سىز بۇ تېمىنىڭ 112 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: تېيىپجان ئېلىيوف رۇبائىيلىرىدىن نەمۇنىلەر پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

باياۋان
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1225
شۆھرەت: 1299 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 12189 سوم
تۆھپە: 101 نۇمۇر
ياخشى باھا: 130 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1545(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 تېيىپجان ئېلىيوف رۇبائىيلىرىدىن نەمۇنىلەر

تېيىپجان ئېلىيوف رۇبائىيلىرىدىن نەمۇنىلەر

قەترىدىن تولىدۇ دېڭىزنىڭ قىنى ،
دېڭىزسىز ئۈزەلمەس ھايات يەلكىنى .
ئەگەر مىننەت قىلساڭ ئۆز قەترەڭنى سەن ،
ئۈزۈپ باققىنا  شۇ قەترەڭدە ، قېنى .

نامەردلەر قورقۇنچاق كېلىدۇ قەۋەت ،
بۇ شەكسىز ھەقىقەت ئەزەلدىن ئەبەت .
ياق ، ئۇنىڭ بار دېسەڭ قورقمايدىغىنى ،
ھە راسىت ، ئۇ قورقمايدۇ نومۇستىن پەقەت .

تال-تال كۈمۈش چاچلىرىڭنى ماڭا بەر، ئانا ،
تەشۋىشىڭنى بىللە قوشۇپ ئۆتكۈزگىن ماڭا .
سېنىڭ ئۆلمەس بەختىڭ بىلەن بىللە ياشايمەن ،
ياشلىقىمنى ، شاتلىقىمنى بەخش ئېتىپ ساڭا .

مۇبادا راست بولسا ئەيسا قىسمىتى ،
ۋە ماڭا پۈتۈلسە ئۇنىڭ جەننىتى .
مەن ئۈچۈن دوزاخ بۇ ، چۈنكى زەھەرغۇ ،
ۋەتەننىڭ ھىجرىدە جەننەت لەززىتى .

دىلبەرنىڭ كۆزىدىن كۈلكە ئاختۇرۇپ ،
يېلىنىپ يالۋۇرسام شۇنچە ئاھ ئۇرۇپ .
ئۇ دېدى : كۆزۈمدىن كۈلكە ئىزدېسەڭ ،
رەقىبنىڭ كۆزىگە قادال ئوق بۇلۇپ .

بۇ بىنالار بەلەن بولدى ھەممىدىن ،
( بۇ تېخى بىر ۋاراق بەخت تومىدىن ) .
نەدىن كەلدى دەيسەن ، نەدىن كېلەتتى ،
تۈنۈگۈن بىز قازغان ئاكوپ- گەمىدىن !

ھاقارەت تۆھمىتى كەلسە ھەرقاچان ،
ئۇنى قاراقچىدە سېزىسەن ھامان .
مېھماندەك كېلىدۇ ماختاش تۆھمىتى ،
لېكىن ئۇ قاراقچىدىن مىڭ ھەسسە يامان .

سۆيگۈڭگە كېلىدۇ تالاي خېرىدار ،
ۋىجدانغا باي بولساڭ بولدۇڭ ئېتىبار .
ئەگەر سۆيگۈڭ بولسا بەڭۋاشلىققا باي ،
ۋىجدان گادايلىقى قىلار سېنى خار .

شېئىر يازمىقىم ھەۋەستىن ئەمەس ،
مەن ئۈچۈن شېئىر-ۋىجدان ئىشى بەس .
پىكىر-يۈرىكىم ، مىسرالار-تومۇر ،
ھەرپلەر -قېنىم ، ۋەزىنلەر-نەپەس !

قۇيۇن چىققاندا ھەممىدىن بالدۇر ،
ئۇچىدۇ قامغاق -بىچارە مەغرۇر .
قىزىل يۇلغۇن تۇرۇپتۇ ياشناپ ،
چۈنكى ئۇنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر .

ھەزەر قىل ، بەزىلەر  « جۆندەشكە » ئۇستا ،
بىر ئىشقا ئالدىدىن ئۈندەشكە ئۇستا .
ئەپلەشسە ئۆزىنى داڭلاشقا ئۇستا ،
چاتىقى چىقسىلا دۆڭگەشكە ئۇستا .

جىق ئىشقا پۇتلاشتى ھەۋەس -ھېرىسىم ،
ئويلىسام ، بولىدۇ كۆڭلۈم بىر قىسىم .
ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمىگەنلەرگە ،
كېلىدۇ ئەمدى ئەجەپ ھەۋىسىم .

