« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 784 - كۆرۈرمىنى
saptilak
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 77714
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 274
شۆھرەت: 274 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2740 سوم
تۆھپە: 11 نۇمۇر
ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 289(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 مەندە بار ....سىزدە بارمۇ؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-05-28)
مەندە بار ....سىزدە بارمۇ؟



    _ئاپا، بۈگۈن كەچتە گۈلئايىم «بەخىت رىستۇرانى» دا ئۆي چىيىنى قىلماقچىكەن، مەن بېرىپ كىلەي.
    _ۋايجان، نېمانداق تۇگىمەيدىغان چاي بۇ، تېخى 2-3 ئاي ئېلگىرىلا بۇ گۈلەخ شۇ رىستۇراندا جۇۋان تويىنى قىلمىدىمۇ؟ ھەجەپ ئېزا تارتمايدېكىنا.
    _ۋاي ئاپا، چىرايلىق گەپ قىلىڭە، باشقىلارنى نېمانچە سەت ئاتايسىز؟.
     مەن ئۆيدىن چىقتىم. ئاپامنىڭ باشقىلارنىڭ بىر چىرايلىق ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئاتىشى ماڭا ياقمىدى. بىراق مەنمۇ كۆزۈمگە سىغمايدىغان كىشىلەرنى ھەرنېمە دەپ ئاتايمەنغۇ. ھەي مەنمۇ شۇ ئانىنىڭ بالىسىدە. دېمىسىمۇ بۇ گۈلەخ چاي قىلغىلى ئەمدى ئۈچ ئاي بولاي دېگەن. ۋاي بولدىلا، ئاپام ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ. مەنمۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا  تىخى كۆچمىگەن بېنا ئۆيۈمنىڭ چىيىنى، كىچىك قىزىمنىڭ گۈل چىيىنى، 15 يىللىق توي خاتىرە كۈنۈمنىڭ چىيىنى شۇنداق كەڭ ئۆتكۈزگەنغۇ. ئەمدى شۇ ئۆتنىسىنى قايتۇردىغان گەپ.

     ئەمدى ماشىنىغا چىقاي دەپ تۇراتتىم، رابىيە چىرايلىرى ھازىرلا گۆردىن ئىچىۋالغاندەك ھالەتتە ئۈچىرىدى. ئۇنىڭ  كېچىدىن زادىلا ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىغى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
     _ۋاي ئاداش قارا، ئاخشام ھىلىقى ماڭا پات-پات تېلىفۇن قىلىپ تۇرىدىغان كىشى «بىر-ئىككى دۇستتىڭىزنى ئېلىپ چىقىڭ، بىر مىھمان قىلۋالاي دېگەن» سېنى ئەچىقاي دىسەم ھەرگىزمۇ ئۇنىمايسەن، شۇڭا رىزۋاننى ئېلىپ چىققان.
     _قايسى كىشى؟
     _ھەجەپ ئۇخمۇدۇڭ-ھە، ھىلىقى مەن توردا تۇنۇشۇپ قالغان كىشىچۇ.
    _ھە، ئېرىڭغا نىمە دېدىڭ؟
    _ۋاي شۇ بەك بېشىم قېتىپ، ئاخىرى ئىدارىدە نۆۋەتچى ئىدىم دىسەم، «نۆۋەتچىلىكنى سىزلا قىلامسىز؟» دېمەسمۇ، يالغان-ياۋىداق گەپ توقۇپ، ئاران ئۆيدىن چىقىۋالدىم. ۋاي قارا، تەلىيىمگە بىزنىڭ ئىدارىنىڭ نۆۋەتچىلىك ئۆيىنىڭ تېلفۇنى بۇزۇق ئېدى، شۇڭا خاتىرجەم ئولتۇردۇق.
    _بەك كەچ قايتىپسىلەنمۇ نېمە؟
    _ئۇنىڭ گېپىنى بىر قىلما، ئۇ ئادەم بەك مەرتكەن، ئۇ بىر دۇستتىنى ئېلىپ چىقىپتىكەن، شۇنداق كېلىشكەنكەن، ئۇنىڭ بىلەن رىزۋان چىقىشىپلا قالدى. ھېلىقى ئالغان قىزىل ھارىقى بەك قىممەتكەن، ھەم بەك ئېسىلكەن. شۇنداق كۆپ ئىچىۋىتىپتىمىز، قارا ئاداش. ئاخشام بەك كەچ قالغاچقا، ھەم ئېغىر كىرگەچكە ئېرىم دىگەن نېمە ئەتىگەندە گەپمۇ قىلمايدۇ. كەچتە ئۆپكىسىنى تەتۈر ئۆرۈيدۇ ھەقاچان.
     مەن كېتىپ بارىمەن. كۆڭلۈمدە «نېمانداق خىجىل بولمايدىغاندۇ بۇ كۈننىڭ ئاياللىرى» دەپ ئويلۇدۇم. شۇ زامان قايسى بىر چاغدا مەنمۇ بىر دۇستۇمنىڭ سالاسى بىلەن شۇنداق رەڭلىك سورۇنغا بېرىپ «جۇڭگۇ خۈڭ» نى بولىشىغا ئىچىپ، ئۇن ئىككى بارماق ئۇچەي يارىسى بولغىنىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.شۇ چاغنى ئەسلەپ، تۇرۇپ خىجىل بولغاندەك بولدۇم. ئەمما مەن باشقىلارنى ئەيىپلىگىنىم بىلەن، شۇ ئىشنى مەنمۇ خىجىل بولماي قىلغان-دە.

