يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مائارىپتا «يېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى»،«مۇئاش ئىسلاھاتى»، قاتارلىك بىر قاتار
ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل «ئىسلاھاتلار» بەزى ئوقۇتقۇچىلىرمىزغا نىسبەتەن روھلاندۇرۇش ئوكۇلى بولغان بولسا بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نىسبەتەن «پۇلپەرەسلىك كېسىلى»نى پەيدا قىلىپ قويدى،مەيلى مەكتەپتە بولسۇن مەيلى ئوقۇتقۇچىلار يىغىلغان ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن،ئىشقىلىپ بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى بىر يەرگە يىغىلسىلا پۇلنىڭ گېپى بولاتتى،پالانى ئىدارىدىكىلەرنىڭ مۇئاشى مۇنچىكەن، قوشۇمچە تەمىناتى ئانچىكەن،پۇستانى قارى بىلەن ئايالى ھەر ئايدا مۇنچە مۇئاش ئالىدىكەن،زادى بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى ئېغىر، لېكىن قولىمىزغا كېلىدىغىنى چاغلىق، قاچانمۇ مۇئاشىمىز ئۆسەر؟ دىگەندەك گەپلەرنى داۋاملىق ئاڭلاۋىرىپ زېرىكىپمۇ كەتتىم،بەزىدە ئويلاپمۇ قالىمەن بىزنىڭ مۇشۇنىڭدىن باشقا دىگۈدەك باشقا گېپىمىز يوقمۇ زادى؟بىز ئوقۇتقۇچىلار بۇنداق دەپ قاخشىساق مۇئاشى يوقلار قانداقمۇ قىلار؟ جاھاندىكى يېڭىلىقلار ئاز ئەمەسقۇ؟ باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا؟ بىز قانداق قىلغاندا مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشالايمىز....... دىگەندەك پاراڭلارنى قىلىشساقمۇ بولىدىغۇ؟ بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەمىز ئۇنچىلىك ،باشقىلارنىڭ قانچىلىك بولماقچىدى؟ھەي، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ كەينىدە قىلىشىغا بىز ئوقۇتقۇچىلار سەۋەپچىمۇ قانداق؟
مەكتەپ بولسا «ئادەم ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت»تىن ئىبارەت تولىمۇ نازۇك، تولىمۇ ئېغىر مەسئولىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ئەگەر بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولۇ پ قالسا، ئىشلەپچىقارغان «مەھسۇلاتىمىز» دا مەسىلە كۆرۈلىدۇ ئەلۋەتتە.
كىم ئۈچۈن، نىمە ئۈچۈن ياشاشنى بىلمىگەن دەلتە، ھاڭۋاقتى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ قالمايلى، مۇئاش توغۇرسىدا ئازراق ،مائارىپ توغۇرسىدا كۆپرەك كاللا قاتتۇرايلى..........
مەنبە:قەلىمىم