تېرىق يەپ ماڭغانلار ئۇزۇن سەپەرنى ،
قان بىلەن يېزىشتى قانلىق ئەسەرنى .
شۇنداق ئەسەرنى يىرتىشنىڭ ئۆزى ،
ئۇرغانلىق ئەمەسمۇ تاشقا گۆھەرنى .

ئۇزۇن سەپەردىن ئېچىلغاندا گەپ ،
قاتنىشالمىغانغا قىلاتتىم ھەسرەت .
ئەمدى ئويلىسام ، ئۇزۇن سەپەرمۇ ،
ھازىرمۇ بار ئىكەن ، قېنى سەن ، جۈرئەت ؟

ئىمتىھان بەرمەي ئاق قەغەز بېرىپ ،
يۈرۈشتى بەزىلەر كۆكسىنى كېرىپ .
ئۇنداقلار ھەرگىزمۇ تىكمەيدۇ كۆچەت ،
مېۋىنى يەيدۇ شېخىنى يىرىپ .

ساقاللىرىمغا خېلى ئاق كىردى ،
رەڭگىمگە ، ياشلىققا يات سىياق كىردى .
بىراق ، توۋلاش ئۈچۈن يېڭى ناخشىنى ،
كۆڭلۈمگە تېخىمۇ ئىشتىياق كىردى .

مېنىڭلا راست دېيىش خەتەر شۇ قەدەر ،
شۇنداق دەپ بۇلىدۇ ئادەم زومىگەر .
شەكسىزكى ، ھەممىنى مۇشىتلىغانلارنىڭ ،
ماكچىيار تۇمشۇقى ھەممىدىن بەتتەر .

كىمىكى مەستانە بولسا شۆھرەتكە ،
بولىدۇ موھتاج ئۇ خوشامەتكە .
ساختا شۆھرەتتىن ئالتۇن تاپقانلار ،
ئايلىنار ئاخىرى ئۆزى ئەخلەتكە .

مەرتىۋە قوغلىشىپ تاپماق ئەتىۋار ،
پەسكەشلەرگە لايىق ئىقتىدار .
خەلقنىڭ ئاددىي چاكىرى بولماق ،
ئەمەلدار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىپتىخار .

چاقچاق قىلمايمەن قانۇنىيەتكە ،
بويسۇنمايدىكەن شەخسى نىيەتكە .
ئۇنىڭغا بوزەك بولمايدىكەنمەن ،
تايانسام پەقەت سەمىمىيەتكە .

ئېگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى ،
مېۋىسى قانچە ئوخشىغانسېرى .
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق ،
سەتلىشىدىكەن غادايغانسېرى .

سۆكۈشلەرگە بەرداش بېرىپسەن ،
بۇ خىسلەت بىلەن يېرىم يىگىتسەن .
پۈتۈن يىگىت بولىمەن دېسەڭ ،
ماختاش ئالدىدا كەتمە ئېرىپ سەن .

ھەممىمىز سۆزلەيمىز ھەققانىيەتتىن ،
بىراق ئاشالمايمىز ئىمكانىيەتتىن ،
نېمىمىز توغرا ، نېمىمىز خاتا ،
سورايلى ، يولداش ، ئەمەلىيەتتىن .

زەر زۇننارغا شەيدا بۇلۇپ مۇنچىلىك ،
بۇيۇنغا ئاسماقلىق ھاجەت قانچىلىك .
زىننەت مەستانىسىگە ياراشماپتۇ ئۇ ،
تۆگىگە كولدۇرما ياراشقانچىلىك .

موزدوزلۇقنى ئۈگەندىم ئىشقىمنى بېرىپ ،
يىگىرمە يىل ئىشلىدىم غۇلاچنى كېرىپ .
كىيىن گىلەم توقۇشقا يۆتكىگەن ئىدى ،
قويدۇم ئىككى خالۋاپنىڭ بېشىنى يېرىپ .

بىر ئېشەك بېشىغا ئوراپ سەللىنى ،
قاپتۇ بەك كۈلكىگە دوراپ موللىنى .
تېخىمۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ مېنىڭ ،
تۆرگە باشلىغىنىم « تەقسىر » دەپ ئۇنى .

چاغلىقتۇر دۈشمەننىڭ ئەزۋەيلىگىنى ،
يامىنى يوشۇرۇن قەسىتلەيدىغىنى .
خەتەرلىك ئەمەسمۇ قاۋىغان ئىتتىن ،
ئەركىلەپ تۇرۇپلا چىشلەيدىغىنى .

