇنداق خورلانسا نومۇس ئەمەسمۇ ، نومۇس!!!
بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر نەرسە مونەك بولۇپ تۇرۇپ قالغاندەك بۇرۇن پەررەكلىرىم ئېچىشىپ ، قېنىم قىزىغاندەك بولدى . ئىختىيارسىز توپ ئىچىگە قىستىلىپ كىرىۋاتسام ، باياتىن بېرى ھەممە ئادەمنى ئاغزىغا قارىتىپ بىشارەت سۆزلىگەن سېمىز قاسساپ كىشى يەۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا گۆلەيدى:
-نېمانداق قىستايدا ما بىژمە ؟ بىژنەسە پىشىرىپ قوياپتىما ؟
-پىشىرىپ قويغاچ ئولىشىۋالغانلا ھەقاسىلىرى - دېدىم جان ئاچچىغىمدا .
- مەكە ، قولاڭغا لىق كېلىدا، - قاسساپكامنىڭ ئەلپازى يامان ئىدى.
ئازىراق ئەيمىنىپ تۇرۇپ :
- خاپا بوممىسىلا ، مەن ئۆتۈۋالاي ، - دېدىم ئۇنىڭ كونا قىغدەك سېسىق پۇراۋاتقان تىنىقىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ . گاز تۈگىگەن چاقماقنى ھەدەپ ئوت ئالدۇرالماي ئاۋاەر بولۇۋاتقان شوپۇر ئۇستامغا قاراپ سىلىق سۆزلەشكە تىرىشىپ ئېغىز ئاچتىم :
-ئۇستام ، شۇنچە ئىدەمنىڭ ئالدىدا مۇشتتەك قىز بالىنى سۇندۇرغىدەك نېمىش بولدى بۇ يەدە؟
-مانە - مانە ، ھەممىللىرى ئايىنداغ دىيشىلا . قېنى كىم مەن بېرىۋىتەي دىيەلەپتۇ ؟ پۇل دېگەن يامان يەدىن چىقتۇ قالاڭ .
قىزغا قارىدىم . ئائدەم كۆپ يەردە سۇنۇپ قالغانلىقىدىن چىرايى ئوساللىشىپ كەتكىنى بولمىسا پاكىز ، مەسۇم چىراي قىز ئىكەن . قىزنىڭ تارتىۋاتقان خورلۇقىغا ھەقىقەتەن چىداپ بولمايتتى.
- سىڭلىم ، پۇلىڭىز يوقمىدى؟
قىز بىردىنلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى . ئاغزىمۇ ئاران گەپكە كېلەتتى :
- دادام كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا ئوپىراتسىيە قىلىنغىلى ھەپتە بوغان . تۆنۈگۈننىڭياقى ئاسما ئوكۇلنى توختىتىپ قويدى . ئانام مېنى تۇغقانلاردىن ئازراق پۇل سوراپ كەگىلى بۇيرۇغانتى . بېكەتتە يېزىغا قاتنايدىغان ماشىنا يوق ماۋۇ ئاكامنىڭ ماشىنىسىغا ...ئىھى..ھى...!..
قىز سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى . يانچۇقۇمنى كولىغانچە شوپۇرغا قايرىلدىم :
- ئۇستام ، قەشقەدىن خوتەنگىچە كىرا نەچچە پۇل ئىدى؟
-بىر ئەدەم 70 كوي.
ئەمدىلىكتە مەنمۇ مەڭدەپ قالدىم . يېنىمدا ئوتتۇز قىرىق يۈەنلا بىر نېمە بار ئىكەن . شوپۇر كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپلا بىلىپ بولدىمۇ ، قولىدىكى بۇزۇق چاقماقنى نېرى تاشلىغانچە ئېغىز ئاچتى:
- خىجىل بومماڭ قالاڭ ، بوممىسا ، يېرىم كېرا ئيپتۇراي .
پۇلنىساناپ بېرىپ قىزغا قارىدىم :
- سىڭلىم ، سىز كېتىۋىرىڭ .
شوپۇر ئۇستام ئيلىنىپ ئكتۈپ رولغا ئولتۇردى - دە ، ئاپتوبۇسنى ئوت ئالدۇردى . ماشىنىنىڭ ئالدىدا لىق ئولاشقان كىشىلەر ئەزمىلىك بىلەن يول بېرىشتى . قايرىلىپ قارىسام ، ھېلىقى قىز توپلاشقان ئادەملەر ئارىسىدىن ئۆتەلمەي تېخىچە قىستىلىۋاتاتتى . توپلاشقانلار خىيالىدا يوق بېزىرىپ تۇرۇشاتتى :
-ھەي ، بۇنداغ توپلىشىۋالماڭلا ، ھەقاسىلىرىغا ئويان بولاپتا ھە بۇ؟ تامەششە كۆرگىدەك ئىش ئەمەسقۇ بۇ؟ ئى قىز بالىنى چىققىلى قوياڭلا.
