سىز بۇ تېمىنىڭ 227 - كۆرۈرمىنى
kattayaylak
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 469(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 جىن قوغلاش(ھېكايە)

قۇدرەت ئەلى
جىن قوغلاش
(ھېكايە)
مەھەللە دوقمۇشىدىكى كىچىك بوتكىنىڭ ئالدىدا بىر توپ كىشى تاغدىن –باغدىن پاراڭ قىلىشىپ ئولتۇرشاتتى.يان تەرەپتىكى يولدىن بىر بوۋاي بىر نىمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىغىنىچە چىقىپ كەلدى.
-قادىر ساراڭ كېلىپ قالدىغۇ؟-دىدى ئارىدىن بىرى.
-ھەي ،ئۇنداق دىمە ،بىز ئۇنىڭچىكلىك بولغىچىە نىمە بولمىز،نىمە ئەمەس، كىم بىلىدۇ،-دىدى يەنە بىرەيلەن.
-موشۇ ئادەم زادى قانداق كىسەلدۇ دەيمەن،ساراڭمىكىن دىسە قىلغان ئىشلىرى ئوڭلۇق،ساقمىكىن دىسە ،كۇن بويى مەھەللە ئارلاپ ،‹‹ئايتەلكۇرس››ى ئوقۇپ يۈرگىنى يۈرگەن...-دىدى ئۈچىنجى بىرەيلەن.
گەپ شۇيەرگە كەلگەندە بوۋاي ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتۈپ قالدى.
-    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قادىرانىكا ،قايان ماڭدىڭ؟
بوۋاي ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلارغا پىسەنىت قىلمىغاندەك سۇس قاراپ قويدى ۋە:
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھۇ لائىلاھۇ ئەلھەييۇل قەييۇمىل... -دىگىنىچە ئۆتۈپ كەتتى.
بوۋاي 80لەرنىڭ قارىسىنى ئالغاندەك كۆرۈنەتتى.تەقى-تۇرقىدىن ‹‹ساراڭ››لىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.ئۇ ئېگىز گەۋدىسىنى تىك تۇتۇپ ،چوڭ-چوڭ چامداپ ماڭاتتى.ئۇزۇن ئاق ساقىلى كەڭ يۈزىدە ئۇنىڭ‹‹ ھۆرمىتى››دەك كۆرىنەتتى. قارسى يۈتكەن ھامان ئۇنىڭ ئۈستىدە بولىۋاتقان پاراڭلار داۋامىنى تاپتى.
-ھېي،مەمىتىكا، قادىرانىكام ئىلگىرى راستىنلا تۆگىمەنچىمىدى؟
-ھەي ئۇكام،-دىدى ياشتا ھەممەيلەندىن چوڭراق كۆرىنىدىغان مەمەت ئىسىملىك كىشى گەپ ئېلىپ. ئۇ ‹‹ھەي››دىگەن سۆزنى شۇنچىلىك سوزۇپ،ئاھاڭلىق ئېيىتتىكى؛ئۇ بۇ سۆزى ئارقىلىق بوۋايغا بولغان ھېسداشلىقىنى تامامەن ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى.ئۇلۇغ بىر كىچىك تىنىقتىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
-ئۇ بىزدىن كەمتىرى 20ياش چوڭدۇ،ياش چاغلىرىدا شۇنداق كۈچتۈڭگۈر ئادەم ئىدى.چېلىش سورۇنلىرىدا ئۇنى يىقىتقان ئادەم يوق ئىدى.ھەر قانداق ئادەم بىلەن چېلىشسا ،‹‹تۇتتۇڭمۇ؟››دەيتتى،‹‹ھەئە››دىگىچە يەرگە ئۇرۇپ بولاتتى.
سۆزلىگۈچىنىڭ كۆزلىرىدىن بوۋاينىڭ شۇ چاغلىرىغا بولغان ئوتتەك ھەۋەسىنى كۆرگىلى بولاتتى.
-ئۇنچىۋالامۇ ئەمەس بولغىيتتى؟-دەپ گەپ قىستۇردى بىرەيلەن.
-نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ،سەندەك سويما قوڭلارنى ھازىرمۇ جايلاپ قويىدۇ جۇما ئۇ.
يىنىك كۈلكىدىن كېيىن مەمەت ئىسىملىك كىشى سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-ئۇ ئىلگىرى تۆگىمەن باقاتتى. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ئۇنىڭغا پاسىق ئالۋاستى چېقىلىپ قويغانمىش.
-ما بىمە دەيدىغاندۇ ئەمدى،ئالۋاستى دىگەن يوق نىماۋا ئۇ...
-ئۇنداق دىمە ھوي ،كەچتە جايلاپ قوينمىسۇن يەنە...
- ما گەپنى ئاڭلاشمامساۋاي ،گەپنىڭ بىر نىمىسىگە تەپمەي...
-...
بىردەملىك قىستۇرما پاراڭلاردىن كېيىن ،مەمەت بوۋاي گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
-تۆگىمەنگە ئۈگۈت چىقمىغان بىر كۈنى ئۆزى يالغۇز تۆگىمەندە قونۇپ قاپتۇدەك.يېرىم كېچە بولغاندا ئۇ كۈچلۈك قىيا –چىيادىن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كېتىپتۇ.پۈتۈن بەدىنىنى قارا تەر بېسىپ كېتىپتۇ.قارىسا ئەتراپىدا بىر توپ گۈزەل قىزلار پىرقىراپ،ئايلىنىپ نەغمە-ناۋا قىلىشىۋاتقۇدەكمىش.ئۇ بۇلارنىڭ ئالۋاستى ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ ،نىمە قىلارنى بىلمەي ، بەك قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ‹‹لائلاھە ئىللەللەھۇ››دەيمەن دەپ‹‹لالالالالا››دەپ كېتىپتۇ.