ئۇرۇشتىن كىيىن بىر قەھرىمان چىقتى ،
ئاۋازى ھەممىدىن بەك يوغان چىقتى .
بىراق ، شېھىت قېنى تىلغا كىرگەندە ،
ئۇنىڭ ئاغزىدىن نە زۇۋان چىقتى .

مەرد ئېيىتتى : « رەنجىم يوق باغلانغىنىمدىن ،
بۇ مېنىڭ خاتا ئىش تۇتقانلىقىمدىن .
مىڭ ئەلا ھەق سۆزدە قارىلانغىنىم ،
يالغانغا يۆلىنىپ ئاقلانغىنىمدىن . »

دېۋېدىڭ :« بولمايدۇ ھېساب ئۈگەنمەي ،
ھېسابنى ھەر ياڭزا ياساپ ئۈگەنمەي . »
ئاىىرى سوتلاندىڭ باغلىنىپ چۈنكى ،
ھېسابتىن ئىلگىرى ئىنساب ئۈگەنمەي .

ئەيىبىڭنى سۆككەندىن كەتتىڭ يۈز ئۆرۈپ ،
ماختىغانلار قاچتى سېنى ئۆڭتۈرۈپ .
ھەي نادان ، بوۋايلار دېمىگەنمىدى :
« دوست ئېيتار يىغلىتىپ ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ . »

راستىنلا كۆپ ئىكەن دۇنيانىڭ سىرى ،
سوئالىم كۈپەيدى تۇنۇشقانسېرى .
يېشىپ باقماق بولدۇن خېلى تۈگۈچنى ،
تېخىچە يېشىلىپ بولماپتۇ بىرى .

ئادەم مەنسۇپ دېسە مايمۇن نەسلىگە ،
ئىشەنمەك شۇنچە تەس قاراپ ھۆسنىگە .
ئادەمگە ئايلىنىش شۇنچە تەس ئىكەن ،
ئەپسۇس ئاسان ئىكەن يانماق ئەسلىگە .

ئۆزۈڭدىن ئۆزگىنى قىلساڭ ئېتىراپ ،
دېمىگىن خۇشاللىق ماڭىلا ھېساب .
رەنجىشتىن ھەر كۈڭۈل بىر ئازاپ چەكسە ،
رەنجىشتىن ۋىجدان چېكەر مىڭ ئازاب .

بىناۋا ئىشقىنى گۈلگە بېرەمدۇ ؟
بۇلبۇل نەغمىسىگە ئاپىرىن دەمدۇ ؟
بىر ھېكىم ھەجەپمۇ توغرا دەپتىكەن ،
سەدەپنىڭ قەدرىنى دەريا بىلەمدۇ ؟

ئۇستا ئىكەنسەن چىۋىن قورۇشقا سەنمۇ ،
تېخى يەلپۈگۈچنىڭ سېپى بىلەنمۇ .
چىۋىن ئۇچۇپ كەتتى ، بېشىم يېرىلدى ،
ئۆلتۈرمەك بولغىنىڭ چىۋىنمۇ ، مەنمۇ ؟

باشلىققا ياقامدۇ-يوق ياخشىچاقلىق ،
ياقتۇرسا ياخشىچاقنى ئۇمۇ چاغلىق .
يۆلىنىپ ياخشىچاققا غادايسا كىم ،
بەرىبىر ، بېشى ئۇنىڭ ساڭگىلاقلىق .

كۆرگەندە قارانچۇقنى قۇشقاچ كېلىپ ،
دەسلەپتە ئۈركۈپ قاچتى ئادەم بىلىپ .
ئەتىسى « كارامەت » نى ئۇقۇپ قېلىپ ،
ئوينىدى ھەتتا ئۇنى قونداق قىلىپ .

كوتۇلداپ ئۇنىڭ-بۇنىڭ ئارقىسىدىن ،
قىزغانسا كىمكى ئەلنىڭ ئالقىشىدىن .
ئازابتا ئۆتەر ئۆزى زەھەر يۇتۇپ ،
نېسىۋە ئېلىپ ئەلنىڭ قارغىشىدىن .

ئۇلۇغ دەريا سۈيى ئاقار مۇلايىم ،
قىيساڭ ساي سۈيىنىڭ غوۋغاسى ئايرىم .
كۆكسى كەڭ ئىنساننىڭ كۆڭلى خاتىرجەم ،
كۆكسى تارنىڭ كۆڭلى پەرىشان دائىم .

ئەل نېمىگە سۆيۈنسە ، زوقلانساڭ شۇڭا ،
ئەل نېمىدىن يىرگەنسە ، ھومايساڭ ئاڭا .
ئالقىش تۇرماق ، راھەتتۇر ھەتتا ھاقارەت ،
بۇندىن ئارتۇق ئىپتىخار نە ھاجەت ساڭا .