     چىرايلىق بىر قىز، مەن ئاپتۇبۇسقا چىقىشىمغا بىرسىگە تېلىفۇن قېلدى.
     _ <ۋەي، ھە مەن>. <.....ئاخشام قايتىپ كەلدىم>. <....ھە، بىر ئاخشام قوندۇم>. <.....نەدە ياتاتتىم، بىڭگۇەندە ياتتىم>. <.....ھە ئەلۋەتتە بىياۋجۈن ياتاقتا ياتىمەندە>. <.....شۇ بايا تېخى كۇۋەيسەندە  جاجۇرمىيەن ئىچكەن>. <.....نېمە؟ مەن بۇرناكۈن ئۇنى شەنچۇ قىلۋىتىپ، باشقىسىنى شازەي قېلىپ قويغانغۇ>.<.....ھە شۇنى شا يى بۇ  قېلىپ، چۇدىڭ قىلۋەتسەڭ بولىدۇ>. <....نېمە؟ داكەي بولمىدىما؟ بولدى، بولدى، مەن ئۆزەم بېرىپ، ئەنجۇاڭ  قېلىپ بېرەي>.  <....سۇپۇن، يەنىچۇ؟>  <....ھە، قانداق ياگۇنى ئالىمەن؟> <.....ماقۇل، ھېلى كۆرىشىلى ئەمسە، خوش>.
       ھېلىقى قىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، شۇنداق بىئارام بولدۇمكىن، ئىچىم مىجىر-مىجىر بولۇپ كەتكەندەكلا بولدى. «توۋا، بۇ بىزنىڭ تىلىمىزما؟ مىھمانخانىدىمۇ، ئاشخانىدىمۇ، دۇكاندىمۇ، توردىمۇ، ئۆيدىمۇ ئەبجەش گەپلەر......» دەپ ئولۇدۇم. شۇ زامان مەكتەپتە بىز ئوقۇتقۇچىلارمۇ دائىم بۇنداق ئەپجەش گەپتىن خالى ئەمەسلىگىمىز يادىمغا يەتتى. تىخى سىنىپتىمۇ ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ شۇنداق ئەبجەش گېپىنى تۈزەتمەي، ئۇ بالىلارغا دۇس تارتىشىپ بەرگىنىمىز يادىمغا كېچىپ قالدى.  