-‹‹ئايتەلكۇرس››نى ئوقىسا بولمامدىكەن،-دەپ گەپ قىستۇردى بىرى.
-شۇ گەپ ئەمەسمۇ،-دىدى بوۋاي بىر خىل ئاچچىق بىلەن،-ئەمما ئۇ شۇ چاغدا ‹‹ئايتەلكۇرس››نى بىلمەيدىكەن.
-ھە،ھە ،ئاخىرىنى دىگىنە ،كېيىن قانداق بوپتۇ؟-دەپ ئالدىراپ كەتتى بىر ياش يىگىت.
-شۇنىڭ بىلەن ئالۋاستىلار بارغانسىرى ھەدىدىن ئېشىپ ،ئۇنىڭغا ھېلىقىدەك ئىشىنى قىلىش تەلىۋىنى قويۇپ تۇرىۋاپتۇدەك.
-ۋاھ،-دەۋەتتى بىر يىگىت ئىختىيارسىزلا.
-سەن ساراڭ بولغان ‹‹خوپ ،بولىدۇ››دەيتىڭغۇ –ھە؟
بۇ قېتىم ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشتى.
-ئاخىرىنى تىزراق دىسەڭچۇ،-دېدى ئارىدىن ئالدىراڭغۇ بىرسى.
-شۇنىڭ بىلەن ...ئادەمنى ئازدۇرۇپ ،گەپ ئارلىمىسا... شۇنىڭ بىلەن بوۋاي ئۇلارغا ‹‹جېنىمنى ئالساڭلارمۇ مەيلى،مەن ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن،پاك تۇغۇلغانمەن،پاك ئۆلىمەن،خۇدادىن قورقۇڭلار ...››دەپ كۆپ يالۋۇرۇپتۇ. بىراق جىنلار ‹‹بىز خۇدادىن قورقىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن جىن بولۇپ كەتكەن ،سەنمۇ بىز بىلەن بۇ ئىشنى قىلساڭ بىز بىلەن بىر قەۋىمدىن بولسەن،مانا بىزدەك شاد-خۇرام ياشايسەن ...››دەپ ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرىۋاپتۇ ۋە تەرەپ –تەرەپتىن بوۋايغا ئېسىلىپتۇ.
ئۇ گەپنى شۇ يەردە توختىتىپ ،يېنىدىكى بىرىنىڭ قولىدىكى موخۇركىنى ئېلىپ ،كۈچەپ تارتتى.
-خۇمارىڭ ئەجەپ يامان يەردە تۇتتى،- دىدى باياتىنقى ئالدىراڭغۇ.
بوۋاي ئۇنىڭغا بىر ئالىيىۋىتىپ ،سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-قالتىس نوچى ئادەم جۇما بۇ ،ئاشۇنداق ھالقىلىق چاغدا ئۇ كاللىسىنى ئىشلىتىپتۇ.
-قانداق قىپتۇ؟
بوۋاي بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ئالايمىدى.
-ئۇ جىنلارغا ‹‹بىز ئىنسانلاردا بۇنداق ئىشىنى قىلىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان بىر ئادىتىمىز بار،ئۇنى قىلمىساق  ئەرلەر كارغا كەلمەيدۇ.بىز بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى ھەر ئككى تەرەپ  بەدىنىمىزگە دورا سۈركەيمىز،ئاندىن بەدىنىمىزنى ئوتقا قاقلايمىز ››دەپتۇ.جىنلار‹‹ ھە ،بولىدۇ››دىيىشىپتۇ.ئۇ تەمكىنلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ،جىنچىراققا ئىشلىتىدىغان سۇ ماينى ئېلىپ ،بەدىنىگە سۈرتۈشكە باشلاپتۇ.جىنلار ‹‹بىزگىمۇ بەر››دەپ تۇرىۋاپتۇ.بوۋايمۇ ئۇلارنىڭ شۇنداق دىيىشنى كۈتۈپ تۇرغانكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا بىر شىشە كىرسىننى ئېلىپ بېرىپتۇ.جىنلار كىرسىننى تالىشىپ –تارتىشىپ ئېلىپ ،بەدەنلىرىگە سۈرتۈشۈپتۇ.
ئۇشبۇ دەقىقىدە ھەممەيلەن ھېكايىگە شۇ قەدەر بىرىلگەن ئىدىكى؛قوللىرىدىكى موخۇركىلار ئاللىبۇرۇن ئۆچۈپ قالغان ئىدى.بوۋاي ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇردى:
-شۇنىڭ بىلەن بوۋاي سەرەڭگىنى يېقىپ ،بەدىنىنى ئوتقا قاقلاپتۇ.جىنلارمۇ ئۇنى دوراپ ،شۇنداق قىپتىكەن،ھەممىسى ئوت ئىچىدە قاپتۇ.قىرقىراشقىنىچە كۆزىدىن غايىپ بوپتۇ.
ئەمما بوۋاي شۇ كۈندىن باشلاپ ، مانا موشۇنداق بىر ئاز غەلىتە بولۇپ قاپتۇدەك.
ئۇ ھەر كۈنى تاڭ نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنلا،مەھەللە ئارلاپ ،‹‹ئايتەلكۇرس››نى ئوقۇپ،مەھەللىدىكى جىنلارنى قوغلاپ يۈرىدۇ...
ھەممەيلەن تەبئى ھالدا بوۋاي كەتكەن يول تامان قاراشتى ھەمدە يىنىك تىن ئېلىشتى .