ئېچىلساڭ رەڭگىڭدىن گۈلىستان كۆرىمەن ،
تۇتۇلساڭ ، گوياكى زېمىستان كۆرىمەن .
مەن يېلىڭ ئاشىقمەن ، ئىللىقلىققا موھتاج ،
زېمىستان سوغۇقنى بەك يامان كۆرىمەن .

تىللىدىن ساقىينى : « چىقسۇنا جېنىڭ ،
بۇلغامسەن شۇنچىلا ئەقلىمنى مېنىڭ ؟ »
دېدى : « نەپسىڭ كەلدى دېۋەيلەپ ماڭا ،
كۆرۈپتۇ كىم بۇنداق ئەقلىڭنى سېنىڭ ؟ »


ياماننىڭ دەستىدىن شۇنداق دېدىمكى :
« نېمە بىر قىلغىنىم باردۇر مېنىڭكى ؟»
ئاقىل دېدى : « بەلكى ، بىلىپ يا بىلمەي ،
يامانغا يانتاياق بولغانمىدىڭكى ...»

كۈندۈزى تۆت ئاغىنەم بىللە ئىدى ،
يولۋاسمۇ مۈشۈكچىلىك كۈرۈنمىدى .
ئاخشىمى يالغۇز مېڭىپ چاشقان بولدۇم ،
ئالدىمغا مۈشۈك ئۇچراپ قېلىۋېدى .

بىر يەردە ئېغىز -بۇرۇن يالىشىدۇ ،
بىر يەردە بىر سۆڭەكنى تالىشىدۇ .
دەيدىكەن شۇنداق تۇرۇپ : « چىن ئىنسان بىز ،
ئۇنداق ئىش ئىتلارغىلا يارىشىدۇ .»

رىياكار سوپىلار مەككار كېلىدۇ ،
يوغان سەللىنى دەستەك قىلىدۇ .
غەرەزسىز ئادەملەر ساختا سەللىدىن ،
راسىت پايتمىنى ئەلا بىلىدۇ .

قەدىرلىك سانىلار كىم قىلسا ھىممەت ،
مىننەتنى بىلمەسلىك ئۇنىڭدىن قىممەت .
پاك نەرسە بولسىمۇ ھىممەتنىڭ ئۆزى ،
بۇلغىنىپ كېتىدۇ قۇشۇلسا مىننەت .

كۈرۈپ تۇرۇپ ئوغرىنىڭ تام تەشكىنىنى ،
قاراڭلار ! مېنى قارا باسقىنىنى .
ئوغرىغا ھامىي بۇلۇپ گەپكە قالدىم ،
پاسكىنا بولدۇم ئاياپ پاسكىنىنى .

« پۇشايمان يەيدۇ - دېدى بىرى ماڭا ،
چۈشەنمەي كىم خاتا مۇشت ئاتسا ساڭا .
بەتنىيەت قەستەن خاتا قىلار شۇڭا ،
خاتاغا ئىقرار بولۇش ئۆلۈم ماڭا .»

مەنبە -شائىرلار مۇنداق دەيدۇ -ناملىق كىتاب


مەنبەسى -باياۋان

تېما تەستىقلىغۇچى : Juda
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-28, 16:04

 

شەبنەم ناخشىسى
http://izdax.xjalexa.cn/news.jpg
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-28 21:51 |
ئىزنا سودا بازىسى
azmatjan2000
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 56494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 289
شۆھرەت: 290 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2890 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

ساقلىۋالدىم  . ئالدىرماي ئولتۇرۇپ كۆرىمەن .     

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 00:39 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
tanha230
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 61074
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1796
شۆھرەت: 1797 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 17831 سوم
تۆھپە: 24 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 948(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

ئىسىل رۇبايىلار ئىكەن،تىمىڭىزغا رەخمەت،مەن ساقلىۋالاي!!!!!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
دۇنيادا ھەقىقى مۇھەببەت بار دىيىلسەئۇنداقتا ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى بولىدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 00:41 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
sidir
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 88217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

ئەجەپ شائىرىمىز ئىدى، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 01:47 |
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
kok-sultan
تەۋپىق ئىزچىسى
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 3395
شۆھرەت: 3712 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 26050 سوم
تۆھپە: 492 نۇمۇر
ياخشى باھا: 769 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 4072(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

ottura maktap darslilida bar idi ilgiri........

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 09:34 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شېئىرىيەت گۈلزارى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-30 14:57, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