گېپىم ئازراق تەسىر قىلدىمۇ ، ئىككى ئۈچى ئازراقلا مىدىلىۋىدى ، قىز ئۆزىنى سىرىتقا ئاتتى -دە ، بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى . توپ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىۋاتسام قۇلىقىمغا ئادەملەرنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى كىرىپ قالدى :
- ما ئاداش ھەجەپ پەملىك ئىكەن دېسە .موككىدە ئى قىز بالىنىڭ ئىشىغا ئۈلگۈردى -ھە ؟
-شاپتۇل ياغىچىدا چىش كولىغان رىزقى ئەۋلىياكەن .
-قورسىقىدا جىن با نېمە تايىنلىق .
- ئەكەك جىن !
-جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دەپ ، ئىككى تال ھارام پۇل ، ياغلىما گەپلىرى بىلەن نارەسىدە قىزغا قاپقان قۇرۇپ قويدى ھەقەچان .
- شۇ . بوممىسا باكادىن باكا خەقنىڭ ئوتتۇز كوي پۇلىنى بەمەيدۇ ئۇ.
-راست ، شاپائەتچى جىگۇڭ بوممىسا يا.
-نارەسىدە قىز بالىغا يامان نىيەت ، ئالا كۆڭەل بوسا خۇدايىم جازاسىنى بېرىدا.
- شۇنداغ ، خۇدايىم جازاسىنى بېرە ، ئىگەكىم.
ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ تىرىككىنمچە ئارقامغا بۇرۇلدۇم :
-ھەي مۇسۇلمانلا ، مۇسۇلمانغۇ ھەممىمىز -ھە ؟ زادى ئاغزىڭلاردىن ياخشى گەپ چىقمامدۇ؟
چىرايىدىن گومۇشلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئاداش كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ھىجايدى:
- خەقنىڭ نىيىتىدىن ياخشىلىق چىقمايدىغان بولاپكەتتى!
-كىمنىڭ نىيتىدىن ياخشىلىق چىقماپتا؟
-خەق ئۆزى بىلمىسە بىز نېمە بىلدۇق؟
- بىلمىگەندىن كېيىن يولاڭغا قايلاپ ماڭمامسەناۋا ئاداش ،-دېگىنىمچە ئالدىغا دىۋەيلىدىم . ھېلىقى ئاداش مەندىن بەكرەك سۈر ھەيۋە بىلەن ئالدىمغا چىقتى :
-نېمە دەيسە ؟ جېدەل قىيغۇڭ باما ؟ بازالىق جۇما بىز!
ھەش پەش دېگۈچە ئۇنىڭ يېنىغا تەلەتى سۆرۈن بىر نېمىلەر پەيدا بولدى . تۇرۇپلا ئورۇنسىز جېدەل بۇرنۇمغا پۇرىغاندەك بولۇپ ئاچچىقىمنى بېسىپ ئارقامغا يېنىپ قارىسام ، بىردەمنىڭ ئىچىدە تاماشا كۆرگىلى قايتا ئولاشقان ئادەملەر ھاسل قىلغان چەمبىرەكنىڭ ئىچىدە قاپتىمەن .
-يول بېرىڭلا ، مەن چىقىۋالاي ، - دەپ ھەدەپ قىستالساممۇ بۇ خەق ھېچ مېنى چىققىلى قويدىغاندەك ئەمەس . كۆزۈمگە ئولاشقان ئادەم ئەمەس ، ئۆزۈممۇ ئات قويۇپ بېرەلمەيدىغان غەلىتە خۇنسە قوۋم كۆرۈنگەن بۇ يەردىن تېزرەك قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئادەملەر توپىغا قىستالدىم . توپنىڭ ئوتتۇرىسا قورسىقىنى توپمايتىپ پۇشۇلداپ تىنىپ تۇرغان ھېلىقى قاسساپكام ماڭا مەسخىرىلىك ھىجايدى:
-مىجەز شۇنچىلىكمىدى؟
ئۇنىڭ چىرايى بەتبەشرە توڭگۇزنىڭ چىرايىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى . تىنىقى خۇددى تومۇز كۈنى ستېلماي قالغان كونا گۆشتەك بەتبۇي ئىدى . ئۇنىڭ ساپسېرىق سارغايغان رەتسىز چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىپ بۇرنۇمغا ئۇرىلىۋاتقان بەتبۇي تىنىقلىرىدىن ھېلىلا قۇسۇپ تاشلايدىغاندەك قىلاتتىم . قانداقتۇر بىر ئارمان ۋە پىغان بىلەن توپ ئارىسىدىن يېتنىپ چىقتىم .لېكىن مەن ئات قويالمىغان ماۋۇ غەلىتە مەخلۇقلار توپىمۇ ئارمان ۋە پىغاندا قالغاندەك ئىدى...
<< شىنجاڭ مەدەنىيتى >> ژورنىلى