تېما تەستىقلىغۇچى : Juda
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-28, 16:06

 

شەبنەم ناخشىسى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-28 19:56 |
ئىزنا سودا بازىسى
attilla11
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 80831
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

بارىكاللا،،،،

دوستۇم،بۇنداق جىنلارنى ھازىر توردا باردەيدۇ،
تەرەققى قىلىپ تور ئوينايدىغان بولۇپ كېتڭپتۇ.
ياخشى ئەسەركەن

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 00:38 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
jazim
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 86292
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 133
شۆھرەت: 133 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

                                                                                                     yah xi asarkan dostum rahmat bolsa yana yollap turarsiz ha .!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
./?a=jazim

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 11:37 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
uzmakanim
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 40648
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 122
شۆھرەت: 374 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

تىلى ئاددىي ئەمما مەزمۇنى چوڭقۇر ھېكايىكەن بۇ   
ئاشۇ ئادەمنىڭ ئورنىدا جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشلەر بولۇپ قالغان بولسا قانداق قىلار بولغىيتى ھە   
ئاشۇ ئادەمنىڭ گېپىنى قىلىپ،ئولتاغانلىغىمۇ يامان جىن چاپلاشقاندەك قىلىدۇ   

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 12:53 |
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
ALTIKEN
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 4549
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 557
شۆھرەت: 564 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4844 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 271(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

   ياىشى ئەسەر ئىكەن .  مەزمۇنى چوڭقۇر

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
ھاراق ئىچمەي ئولتۇرغىلى بولىدۇ ...
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 14:59 |
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
pihanlikyurak
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 71625
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

ھازىر جىن چاپلىشىپ قاپتۇ دەيدىغان گەپلەرنى جىق ئاڭلايدىغان بولدۇق.شۇڭا تورداشلارمۇ بەكرەك دىققەت قىلىڭلار سىلەرگىمۇ چاپلىشىپ قالمىسۇن - يەنە!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 18:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-30 03:55, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