     رىستۇران زالى مىھمانلار بىلەن توشقان ئېدى. پەرىزاتتەك ياسانغان بىر قىز مېنى دۇستلىرىم بار ئۈستەلگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئەمدى بىر پىيالە چاي ئىچىشىمگە دىلبەر مېنى سىرتقا تارتتى.
     _ۋايجان ئاداش، ھەجەپمۇ تەستە كەلدىڭ. بىر خۇشاللىغىم بار ئېدى، ساڭا دېيىشكە ئالدىراپ شۇ.
     _ھە، قېنى دىگىنە.
     _قارا، سەلىمە ئۆتكەن يىلى مېنى ئېرىمغا چىقىشتۇرۇپ، شۇنداق خارغا قويغان. ئۇنىڭدىن ئۆچۈمنى ئېلىپ شۇنداق پۇخادىن چىقتىم.
    _قانداق ئۆچۈڭنى ئالدىڭ؟
    _ئۆلۈشكۈن كەچتە كېتىۋاتسام ئۇ شۇنداق سالاپەتلىك بىر ئەركىشى بىلەن غەربى ئولتۇراق رايۇنغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئېرى دىگەن لامزەللىگە تازا ئېچىتىپ تېلىفۇن قىلغان ئېدىم. ئەتىسى قارىسام، ۋاي ئۇ سەلىمەنى بىر دېمە،  بىر كۆزى دىگەن كۆپ-كۆك، يۈزلىرى ئىشىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. ئۇ ئۇدۇل باشلىقىمىزنىڭ يىنىغا كىرىپ كەتكەن، چۇقۇم ئېرىنىڭ ئۈستىدىن داتلىغىلى كىردى. ئەمدى تىخىممۇ تاماشاسىنى كۆرىدىغان بولدۇم.
    توۋا، بىزنىڭ يەنە قىلغىدەك نېمە ئىشىمىز قالغاندۇ؟ مەن ھەيران بولدۇم، ھەم سەلىمەگە ئىچىم ئاغرىدى. دەرھاللا بۇنىڭدىن 17 يىل بۇرۇن ئۆز ئاچامنى دادام، ئاپامغا قىلمىغان ئىشنى قىلدى دەپ، كىچىككىنە ئىشنى كۆپتۇرۇپ چىقىشتۇرۇپ، چوپ-چوڭ بىر قىزنى تاياققا قويغاندىن باشقا يۇرۋاتقان يىگىتىدىن مەجبۇرى ئايرىۋەتكەن ئىشىم ئېسىمغا كەلدى. يەنە تىخى خىزمەتدىشىم پولاتنىڭ شۇنداقلا بىر قاملاشمىغان قېلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ ئايالىغا ئىزىپ-ئىچۈرۈپ چىقىشتۇرۇپ، شۇنداق پاراكەندىچىلىككە سېلىۋەتكىنىم ئېسىمگە كېلىپ، ئۆز-ئۆزەمدىن خىجىل بولدۇم.

     ئۆينىڭ يىنىغا كېلىشىمگە يول بويىدىكى ئىستۇلبىنىڭ يېنىدا بىر ياش، بىر ئۇتتۇرا ياش ئىككى كىشىنىڭ غەرىق مەس ھالدا ياتقانلىغىنى كۆردۇم.
     توۋا دېدىم ئۆز-ئۆزەمگە. بىراق دەرھاللا يەنە  مېنىڭ 60 تىن ئاشقان دادامنىڭمۇ ھېلىغىچە ھاراقنى تاشلىمىغانلىقى، ئېرىمنىمۇ نەچچە رەت مۇشۇنداق ھالەتتە ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىم ئېسىمگە كەلدى.
     بۈگۈن شۇنداق تولا «توۋا» دەپ كەتتىم. نەچچىسىنى كۆڭلۈمدە ئەيىپلىدىم. بىراق ئۇلارنى ئەيىپلەشكە نېمە ئاساسىم بار؟ چۈنكى ئۇ بولمىغۇر ناچار ئىللەتلەر مەندىمۇ يەتكىچە تۇرسا.  بۇنداق ئىللەتلەر سىزدىمۇ بارمىدۇ؟........

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-28, 12:27

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+1(qumqazi)
  • شەبنەم ناخشىسى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-28 20:23 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    地狱的火
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 37030
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 345
    شۆھرەت: 606 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2270 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 341(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

     

    پاچاق چاقىمەن..................................................

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
     
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 20:33 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    UYGHURAAA
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 62532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1864
    شۆھرەت: 2394 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17683 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 798(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    چاي ئويناشقا رۇخسەت يوق،چاي.چاي.چاي.چاي ئاشۇ چايلار بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ،ھازىرئاياللىرىمىز بىلىم ئېلىپ پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلەپ، مىللەتىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان مەزگىل.
    چۈنكى ئاياللار دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 20:41 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    aytoldi321
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 32432
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 197
    شۆھرەت: 198 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1915 سوم
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 362(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    زادى بۇ بوپ كېتىۋاتقان ئىشلارغا توۋا دەپ ئىنساۋىمىزنى تىلىمىسەك بىكا جۇما..........بۇلۇپمۇ ئاشۇنداق رەڭلىك سورۇندا ھاراق ئىچىپ ،ئەرلىرىنى ئالداپ ،پەخىرلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىسام نېرۋام ئۆرلەپلا قالىدۇ جۇمۇ.....بىر تەرەپتىن ئاشۇ بۇزۇق خوتۇنلارغا ئاچچىغىم كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن لاتىلىشىپ كىتىۋاتقان ئەرلەردىن نەپرەتلىنىپ كىتىمەن....چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ-دە.......ھەييييييييي .........

