پۇل بىلەن ئۆلچەنمەس مۇھەببەت دىگەن(پىنھانى)
ئاپتۇرى: ئەمەتجان ئاۋۇت پىنھانى
سۈيۈش ھەم سۈيۈلۈش بار ئىش ئەزەلدىن،
سۈيۈلۈش بەك قىيىن سۈيۈشتىن بىراق .
مۇھەببەت يېڭىيدۇ ھەممىنى بىلسەڭ ،
بولسا گەر سىنىڭدە دىلدىن ئىشتىياق.
چىن مىھرىم يۈرەكتىن سۆيسەم بىر سىنى،
ئۇلۇغلاپ ھەتتاكى جاندىن ئېزىز دەپ .
پۇل تەلەپ قىلدىڭغۇ ئەجىبا مەندىن ،
ئاھ بۇ يۈرەك قالدى سەندىن ئازار يەپ .
يۈرەكنى-كۈڭۈلنى پۇلغا ساتامسەن؟،
پۇل ئۈچۈن سۈيۈلگەن سەنمىدىڭ قىزچاق.
كۈڭۈلدىن ئەتىۋا بىلسەڭ كۈڭۈلنى ،
بۇ ھايات دىلبىرى ئاچمايدۇ قۇچاق .
پۇل بىلەن ئۆلچەنمەس مۇھەببەت دىگەن،
ئەقىدە ۋاپادىن ياشنايدۇ بىلسەڭ .
مەن ئۈچۈن ئۈلۈمدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ،
پۇلنى دەپ بىغۇبار لىۋىمگە سۆيسەڭ؟.
ئاپتۇر: قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراپ يېزىسىدىن.