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 20:43 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    atom
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12698
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 650
    شۆھرەت: 743 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6396 سوم
    تۆھپە: 125 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 96 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 922(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    ماۋۇ يازمىنىڭ مەنىسى ھەقىقەتەن چوڭقۇركەن جۇمۇ! ئۆزىڭىز يازغانمۇ؟

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    تالاشماڭلار خالايىق، قالىدىكەن بۇ دۇنيا!
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 20:44 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    salima0992
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 82766
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 365
    شۆھرەت: 370 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3650 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 490(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،مۇشۇنداق خەقنىڭ ئويىننى كۆردىغانلار ئاز ئەمەس جۇمۇ.ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرشايلى!!!!!!!!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 20:54 |
    شەبنەم ناخشىسى
    2-1=0
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 87891
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    شۆھرەت: 36 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    مىنىڭ  ئاتا _ئانام  دايىم  شۇنداق تۇگۈمەس چاي  دىگەندەكلەرگە كىتىپ ،ئاتام  مەس  ،ئاپام  قاخشاپ يېرىم  كىچىدە  كىلىپ «قورقۇش» دىگەنلەرگە  «كۈنۈپ»  كەتكەن مىنى  ئۇيقۇتۇپ  ، .ئاپام  قۇلۇمنى  تارتىپ  چوڭ  ئاپاملارنىڭ ئۈيىگە ئىلىپ  ماگغاندا  ....     شۇنداق  بىزار   بۇلۇپ   كىتىمەن ````

    مۇشۇنداق   ئائىلىدە   چوڭ  بولغان   بىزلەر    قانداق  ئادەم بۇلارمىڭز؟؟؟   قانچىلىك   ئادەم   بۇلارمىڭز ؟؟؟

          ئىچكى  ئامىل  بىرىنچى   دەپ  كەپ  ،ئاخىرى   ھەممىنى  بىزلەرگە  ئارتىپلا   قۇيىشىدۇ  ....

                   ھەي....

           دايىم   مۇشۇنداق   چىگىش  خىياللار  ئىچىىدە  ئۆز  ئۆزەمگە  شۇنداق  ۋەدىلەرنى   قىلىپ  كىتىمەن....

                

    1+1=ھەمىگە،2-1=0
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 21:00 |
    شەبنەم ناخشىسى
    KAPSIZ-KIZ
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 67961
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 515
    شۆھرەت: 515 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2898 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 501(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

     

    سۆزلىسەم بەكلا  سۆزلىۋەتكۈدەكمەن..................................
    يەنىلا  تېما  ئېگىسىگە  رەخمەت.......

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى  كىملەرگە خار بولمىغان.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 21:16 |
    ALi-music
    ئەلى ئاخنىياز
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13318
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1067
    شۆھرەت: 1078 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10670 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 880(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    ھازىرقى دەۋىردە بىز ئۇيغۇرلاردىن ئوتە ئىسراپخور مىللەت يوق . قۇڭامدا ئىشتان يوق  ئېتىم مارجان بۈۋى  دىگەندەك  
    تاپقان پۇلنىڭ تايىنىيوق رېستۇراندىن كىرمەيمىز . بايرام دىسە پۈتۈن دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ بايرىمىنى  بىزنىڭ قىلىۋالىمىز

    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 21:18 |
    qartikin
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 59607
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 348
    شۆھرەت: 1264 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2550 سوم
    تۆھپە: 9 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 848(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

      بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى تىمىكەن سىزدە بېرى مىنىڭچە نۇرغۇنلىغان ئادەملاردە ھەتتا بەزە ئەرلىرىمىزدە بار .

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 21:20 |
    begubarimsan
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 90987
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 44
    شۆھرەت: 44 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 390 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    راسلا ياخشى تېما ئىكەن ،< پچاقنى ئۆزۈڭگە سال ،ئاغرىمىسا خەققە > .باشقىلارنى بىرنىمە دىيىشتىن ئاۋال ئۆزىمىزنى دەڭسەپ باقساق يامىنى كەتمەيدۇ . ئېغىرىنى كۆتۈرۈش ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ جۈملسدىندۇر . بىلەگەنلا ئىشنى دەپ يۈرۈش ياخشى ئەمەس .

    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 21:24 |
    ئۇيغۇرئاي
    Miss watan so bad
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 3272
    شۆھرەت: 3532 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 33080 سوم
    تۆھپە: 824 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 608 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-06

     

    كۈلگۈم كىلىدۇ جۇمۇ.
    دوستلىرىمدىن ئاڭلايمەن، يېڭى يىلدا ئولتۇرغانتۇق، بايرامدا ئولتۇرغان، ھىيىتتا ئولتۇرغان. ۋاي تىخى ئۇلار ئولتۇرمىغان چاغان قالمايدىكەن.
    يىڭى تىلفۇنلاشقاندا ماڭا بۇ گەپلەر قەتئىي غەيرى تۇيۇلمايىتتى. ئۇنداق يەرلەرگە ۋەتەندە ۋاقىتتا كىرىپ باقمىغان بولساممۇ قۇلىقىمغا تولا كىرگەچكە، ئانچە بىلىنمەپتۇ.
    ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇلار بىلەن تىلفۇنلاشسام تىلفۇننى ئىلىپلا  ئولتۇرغاننىڭ، ئوينىغاننىڭلا گىپىنى قىلىدۇ. شۇنچىلىك رايىم قايتىپ كەتتى. بىر نىمە دەي دىسەم، ۋاي بىلمەيسەن،ئوقۇغان بىلەنمۇ خىزمەت يوق، ئالىي مەكتەپ دىگەننى مۇشۇنداق ئويناپ، راھەت سۈرۈپ دەپلا چۈشكەندىن كىيىن.
    ئوتتۇرا مەكتەپتە شۇنداق يىقىن ئۆتكەن ساۋاقداشلىرىمدىن ھازىر پەقەت بىر نەچچىسى بىلەنلا ئىزدىشىمەنكەن. ھەي .......
    تىخى ، قىزىغا ھالقا سىلىش چىيى، قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، يەنە بىر نىمە كۈنلىرى< خەتنە توي قىلىدىغان ئوغىلى يوقلار> شۇنداق قىلىپ باشقىلارغا ئاپارغان نەرسىسىنى قايتۇرۋالارمىش.

    بەلكىم بىر گەپنى قىلسام ھەيران قالارسىلەر.
    ئەگەر ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ قىزلىرى ماۋۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە كىلىپ مۇشۇنداقلا قارايىدىغان بولسا، كۆزىگە گەپ يوق 90% ئادەم نامىرات كۆرۈنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كىيۋالغان كىيمى ئەڭ ئەرزان لىكىن سۈپىتى ياخشى كىيىملەر. خىزمىتى بارلاردىن باشقىلار ئالاھىدە كىيىنمەيدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنى دىمەيلا قوياي جۇمۇ
    ئەگەر مەن ۋەتەنگە ھازىر مۇشۇ يەردە كىيىپ يۈرگەن كىيىملىرىم بىلەن بىرىپ ئاۋۇستىرالىيەدىن كەلدىم دەيدىغان بولسام جىق قىزلار تازا زاڭلىق قىلىدۇ ھە قاچان، نەدىن تاپقان ئاددىي كىيىملەردۇر ماۋۇ قەلەندەرنىڭ دەپ، چۈنكى كۆپچىلىك  خەقنىڭ ئۇچىسىغا قاراپلا باھا بىرىشكە بەك ئادەتلىنىپ كەتكەن.
    مەن بۇ يەرگە كىلىپ شۇنچە چوڭ شەھەردە بىر نەچچە ئورۇنلاردا تانسىخانا ، قاۋاقخانىلارنى چىلىقتۇردۇم، لىكىن قەدەمدە بىر كىتاپخانىلارنى كۆردۈم.
    بىر مىللەت ئويۇن بىلەن ئەمەس بىلىم بىلەن تەرەققىي قىلىدىكەن ئەمەسمۇ



    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
    بەزى ئادەملەر بىر قاپاق سۈينىڭ تۆكۈلگىنىگە زارلانمايدۇ، ئەكسىچە بەزى ئادەملەر بىر تامچە سۈيى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئاھ ئۇرىدۇ

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 21:33 |
    0903TILSIMAT
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17398
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 311
    شۆھرەت: 312 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3110 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    مەندە ھازىر يوقكەن خۇدايىم كۆڭلۈمگە قاتـتىق ئىنساپ بەرگەي كېيىنمۇ بولمىغاي,,,,

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 21:36 |
    sarang0998
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28053
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 321
    شۆھرەت: 332 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1895 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

     

    پاچاق چاقىمەن ~~~~بۇ گەپ ناھايىتى ئورۇنلۇق ~~~

    ئاللاھۇ ئەكبەر !!!
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 22:00 |
    saptilak
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 77714
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 274
    شۆھرەت: 274 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2740 سوم
    تۆھپە: 11 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 289(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    Quote:
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىatomنىڭ2009-05-28 20:44 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ماۋۇ يازمىنىڭ مەنىسى ھەقىقەتەن چوڭقۇركەن جۇمۇ! ئۆزىڭىز يازغانمۇ؟

    شۇنداق، ئۆزەم يازغان. بەرگەن باھايىڭىزغا رەھمەت.

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 22:11 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-30 14:57, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